بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف 1953-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى چېلەك، يەنى ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئىشچىلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق زەرداب چەككەن ئىدى.
كۆپ قىرلىق ئۇيغۇر ئەدىب ئىلاخۇن جەلىلوف ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەلىك رېئاللىقىدىن ھەسرەتلىنىپ، ئۆز قەلىمى بىلەن سانسىز مىسرالارنى يازغان.
ئەكرەم سادىروف 1940-يىلى 15-مارتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى توپىدەڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى.
قازاقىستان ئۇيغۇر رايونىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆز يولىدا داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، ئۆز ئەدەبىيات-سەنئىتىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
«راز ئىدىم: ئازادلىقنى كۆرۈپ ئۆلسەم. . . ھاياتنىڭ ئازادلىقتەك تاتلىقى يوق!» مانا بۇ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۆزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىدىن مەھرۇم ھالدا ئۆتكۈزگەن شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ھۆرلۈك-ئازادلىققا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن مىسرالىرىنىڭ بىرىدۇر.
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيەت دۇنياسىنى ئاقار يۇلتۇز كەبى يورۇتۇپ كەتكەن مەرھۇم شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ قەلەمگە ئالغان سانسىز مۇڭلۇق سەتىرلىرىنىڭ بىرى.
«ئۇيغۇر بولغانلىقىم بىر بەختىم مېنىڭ، قەشقەر، بالاساغۇن قوش تەختىم مېنىڭ» دەپ خىتاب قىلىدۇ، ئالمۇتادا ئىستىقەمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىپادىلەنگەن بىر لىرىكىسىدا.
كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز تارىخى ۋە كەچمىشلىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش يولىدا كىتاب-ئەسلىمىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇش قاتارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە دوكتور پەرھات تۇرسۇننىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە 16 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىمران سادائىي: «ئىنسانىيەت شېئىرىدىن قانچىكى ئۇزاقلاشسا، ساپلىقتىن، سەمىمىيلىكتىن، ئىجادىيلىقتىن شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىدۇ.»
شائىر ئىمران سادائىي 2019-يىلى 13 قېتىملىق ئەدېرنە، گىرېتسىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋام قىلغان خەلقئارا تۈركچە شېئىر پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.
بۇ خۇش خەۋەر رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ زىمىستان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇدھىش خەۋەرلەردىن مۇزلىغان قەلبلىرىگە ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلالىسا ئەجەب ئەمەس.
«مېنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇش ئىستىكىم يوق، ئۆز كەسپىمگە-گۈزەل سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، خەلقىمگە بولغان مۇھەببەت مېنى ئىجادىيەتكە ئۈندەپ كەلدى»
مەرۋايىت ھاپىز: «مېنىڭ پۇل تېپىپ باي بولۇش ئىستىكىم يوق، ئۆز كەسپىمگە-گۈزەل سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، خەلقىمگە بولغان مۇھەببەت مېنى ئىجادىيەتكە ئۈندەپ كەلدى.»
شائىر 1933-يىلى قەشقەردە مىللىي ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلىپ، يارىلانغان ۋە شۇندىن كېيىن، «نىمشېھىت»، يەنى «يېرىم جان» دېگەن سۆزنى ئۆزگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان.
تەييار تۇرۇڭلار، ئەي باغرى قانلار، يۈز يىل ساقلىغان مېھمان كېلىدۇ...
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز-خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى»
«مەن ناتونۇش شەھەردىكى كۆرۈنمەس ئادەم، ئىچكى تۇيغۇلىرىمغا خەلقىم بېشىدىكى پاجىئەدىن تۇغۇلغان ئازاب-ئوقۇبەت سىڭىپ كەتكەن» دەيدۇ، شائىرە فاتىمە سەيياھ.
ئاخىرقى نەپىسىگىچە ھۆرلۈك ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن مەشھۇر ئەدىب ئابدۇرەھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل ئازغىنە كەم 24 يىل بولدى.
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنى تونۇمايدىغان، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت ئىلىكىدە ئەسلىمەيدىغان ئۇيغۇرلار ئاز بولسا كېرەك.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ۋەتەن ئىچىدىكى مەزگىلدە كۆپلىگەن شېئىر ۋە ماقالىلەرنى ھەرخىل نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن.
بۇ يىل 9-فېۋرال مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 118-يىلى بولسا، بۇ يىل 13-مارت قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 86-يىلىدۇر.