ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكمۇ؟

ئامېرىكا «ئەنئەنە» فوند جەمئىيىتىدە مۇتەخەسسىسلەر تۈنۈگۈن، ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكمۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تارقىتىۋېتىلىشى كېرەكمۇ، دېگەن تېمىدا بەس مۇنازىرە بولدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 2006‏-يىل 3‏-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ب د ت ئومۇم يىغىنىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان تەشكىلات. ئۇنىڭ ئالدىنقى گەۋدىسى 1946-يىلى قۇرۇلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىدى. بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نىشانى-كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ قىممەت قارىشىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىش، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتماسلىقتىن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاسىيادىن 13، ئافرىقىدىن 13، شەرقى ياۋروپادىن 6، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىپ دېڭىزى رايونىدىن 8، قالغان غەربىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەت گۇرۇھلىرىدىن 7، جەمئىي 47 ئەزاسى بار. ئۇلارنىڭ ئەزالىق مۇددىتى 2012‏-يىلى توشىدۇ.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ھىندىستان، پولشا قاتارلىق ئەركىن دۆلەتلەر 43% نى تەشكىل قىلىدۇ، خىتاي، كوڭگو ۋە بۇ يىل 3‏-ئايدا ئەزالىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان لىۋىيىدەك خەلقىدە پۈتۈنلەي ئەركىنلىك يوق ياكى قىسمەن ئەركىنلىك بار دۆلەتلەر 57% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ خەلقئارا تەشكىلاتتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە بولىدىغان كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ھەتتا بەزى مۇستەبىت دۆلەتلەر، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم تەشەببۇسكارى بولغان ئامېرىكىنى بۇ تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە قارار ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن ئەھۋالمۇ يۈز بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ‏10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكىدىكى «ئەنئەنە» فوند جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن برەت شەيفېر، ئامېرىكا ئەمدى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر جەمئىيەتتە ئەگەر ئامېرىكا ھازىر بۇ جەڭ مەيدانىدىن ۋاز كەچسە، مۇستەبىت دۆلەتلەر بۇ كېڭەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېگەن كۆز قاراش مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر ۋاسىتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە ئەمەس، ئامېرىكا بۇ كېڭەشتىن چىقىپ كەتسە، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەر ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ بىۋاسىتە ھەرىكەت قوللىنالايدۇ.

«ئەنئەنە» فوند جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇر بۆلۈم مۇدىرى پاۋلا شرىفېر خانىم بۇ كۆز قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كىرگەندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى دۇنياغا بۇرۇنقىدىن كەڭ تارالدى. بەزى دۆلەتلەر گەرچە ئۆزىگە تاقىلىدىغان قارارنى رەت قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىراننى جازالاشقا قوشۇلغانلىقىدەك ياخشى ئۈنۈممۇ كۆرۈلدى. ئەگەر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇققا قارشى دۆلەتلەر بىلەن بۇ تەشكىلاتتا يۈزمۇ-يۈز ئېلىشماي، ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن بولسا، بۇنداق ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايتتى. بەلكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن غەربنىڭ تېپىۋالغان گېپى، شەرققە ماس كەلمەيدۇ، دەيدىغان سەپسەتىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە رەددىيىسىز قالاتتى.

«ئەنئەنە» فوند جەمئىيىتى تەتقىقاتچىسى برەت شەيفېر يەنە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئالغان قارارنى ب د ت نىڭ ئۈچىنچى كومىتېتىمۇ ئالالايدۇ، شۇڭلاشقا ھازىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى تارقىتىۋەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇنداقتا ئامېرىكا بۇ كېڭەشكە تاپشۇرىدىغان ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تېجەپ قېلىپ، بۇ پۇل بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى يولغا قويۇپ، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىدىغان چارە تاپالايدۇ، دېگەن كۆز قاراشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى «ئېچىۋېتىش» فوند جەمئىيىتىنىڭ پېشقەدەم مەسلىھەتچىسى مورتون خالپېرىن، «تۆت چوڭ ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ ئىجرائىي مۇدىرى جوشۋا كوپېرلار بۇ كۆز قاراشنى رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بولۇشى زۆرۈر، بەلكى ئامېرىكىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرلا بولمىغان، مۇستەبىت دۆلەتلەرمۇ قاتناشقان بۇنداق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. بۇنداق كېڭەشتە ئېلىنغان قارارنى كىشىلىك ھوقۇققا قارشى دۆلەت باشلىقلىرى ئىجرا قىلماسلىققا بانا تاپالايدۇ. بۇ كېڭەشتە ئېلىنغان قارار مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى خەلققە بىۋاسىتە ئىلھام بېرەلەيدۇ.

ئامېرىكا ھازىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكمۇ، ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تارقىتىۋېتىلىشى كېرەكمۇ، دېگەن تېمىدا ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان مۇنازىرىلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت