بالىلار يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف 1953-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى چېلەك، يەنى ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئىشچىلار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ ھازىرقى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى 1970-يىلى تاماملىغاندىن كېيىن، ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلغان. ئاۋۇت مەسىموف ئىلگىر-كېيىن بولۇپ، رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىكى نەشرىيات-باسمىخانا تېخنىكومى، كىروف نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتلىرىدا ئېلىم تەھسىل قىلغان.
ئاۋۇت مەسىموف 1976-يىلىدىن بۇيان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە كوررېكتورا «ئارزۇ» ژۇرنىلىدا جاۋابكار كاتىپ قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان ۋە 2007-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ. 2013-يىل جۇمھۇرىيەتلىك «ئاسىيا بۈگۈن» مۇستەقىل گېزىتىگە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تا دەم ئېلىشقا چىققۇچە، يەنى، 2016-يىلغىچە ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا ئەمگەك قىلغان.
ئاۋۇت مەسىموف ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىمۇ كۆپ ئەمگەك قىلىپ، نەتىجىدە 1988-يىلى قازاقىستان ئاخباراتچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ شۇ جەرياندا يەنە «ئىنتىزار»، «ياش ئەۋلاد»، «مەرىپەت»، «خۇش كەيپىيات» قاتارلىق ژۇرنال-گېزىتلەردە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇزغان. ئۇ شۇنداقلا 2012-يىلدىن تارتىپ يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان «غۇنچە» بالىلار ژۇرنىلىنىڭمۇ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئاۋۇت مەسىموف ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بالىلار ھاياتىغا بېغىشلانغان «داستىخان» ۋە «ھەپتە ۋە ئون ئىككى ئاي» پوۋېستلىرى، «بەلگىلەر بەسلىشىشى»، «بارماقلار ئويۇنى» قاتارلىق سۈرەتلىك كىتابچىلىرى، شۇنداقلا «ئاغمىخان» زامانىۋى چۆچەكلەر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان.
يازغۇچىنىڭ 2008-يىلى يورۇق كۆرگەن «بەش كۈن بوش، ئىككى كۈن دەم ئېلىش» ناملىق كىتابى 2013-يىلى سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ «ئىلھام» مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.
ئاۋۇت مەسىموفنىڭ 2013-يىلى ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يازغان «ئاق بۇلۇت» توپلىم، ئى 2019-يىلى «زېھنىڭنى سىناپ كۆر» شېئىرلار توپلىمى ۋە «سىرلىق خەت» پوۋېستى يورۇق كۆرگەن بولسا، 2020-يىلى «قاراتۇرۇق-ئۇلۇق جاي، بىلسەڭ» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئەسەرلىرى باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. جۈملىدىن 2010-يىلى ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى «لىتېراتۇرنىي قازاقىستان» ژۇرنىلىدا رۇس تىلىدا، 2012-يىلى «ژۈلدىز» ژۇرنىلىدا «خەت سىرى» پوۋېستى، 2016-يىلى «جاس ئۆركېن» ژۇرنىلىدا بالىلارغا بېغىشلانغان ھېكايىلىرى قازاق تىلىدا يورۇق كۆردى.