خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىگە ماۋزېدوڭ قانداق زىيانكەشلىك قىلغان؟ (1)

2006-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
jianbozan-150.jpg
خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس جيەن بوزەن ئەپەندى. (1898.4.14-1968.12.18)

ئۆتكەن ئەسرنىڭ 60 ‏- يىلىىرىدا خىتايدا "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دەپ ئاتالغان ئەمەلىيەتتىكى 10 يىللىق مەدەنىيەت خانىۋەيرانچىلىقى جەريانىدا، زيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ئالىملارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىمۇ بار. جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمى بىر پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ قارىلىشى كېرەك، ‏- دەپ بايانىنى باشلايدۇ ئاپتور ۋاڭ يۇچىن "كۆزىتىش ژۇرنىلى"دا ئېلان قىلغان "مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جيەن بوزەن ئەپەندى ھەققىدە" دېگەن ماقالىسىدە.

ئۇيغۇر تارىخشۇناس جيەن بوزەن ماۋزېدوڭنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان

ئاپتور ھازىر ئامېرىكىنىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، ‏- بۇ ھادىسىنىڭ "پەۋقۇئاددە" خاراكتېرى شۇكى،‏- دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ بايانىنى ئاپتور، ‏‏- بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"دىكى ئەڭ قېيىن يىل ، ئاي ۋە كۈنلەرنى چىداپ بېشىدىن كۆچۈرۈپ بولۇپ، ئاخىرى "ئازات" قىلىنىپ، تۇرمۇش جەھەتتە "كەڭرىچىلىك"كە چىقىپ بولغاندا، 1968 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئەر -خوتۇن ئىككىسى بىللە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئاپتور بۇ ماقالىسى ئارقىلىق خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تارىخشۇناس ئۇيغۇر جيەن بوزەن ئەپەندىنىڭ باشتىن -ئاخىر ماۋزېدوڭنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاشكارىلىغان.

"مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جيەن بوزەن ئەپەندى ھەققىدە" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 1952 ‏- يىلى بېيجىڭدا "يەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى" ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نامى "بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى"گە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنلا ، جيەن بوزەن ئەپەندى بىرىنچى دەرىجىلىك پروفېسسور ۋە تارىخ پاكولتېتىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىن، 60 ‏- يىللاردا جيەن بوزەن ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. جيەن بوزەن ئەپەندى تا "مەدەنىيەت ئىنقىلابىي" باشلانغىچە تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە خىتايدىكى ئەڭ نوپۇلۇق بىر نەچچە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1957 ‏- يىلى "ئوڭچى" دېگەن گۇناھقا مەھكۇم قىلىنىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەۋەتىلگەن، كېيىن 80 ‏- يىللاردا ئامېرىكىغا كەلگەن ۋۇ نىڭكۈن ئەپەندىنىڭ "ياش تامچىلىرى" دېگەن ئەسلىمىسىدىمۇ باشقىچە شەكىل بىلەن بايان قىلىنغان. ئەمما "مەدەنىيەت ئىنقىلابىي" باشلانغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا پەن-ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئەرباپ بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتايغا، كوممۇنىستىك پارتىيىگە ناھايىتى سادىق، ھوقۇقى ۋە ئورنى ناھايىتى مۇستەھكەم دەپ ھېسابلانغان جيەن بوزەن ئەپەندىمۇ ماۋزېدوڭنىڭ بىۋاستە ھۇجۇمىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ۋەيران بولغان.

جيەن بوزەنگە كىيدۈرۈلگەن قالپاق

‏- ماۋزېدوڭ 1965 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى خاڭجۇ شەھىرىدە قىلغان سۆزىدە خىتايدىكى مەشھۇر زىيالىيلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇلارغا ئوچۇق ھۇجۇم باشلىغان، ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور ، ‏‏- ماۋزېدوڭ سۆزىدە "بەزى زىيالىيلار ، مەسىلەن: ۋۇخەن، جيەن بوزەن دېگەنلەر بارغانسېرى بىز بىلەن چىقىشالمايۋاتىدۇ. تارىختا پومېششېكلار سىنىپىنىڭ پەقەت قايتارما ھېساب ئېلىش سىياسىتىلا بولغان، ھېچقاچان يول قويۇش سىياسىتى بولمىغان تۇرسىمۇ، ئەمما يېقىندا بىر كىشى يەنە "جيەن بوزەن ئوتتۇرىغا قويغان فىئودال-پومېششېكلار سىنىپىنىڭ دېھقانلارغا يول قويۇش سىياسىتى ھەققىدە" دەپ ماقالە يېزىپتۇ" دېيىش ئارقىلىق كىشىلەرنى جيەن بوزەنگە دەرھال ھۇجۇم قىلىشقا قۇتراتقان.

‏- ماۋزېدوڭ 1966 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا "ھازىر پەن ‏-ئىلىم ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى تېخىچە بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىدا، سوتسيالىستىك ئىنقىلاب چۇڭقۇرلاشقانسېرى ئۇلار شۇنچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ۋۇخەن، جيەن بوزەن دېگەن كىشىلەر گەرچە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەمەلىيەتتە كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇلار گومىنداڭچىلار. ئەمدى ئىلمىي ساھەدە ئۇلارغا قارشى تەنقىد باشلاش كېرەك" دېگەن، ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- شۇنىڭدىن كېيىن 1966 ‏-يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى "خەلق گېزىتى"دە "جيەن بوزەننىڭ ماركىسىزمغا قارشى تارىخ كۆز قارىشى" دېگەن بىر ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي جيەن بوزەنگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىنغان.

ماۋ زېدوڭنىڭ غەرىزى پەقەت جيەن بوزەننى كۆرەشكە تارتىش

‏- ماۋزېدوڭ 1966 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى قىلغان سۆزىدە يەنە ، ‏-دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور ، ‏- "جيەن بوزەن ناھايىتى كۆپ كىتاب يازغان، ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ھەممىسىنى تەنقىد قىلىپ بولغىلى بولامدۇ؟ مەن ئۇنى قىلالمايمەن. ھازىر مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بۇرژۇئا ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلىمىز، دەپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لۇپىڭ، لى دا دېگەن كىشىلەرنىلا تارتىپ چىقىرىپ، كۆرەشكە تارتىشنىڭ نىمە ھاجىتى بار ؟ جيەن بوزەنگە مەنمۇ تېتىيالمايمەن، ھەر قايسى ئۆلكىلەرمۇ تېتىيالمايدۇ" دېگەن. ماۋزېدوڭنىڭ بۇ گەپلىرى گەرچە تازا قاملاشمىغان تاققا-تۇققۇ گەپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئېنىق ئىدى، ماۋزېدوڭ غەرىزى پەقەت، مەيلى قانداق شەكىل قوللىنىلمىسۇن، جيەن بوزەننى دەرھال تارتىپ چىقىرىپ ، تىل -ھاقارەت ياكى باشقا ھەر قانداق زەربە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۇنى كۆرەشكە تارتىش كېرەك، دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت