ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇرچىنىڭ ھەقىقىي يادروسى ئاخباراتچىلىقنىڭ ئالىي ئۆلچەملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بارلىق مۇخبىرلىرى ( بۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۈچۈن ئۇچۇر يىغىدىغان، ئىگىلەيدىغان، خەۋەر-ماقالىلەرنى تورغا چاپلايدىغان ۋە خەۋەر پروگراممىلارنى ئېلان قىلىدىغان بارلىق خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆۋەندىكى نېگىزلىك پرىنسىپلارغا بويسۇنغان ھالدا كەسپىي ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەم بويىچە ئىش تۈتىشى ھەمدە ئاخباراتچىلىقنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر-پروگراممىلىرى چوقۇم توغرا، خالىس ۋە تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى چوقۇم ئېغىر بېسىق ۋە تەمكىن كەيپىياتنى ساقلىشى ھەمدە ھەرقانداق شەخس، گۇرۇپپا ۋە ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان جېدەل-ماجىرا، بىر تەرەپلىمە تەشۋىقات ۋە ياكى ھاقارەتلەردىن خالى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ۋەز ئېيتماسلىقى ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنى زوراۋانلىق قىلىشقا كۈشكۈرتمەسلىكى ۋە ياكى ئۇلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، تولىشىپ كۆچۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە رىغبەتلەندۈرمەسلىكى؛ ئەكسىچە، ئۇچۇر-ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشىمايدىغان پىكىر-قاراشلارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى ھەرقانداق ئەپقاچتى گەپ، سۆز-چۆچەك ۋە ياكى دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارنى ھەرقانداق خەۋەر ۋە پروگراممىلارغا ئارىلاشتۇرماسلىقى، ماقالىنى مۇمكىن قەدەر بىردىن ئارتۇق مەنبەدىن پايدىلىنىپ يېزىشى كېرەك.
• ئەگەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى خاتا ماتېرىيال، خەۋەر، ئوبزورلار ۋە ئۇچۇرلارنى رادىئودا بېرىپ ياكى توردا ئېلان قىلىپ قالغان بولسا، دەرھال خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە خاتالىق قەيەردە كۆرۈلگەن بولسا شۇ شۇ خىل ۋاسىتىنى قوللىنىپ خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك.
• ئەركىن رادىئوسى مۇخبىرلىرى باشقا ئاخبارات ئورۇنلىرى ياكى خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى، خەۋەر- دوكلاتلىرى ياكى ماتېرىياللىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىشلەتكەندە ئۇلارنى تولۇق تىلغا ئېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھۆرمەتلەپ، تولۇق ئىزاھ بېرىشى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى چوقۇم ھەرقانداق بىر سىياسىي پارتىيە، ئۆكتىچى گۇرۇپپا، سەرگەردان تەشكىلات ياكى ئەركىن ئاسىيا خەۋەر-ئۇچۇرلىرى ئاڭلىتىلىدىغان دۆلەتلەردىكى دىنىي گەۋدىلەردىن مۇستەقىل تۇرۇشى ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبيېكتىپلىق ۋە بىتەرەپلىك مەيدانىغا داغ تەگكۈزىدىغان ياكى داغ تەگكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق سىياسىي كۆز قاراشلارنى ھىمايە قىلماسلىقى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خادىملىرى سىرتتىن ماقالە ئەۋەتكۈچىلەرنى چوقۇم ئېنىق تونۇشتۇرۇشى، ئوبزور-ماقالىلەرنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىزاھلىشى كېرەك. قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بولىدۇ ۋە قايسى مەزمۇنلارنى رادىئودا بېرىش قارارنى رادىئو چىقىرىدۇ.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر پروگراممىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق خەۋەر قىلىنىدىغان شەخس، ئورگان ۋە تەشكىلاتتىن سوغا-سالام، تارتۇق ياكى ھەقسىز ساياھەت قىلدۇرۇش ھەدىيىلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.
• ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خادىملىرى سىرتتىن، رادىئودىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى، ھەرقانداق خىزمەتچى سىرتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇتۇق سۆزلەش ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇنداق مەسئۇلىيەت ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا چوقۇم، ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى چىقارغان «مەنپەئەت توقۇنۇشى سىياسىتى» دە كۆرسىتىلگەن قائىدىلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تەستىق ئېلىشى كېرەك.
• مۇخبىرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۈچۈن خەۋەر ئىشلەش جەريانىدا، ئۆزىنى ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى باشقا ئاخبارات ئورگىنى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ۋە ياكى ھۆكۈمەتتىن خالى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتىدە كۆرسەتمەسلىكى كېرەك.