مەلۇمكى، 2000-يىللاردىن تارتىپ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى ئەۋلاد شائىر-يازغۇچىلىرى يېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەر قاتارىدا قازاقىستانمۇ مۇستەقىللىق ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مۇنداق ئۆزگىرىشلەر كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئىدى. ياش شائىر ۋە يازغۇچىلار ئەنە شۇ يېڭىدىن مۇستەقىللىق ئالغان مەملىكەتتە ئالىي بىلىم ئېلىپ، ئەدەبىيات مەيدانىغا يېڭى مەزمۇنلار، يېڭى يۆنىلىشلەر بىلەن كىرىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى پەيدا بولغان بەزى ئىقتىسادىي بوھرانلارغىمۇ دەچ كەلدى. ئەنە شۇ سىناقلاردا تاۋلانغان شائىرلارنىڭ بىرى ۋىليام مولوتوف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، تەقدىر تەقازىسى تۈپەيلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋىليام مولوتوف ھازىر قازاقىستاندا پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ مىللەتلەرگە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان ھەم كېلەچىكى ئۈمىدلىك ياش شائىرلارنىڭ بىرىكەن. ئۇ كىچىكىدىن ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، شېئىر يېزىشقا ھەۋەس باغلىغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسەرلىرىنى ناھىيەلىك «ئىلى ۋادىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
ۋىليام مولوتوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پوئىزىيەگە قانداق كىرىپ كەلگەنلىكى، شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ پوئىزىيەنى تاللاپ ئېلىشىمدا سەۋەبلەر كۆپ. بىرىنچىسى، بۇ شېئىرىيەتنىڭ گۈزەللىكى، ئالىي، ئېسىل سېزىملارنى ئىپادە قىلىشى مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى. شۇنداقلا كۆپ كىتابلارنى ئوقۇشقا قىزىقتىم. ئىككىنچىسى، دادامنىڭ تەسىرى. دەسلەپتە مەن ھەجۋىي مەنىدىكى قوشاقلارنى قېتىپ يۈردۈم. كېيىنىرەك سەل مۇكەممەل شېئىرلارنى يېزىشقا تىرىشتىم. ئىجادىمدا ھەر خىل ماۋزۇلار مەۋجۇت بولدى.»
ۋىليام مولوتوف ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قەدىمىي ۋە باي تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇلۇغ، بۈيۈك شائىرلىرىنىڭ كۆپلەپ سانىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قەدىمىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى تا مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۆز مېغىزىنى يوقاتمىدى. مۇشۇ كۈنلەردىمۇ مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىناۋەتكە ئالغاندا ۋەتەندىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېف، زوردۇن سابىر، قازاقىستاندىكى زىيا سەمەدى، ھېزىمەت ئابدۇللىن، دولقۇن ياسىن ۋە باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر قىزىقىمەن ھەم ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قارايمەن.»
ۋىليام مولوتوف باشقا خەلقلەردىن ۋىليام شېكىسپىر، پۇشكىن، لېرمونتوف، سېرگېي يېسېنىن، رەسۇل غامزاتوف، قازاق ئاقىنلىرىدىن ئاباي، ماقاغالى ماقاتايېف، مۇختار شاخانوف، ئۆزبېك ئەدىبلىرىدىن ئابدۇللا ئارىپوف، ئەھەد قەييۇم قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى چوڭ قىزىقىش بىلەن سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇمكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىللەتلەر دوستلۇقى قازاقىستاندىكى ھەر خىل خەلقلەر پوئىزىيەسىدە ئالاھىدە دىققەتنى جەلپ قىلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىكەن. بۇ جەھەتتە ھەر خىل مۇشائىرىلەرنى، ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. ۋىليام مولوتوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋىليام مولوتوف 2017-يىلدىن تارتىپ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياش شائىر-يازغۇچىلىرىنى «ۋارىس» ئەدەبىي ئىجادىي بىرلەشمىسى ئەتراپىغا توپلاپ، ھەر خىل تېمىىلارغا بېغىشلانغان مۇشائىرىلەرنى، مۇسابىقىلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇ ياش ئىجادكارلارنىڭ قازاقىستان مەملىكىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەمما رىقابەت ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن دۆلەت تىلىدا يا رۇس تىلىدا يېزىلغان بۇ مۇشائىرە ۋە مۇسابىقىلەرگە قوبۇل قىلىنغانلىقتىن، بۇ كېيىنكى بىر ئېغىرچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يەتكۈزمەي قويمايدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ئىجادكار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئىجاد قىلغان ئەسىرى بىلەن كۈچلۈك بولۇپ تېپىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ جەھەتتىن سەل قىيىنچىلىقلار تۇغۇلىدۇ، چۈنكى بىر ئەسەرنى ئۆز ئانا تىلىدا يازماق يا باشقا تىلدا يازماق بىلەن ئارىدا پەرقى مەۋجۇت. ئەمدى خەلقىمىزنىڭ ساخاۋەتلىك، مەرت-مەردانە ئىنسانلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ياشلارنىڭ توپلاملىرى نەشردىن چىقىۋاتىدۇ، بىراقتا بۇمۇ كۆڭۈل سۇ ئىچكىدەك دەرىجىدە ئەمەس. ياشلار ھەقىقەتەن ھەرتەرەپلىمە ياردەمگە موھتاج. چۈنكى ھازىر پەقەت يازغۇچى-شائىرلىق بىلەنلا ھايات كەچۈرۈش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.»
ۋىليام مولوتوف ھەر ھالدا ئەنە شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ياش شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىجادىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر «ۋارىس» بىرلەشمىسىگە ئەزا ياشلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن ئىجادىي ئىزدىنىشلەردە بولۇپ، دائىم ياخشىلىققا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.