رۇسىيە مۇخبىرى، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختالدى

2005-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ ۋىلسۇن خەلقئارا ئالىملار مەركىزىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيىنىڭ بىر مۇخبىرى، پەيشەنبە كۈنى ئازادلىق رادىئوسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە بايانات بەرگەن .

ئامېرىكىنىڭ ۋىلسۇن خەلقئارا ئالىملار مەركىزىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيە مۇخبىرى پاسىك، ئازادلىق رادىئوسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا قىلغان سۆزىدە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلسى ۋە رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ھەققىدە توختالغان.

مۇخبىر پاسىك ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ كېيىن رۇسىيە تېنچ ئوكيان دېڭىز پىلوتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان "جەڭ مەيدانى كۈزەتكۈچى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە 1993 - يىلى رۇسىيە تېنچ ئوكيان پىلوتىغا قاراشلىق ھەربىي پاراخودىنىڭ ياپونىيە دېڭىزىغا رادىئاكتىپ ئەخلەتلەر ۋە ئوق دورىسى تاشلاش ھەرىكىتى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ھەمدە بۇ ھەقتە بىر قاتار ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە تېنچ ئوكيان پىلوتى ھەربىي پاراخودىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

1997 -يىلى، پاسىك، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، دۆلەت خائىنى ۋە جاسۇس دىگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىخەتەرلىك ئورگىنى مۇخبىر پاسىكنى يېرىم يىل مەخپى سوراققا تارتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئەسلى ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت خاتالىقى ئۆتكۈزگەن دىگەن جىنايەتنى بېكىتكەن.

1999 -يىلى پاسىكقا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن، 2001 - يىلى ئۇنىڭغا يەنە قايتا 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، پاسىك 2003 -يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 2004 -يىلى ئۇنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان.

دۆلەت قانۇنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختالغان پاسىك مۇنداق دەيدۇ:

"ئىلگىرى مەندىن بىرسى سەن نىمە ئۈچۈن قانۇن ئىلمىگە بۇنچىلىك قىزىقىپ قالدىڭ دەپ سورىدى؟ مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن، رۇسىيىدە بىر مۇخبىر چوقۇم ئادۋۇكاتتەك ھالەتتە بولىشى كېرەك" دىدىم .

مۇخبىر پاسىكنىڭ ئېيتىشىچە، 1993 - ۋە 1995 - يىل ئارىسىدا، رۇسىيە بىر قاتار قانۇن لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىققان ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىت قانۇنىي، ئاممىۋىي مەتبۇئاتچىلىق قانۇنىي، دۆلەت مەخپىيەتلىك قانۇنىي قاتارلىقلار بولۇپ، پاسىك بىر ھەربىي گېزىتنىڭ 10 نەچچە يىللىق مۇخبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن قانۇنلارنىڭ بىرەرسىگىمۇ خىلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاسىك سۆزىدە يەنە مۇنداق دىدى:

"رۇسىيە ھەقىقەتەن دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىش پۇرسىتىگە ئىگە، بىراق نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ سەۋەبىدىن، رۇسىيە ئالغا قاراپ ئىلگىرلىيەلمىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە دېموكراتىيىدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال كىشىلەردە رۇسىيە زادى قايەرگە قاراپ ماڭىدۇ؟ دىگەن سۇئالنى پەيدا قىلدى. "رۇسىيىنىڭ رەھبىرى پۇتىن ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىگە، خەلقنى كۆزگە ئىلمىغان پوزىتسىيىدە، مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ"

بىرسى پۇتىندىن، رۇسىيىنىڭ ھازىرقى ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە سورىغاندا، پۇتىن ئىككىلەنمەستىن مۇنداق دىگەن: " بىزدە ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسى ھېچقاچان مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت بولمىغان بىر مەسىلە ھەققىدە مەن سىزگە نېمە ئېيتىپ بېرەلەيمەن".

مۇخبىر پاسىك يەنە يېلىتسىن دەۋرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " يېلىتسىن، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن زور خىزمەت كۆرسەتتى، يېلىتسىن دەۋرىدە قانداق بولمىسۇن، ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئىدى، بىراق يېلىتسىن ئىككى مەسىلىدە خاتالاشتى، بۇنىڭ بىرى چېچەن ئۇرۇشى بولسا يەنە بىرى پۇتىننى رەئىس قىلىپ بەلگىلەش بولدى". (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت