خىتاي راستىلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟ (1)

2006-11-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئارى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ. -‏ يېقىندا بىرسى 'خىتاي راستىنلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، بەزى كىشىلەر چاچراپ چىقىپ كاپىلداشقا باشلىدى، - دەپ بايان قىلىنىدۇ يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 'خىتاي راستىنلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ' دېگەن ماقالىدە، -ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭگو باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەت، جۇڭگو ئەزەلدىن تىنچلىقنى قوغداش تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن دۆلەت. ماۋزېدۇڭ 'دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش' شۇئارىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن، دېڭ شاۋپىڭمۇ 'تىنچلىقتا ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرۇش' شۇئارىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى. ھازىر خۇ جىنتاۋمۇ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ تىنچلىق سۆيەرلىك.

ئەمما خەلقئارادا بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋايساشلىرىغا قارىماي،خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئارى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇلاھىزىلەر كېڭىيىپ، ھازىر ماۋزېدۇڭنىڭ 'دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش' دېگەن شۇئار ئاستىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيىىسنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى؛ دېڭشاۋپىنىڭ 'تىچنلىقتا بىللە تۇرۇش' دېگەن شۇئار ئاستىدا 'ۋېتنامنىڭ ئەدىپىنى بېرىش' دەپ ئۇرۇش قىلغانلىقى؛ خۇ جىنتاۋنىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا ھەربىي تەييارلىقنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى؛ خىتاي تارىختىمۇ ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلاردا ھېچقانداق خاتالىق بولمىغان دەپ ئاقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى دېگەندەك تېمىلارغىمۇ بېرىپ تاقىلىشقا باشلىدى.

‏ماۋزېدۇڭنىڭ 'دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش' دېگەن شۇئار ئاستىدا كورىيە يېرىم ئارىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيىىسگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى

خىتايدىكى دەرسلىك كتابلارغا قارايدىغان بولساق، - دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي راستىنلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن ماقالىنىڭ كورىيە ئۇرۇشى توغرىسىدىكى بابىدا، - ئۇنىڭدا 1840 ‏- يىلىدىكى ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگو چۆكۈپ كەتتى، جاھانگىرلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشقا باشلىدى. 109 يىل ئۆتكەندە، جۇڭگو ئويغىنىپ قوپۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان كۈچى بىلەن كورىيە يېرىم ئارىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى، دەپ ھېكايە قىلىنغان.

بۇ ھېكايىدىكى 'ئامېرىكا جاھانگىرلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نامىنى ساتتى، جەنۇبىي كورىيىدىكى لى سىممان گۇروھىنى ئىشقا سالدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى، 38‏- پاراللىل سىزىقىىدن ھالقىپ ئۆتۈپ، چاۋشەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇ چاغدا جۇڭگو پىدائىي قىسىملىرى يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چاۋشەن بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا چىل بۆرىلىرىنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى' دېگەن بايانلار تېخىمۇ قىززىق. مۇشۇنداق يالغان گەپ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان كىشىلەر بىر نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەندى. ئامېرىكا ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نامىنى سېتىپ ئىش قىلالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى؛ بىر ئامېرىكىنىڭ باشقا 17 دۆلەتنىڭ ئارمىيىسىنى يىغىپ ئۇرۇشقا كىرگۈزۈشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى؛ ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىن باش تارتقانلىقىنى ؛ شۇ ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيىسى كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەت كىم ئىرسىننىڭ جەنۇبىي كورىيىگە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە كىم ئىرسىننىڭ تاجاۋۇزچىلىقى سەۋەبچى بولغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ۋاقىتتا ماۋزېدۇڭنىڭ 'ئۇرۇشقا قاتنىشىش جۇڭگو ئۈچۈن پايدىلىق' دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، ستالىندىن ئۇرۇشچى ئايرۇپىلان ، ليوتچىك ۋە قورال ئارىيەت ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى، ئۇرۇشتا 6 دېۋىزىيە ئەسكەرنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەننىڭ سىرتىدا، ئۇرۇشتىن كېيىن، خىتاي خەلقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ناھايىتى كۆپ قەرز تۆلەتكۈز گەنلىكىنى چۈشەندى.

دېڭ شاۋپىڭنىڭ تىنچلىقتا ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرۇش شۇئارى ئاستىدا ۋېيتنامغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى

- دېڭ شاۋپىڭمۇ 'تىنچلىقتا ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرۇش' دېگەن شۇئار ئاستىدا، ۋېيتنامغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى،-‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي راستىنلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن ماقالىنىڭ خىتاي -ۋېتنام ئۇرۇشى ھەققىدىكى بابىدا، ‏- دېڭ شاۋپىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ نامىنى دەسلەپتە 'ۋېيتنامنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش ئۇرۇشى' دەپ ئاتاپ، كېيىن 'چېگرىدا ۋېيتنامغا قايتارما زەربە بېرىش ئۇرۇشى' دەپ ئۆزگەرتىۋالدى. مەيلى ئۇرۇشنىڭ نامىنى قانداق ئۆزگەرتسۈن، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ياكى قوشنا مىللەتلەرگە پات-پات تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئېسىمىزدە باركى، دېڭ شاۋپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنلا، پارتىيە ئىچىدە 'باشنى چۆكۈرۈپ چارە ئىزدەش' دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. دېڭ شاۋپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى بەزىلەر 'تىنچ تۇرۇپ كۈچ توپلاش' دەپ چۈشەندۈردى. شۇ يىللاردا تاپقان 'ۋېيتنامنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش كېرەك' دېگەن چارە چېكىدن ئاشقان چوڭچىلىق ۋە چېكىدن ئاشقان ياۋۇزلۇق ئىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 'ئىنقىلابنى ئىكىسپورت' قىلىپ، كامبودژادىكى ماۋزېدۇڭپەرەس بوربۇتنى قوللاپ كامبودژا ئاھالىىسنىڭ 4 تەن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنىمۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىغانلىق ياكى باشقا ئەللەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرغانلىق دېگىلى بولامدۇ؟ (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت