تور كېزىش، ئوقۇش ۋە يۈك چۈشۈرۈش
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تور بېتىنى كەزگەن، خەۋەر - ماقالىلەرنى ئوقۇغان ۋە ياكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىز خالاپ تەمىنلىمىگەن ئەھۋالدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز، ئىسمىڭىز ۋە باشقا ئادرېسىڭىزنى يىغمايدۇ ياكى ساقلىۋالمايدۇ.
www.rfa.org، بېتىنى كەزگەن، بەتلەرنى ئوقۇغان ۋە ئۇچۇر-ئىنفورماتسىيىلەرنى چۈشۈرگەن چېغىڭىزدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خاتىرە ھۆججەتلىرى ۋە پىرەنىكلەر (قوللانغۇچى مەلۇم توربەتنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ قوللانغۇچىنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا يېزىلىدىغان مەلۇماتلار) ئارقىلىق ھەققىڭىزدىكى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك يىغىدۇ:
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇچۇر تاختىسى(مۇنازىرە مەيدانى، مۇنبىرى) نى ئىشلىتىش
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىغا قاتناشقىنىڭىزدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلاردىن باشقا، سىز يەنە مۇنازىرە مەيدانىغا قالدۇرغان، جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن يەنى سىز تەمىنلىگەن ئېلخەت ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ ۋە ساقلايدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تور بېتىگە ماتېرىيال يوللاش
ئەگەر سىز، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئېلخەت، خەۋەر مەزمۇنى، ماقالە ۋە باشقىلارنى يوللىسىڭىز، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ ۋە ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز يولىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى، ئىسمىڭىز ۋە ئەگەر تەمىنلىگەن بولسىڭىز تۇرۇۋاتقان ئورنىڭىز (شەھەر، ئۆلكە ۋە دۆلەت) ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ بېسىپ چىقىرىشى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تور بېتىدە ئېلان قىلىشى ۋە رادىئودا ئاڭلىتىشى مۇمكىن.
توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش
توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش دائىرىسى تۆۋەندىكىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ:
توپلانغان ئۇچۇرلار قوللانغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، قوللانغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرى ۋە يوللىغان ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلغاندا قوللانغۇچىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، قوللانغۇچىلار بىلەن ئىنتېرنېتتا راي سىناش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىشكە ئوخشاش تەھرىر بۆلۈم خىزمەتلىرى ۋە ئۇچۇر يىغقان چاغدا چۈشەندۈرۈلگەن مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى توپلىغان ئۇچۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئارا تەتقىقات ۋە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان) شىركەتلەردىن باشقا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق ئورگان ۋە شەخسلەرگە بېرىلمەيدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇندا تەلەپ قىلىنغان بولسا ئاشكارىلىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسنىڭ تور بېكەتلىرىنى خاتا ۋە قانۇنسىز ئىشلىتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، تور قوللانغۇچىلىرى، جامائەت، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىسا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن.
بالىلار
مۇنازىرە مەيدانىمىزغا خەتلىتىش ئۈچۈن سىز ئەڭ كىچىك بولغاندا 13 ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز 13 ياشتىن كىچىك بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ھەققىدە يەنى ئىسمىڭىز، ئادرېسىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىڭىزنى يوللىماڭ. ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ھەققىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغقانلىقىمىز بايقالسا، ئۇلارنى سانداندىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىمىز.
13 تىن 18 ياشقىچە بولغان قوللانغۇچىلار مۇنازىرە مەيدانىمىزغا خەتلىتىش ۋە ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى شەخسىي كىملىك ئۇچۇرلىرىنى يوللاشتىن ئىلگىرى ئاتا - ئانىسى ياكى ھامىيسىدىن چوقۇم رۇخسەت ئېلىشى كېرەك.
باشقا تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇلانمىلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى توربېكىتىدە باشقا تور بەتلىرىنىڭ ئۇلانمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ تور بەتلىرىدىن توپلانغان ئۇچۇر - ماتېرىياللارنىڭ مەخپىيەتلىك يوسۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوچۇق ئېلان قىلىنىشى قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئەمەس.
مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىش
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ مەخپىيەتلىك تۇزۇمىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تورىنى ئىشلىتىش شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۈچكە ئىگە شەرتلەرگە قوشۇلۇش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا تور بېكىتىمىزنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بولغان ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە باشقا قوشۇمچە شەرتلىرىنى ئوقۇپ، چۈشىنىپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
نەشر ھوقۇقى © 1998 - 2013 ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى. بارلىق نەشر ھوقۇقى ئۆزىمىزدە