ئامېرىكا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشماقچىمۇ؟

روبېرت بلەيك خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى. 2010-يىلى 25-نويابىر.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى. 2010-يىلى 25-نويابىر.
AFP

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى روبېرت بلەيك 16-مارتتىن باشلاپ، خىتاي، بانگلادېش ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان ئون كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 17-18-مارت كۈنلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغان بلەيك، ئامېرىكىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

بلەيك بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:
«ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز يەنە، رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭمۇ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيادا خەۋپسىزلىكنى قوغداش شۇنداقلا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئوخشاش ئورتاق مەنپەئەتلىرىدە رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمىز.»

بلەيك سۆزىدە يەنە، بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 21-ئەسىردىكى گېئوپولىتىك ۋە ئىقتىسادىي رېئاللىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ياخشى بىر ھەمكارلىق ئورناتماقچى. بىزنىڭ بۇ پىلانىمىز ئۈچۈن خىتاينىڭ ياردىمى بەك مۇھىم، دېگەن.

ئۇنداقتا، روبېرت بلەيكنىڭ بۇ سۆزى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرىدە ھەمكارلاشماقچىمۇ؟

مەركىزى نيۇيوركتىكى ياۋرۇئاسيا تورى بلەيكنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە باھا بېرىپ، بۇندىن تېخى 4 يىل بۇرۇنلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېغزىغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دېيىشىنى «زور ئۆزگىرىش» دېگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، رايوندىكى كۈچلەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشىگە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق بىر يولنى تاللاش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن رايوندا تەسىرگە ئىگە دۆلەت ۋە ياكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇشىنى تەبىئىي بىر ئەھۋال دەپ ئېيتسىمۇ، ئەمما بۇ ھەمكارلىقنىڭ يالغۇز خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەيلى ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشسۇن، ياكى كۆپ تەرەپلىمىلىك يول تۇتسۇن، ئامېرىكىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم نىزاملىرىنىڭ بىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم بىر ئەھۋال. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ؟

مەركىزى نيۇيوركتىكى ياۋرۇئاسيا تورى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بۇ تەشكىلات ئارقىلىق بولغان قويۇق ھەمكارلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىشى بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى. ئەمما، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئامېرىكىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش، يىراقتا تۇرۇۋالغاندىن كۆپ ئەۋزەل بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل ئەمەلدارى روبېرت بلەيك 24-25-مارت كۈنلىرى قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ قازاقىستاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ بۇندىن سىرت يەنە، قازاقىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت