نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

24-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2011-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
نورۋېگىيىنىڭ گجۆۋىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
RFA/Aygul Yusup

بۇ كۈن گجۆۋىك شەھىرىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 150 يىل بولغان تارىخى ئەھمىيەتلىك كۈن بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق گجۆۋىك شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

JavaScript Slideshow Template

 

باشلاش ||   توختاش ||   ئالدىنقىسى ||   كېيىنكىسى
Welcome to the slideshow!
Slideshow   image

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى تەبرىك سۆزى سۆزلىگەندىن كېيىن، پائالىيەت باشقۇرغۇچىسى بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بابۇرجان مېھمانلارغا ناھايىتى راۋان نورۋېگ تىلى بىلەن مۇنداق نۇتۇق سۆزلىدى:
«بۇ يەردە ياشاۋاتقان بىز ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىن كەلدۇق. بىز ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىز بىلەن مول تارىخ ۋە رەڭدار مەدەنىيەت بەرپا قىلدۇق. مەن بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەم ئۇيغۇر مەشرىپىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىلەن ئۇيغۇر مەشرىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان سەنئەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

لېكىن، ئەپسۇسكى بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن باشلاپ ۋەيران قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىز قورقۇنچ ۋە مەھكۇملۇق ئىچىدە ياشاشقا باشلىدۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمە بېسىم ھەم كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز. ئانا تىلىمىز يوقىتىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندۇق. مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ۋەتىنىمىزگە ئېقىپ كىردى ۋە كىرمەكتە. بىزنىڭ نېفىت، گاز ۋە باشقا يەر ئۈستى، يەر ئاستى بايلىقلىرىمىز بار. بۇ بايلىقلارنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئازراق بولسىمۇ نېسىۋىسى بېرىلمەستىن ھېچ قانداق سورىقى بولمىغان ئەھۋالدا ئىچكىرى خىتايغا سۇدەك توشۇلۇۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ ئىشقا ئېلىنمايدۇ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان نورمال قارشىلىقلار قاتتىق باستۇرۇلىدۇ ۋە بىگۇناھ ياشلار سوتنىڭ نورمال قانۇنى تەرتىپسىز ۋە ئادۋوكاتسىز ھالدا تۈرمىلەرگە تاشلىنىدۇ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى مىڭلىغان ياش ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا كوچىلارغا چىقىپ تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە سېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلاردىن خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنىڭ سورىغىنى قىلغان ئىدى. لېكىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە نامايىشچى ئاممىنى قوراللىق باستۇرغاندىن باشقا يەنە خىتاي پۇقرالىرى كوچىدا ئۇچرىغانكى ئۇيغۇرلارنى ياش-قېرى، ئەر-ئايال دېمەستىن كالتەك-توقماق، پىچاق بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە قاتتىق يارىلاندۇردى. نەتىجىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆلۈپ كەتتى، مىڭلىغان كىشىلەر تۈرمىلەرگە سولاندى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.»

بابۇرجان ئاخىرىدا بۇ يىل 22-ئىيۇل جۈمە كۈنى نورۋېگىيىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇققا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە تەزىيىسىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئۇلار ئۈچۈن بىر مىنۇت تەزىيە بىلدۈردى.

ئارتىسلارنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك مەشىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئورۇندالغان يالغۇز ۋە قوش كىشىلىك ناخشىلار، كوللېكتىپ ئۇسۇللار، مىللىي چالغۇ ئەسۋاب، گىتار ۋە پىئانىنو بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكىلار قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. توي ئۇسۇلى، شوخ ئىككى كىشىلىك لەپەر ۋە نازۇركوم ئۇسۇللىرى پائالىيەت زالىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىنىڭ ئۇسسۇلچى ئارتىسلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلار يەنە ئۇيغۇرچە ھەر تۈرلۈك مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، تائاملارغا ئېغىز تەككەن مېھمانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمۇ ئېغزى-ئېغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى.

مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلار، نورۋېگلار ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان پائالىيەت ئاخىرىدا ئوپچە ئورۇندالغان ئۇيغۇرچە ئۇسۇل بىلەن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت