خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى، ميۇنخېن شەھىرىدە د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىش نامايىشى بولۇپ ئۆتتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2010 - يىللىق دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش
2010 - يىللىق دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش
RFA/Ekrem

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش شەھەر مەركىزىدىكى ئودىئونس مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 14:30 دىن 16:30 غا قەدەر داۋاملاشقان بۇ نامايىشقا گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ، نامايىش سېپىنىڭ ئالدىغا 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر چاپلانغان تاختايلارنى كۆرگەزمە قىلغان ھالدا نامايىش ئېلىپ باردى. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئىچىدە خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئائىت كۆرۈنۈشلەر ۋە خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.

ميۇنخېن شەھىرىدىن 400 كم يىراقلىقتىن كېلىپ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان، ۋەتەندىن چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان نەيىمە خانىم، ئۆزىنىڭ چەتئەلدە تۇنجى قېتىم خىتايغا قارشى بۇنداق بىر سەپكە قوشۇلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كۆپ ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم بۇ قېتىمقى نامايىشقا بولغان تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا كۆپ ساندا ئاياللار ۋە بالىلار قاتناشقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. بۇ كۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ھەم خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلغان كۈن بولغاچ، كۆپلىگەن كىشىلەر خىتايغا قارشى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ۋە كۆرگەزمىلەرنى كۆرۈپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە نەپرەتلىرىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشلىرى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قارشى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت