ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىن ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ھەققىدە...

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مۇتەخەسسىسى ما رۇڭنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر ياشلىرى دېڭىز ياقا شەھەرلىرىگە يۈزلەنمەكتە» ناملىق ئىلمىي دوكلاتى ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تىەنجىندىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى زاۋۇتتىكى ياتىقىدا. 2007-يىلى 7 - ئاي
تىەنجىندىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى زاۋۇتتىكى ياتىقىدا. 2007-يىلى 7 - ئاي
ETIC/UAA


خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مەخسۇس مىللەتلەر ۋە نوپۇس تەتقىقاتى ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسى ما رۇڭ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى بەلگىلەشتە  پايدىلىنىدىغان تەتقىقات تېمىلىرىغا قاتنىشىدىغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى. ما رۇڭ -2006 يىلى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تەرىپىدىن بەلگىلىگەن ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بىر قانچە يىل مەخسۇس ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز ياقا شەھەرلىرىگە يۈزلىنىشىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان .

 خىتايدىكى مىللەت ۋە دىن تور بېتىدە ما رۇڭنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىغا مەخسۇس سەھىپە ئېچىلغان بولۇپ ، يېقىندا بۇ سەھىپىگە « جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلىرى دېڭىز ياقا شەھەرلىرىگە يۈزلەنمەكتە»  دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات دوكلاتى قويۇلدى.

ئاپتور دوكلاتىنى مۇنداق باشلايدۇ:

گەرچە، شىنجاڭلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ دېڭىز ياقا شەھەرلىرىگە قاراپ يۈزلىنىشى، جۇڭگو دېھقان ئىشچىلار ئېقىمىدا كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىيەلمىسىمۇ ، ئەمما يىللاردىن بۇيان دېڭىز ياقىلىرىغا بارغان ئۇيغۇر ئىشلەمچى ياشلارنىڭ تىل، دىن، تۇرمۇش ئادىتى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتى قاتارلىق جەھەتلىرىدىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەر گەۋدىلەندى، ئەگەر ياخشى تەرتىپكە سېلىنمايدىكەن ، كۆرۈلگەن مەسىلە خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىن ئىچكەركى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىلغان ئۇيغۇر دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا ئاساسەن تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتتا، شىنجاڭدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى يۆتكەش ئەھۋالىغا قارىتا ئانالىز يۈرگۈزۈش بىلەن تەڭ، بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ .

ئۇيغۇر دېھقانلىرى نامرات

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر چوڭ ئۆلكە، يېزا نوپۇسى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 62.8% ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا شىنجاڭدىكى نوپۇسى ھەممىدىن كۆپ ئاز سانلىق مىللەت، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ 80%تىن كۆپرەكى پەقەتلا دېھقانچىلىققا تايىنىدۇ. . ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر شەھەرگە مەركەزلەشكەن. بۇ جايلاردا يېزا نوپۇسى كۆپ، يەر ئاز. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپلەرگە يۈزلىنىش ئىنتايىن ئاستا. شۇڭا دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ تۆۋەن. -2005 يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، قەشقەردىكى يېزا نوپۇسىنىڭ  يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1699يۈەن، خوتەننىڭ 1296يۈەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا جايلاردىكىدىن ئاز بولغاندىمۇ مىڭ يۈەندىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ.

ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز ، چۈنكى كەسىپلەشكەن مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن كىچىك ،سانائەتلەشمىگەن . پەقەت قالاق تىپتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان. ئۆز جايىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىغدۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق. نۆۋەتتە دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن چىقىپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپلەرگە يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. 
ئۇنىڭ قارىشىچە، خەنزۇ تىلىنى بىلمەسلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى كۆپلەپ خىتاي ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشتە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى، ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەسلىك ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ خىتاي تىلى ئىشلىتىدىغان مۇھىتقا بېرىشىغا توسالغۇ بولماقتا . پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن مەزكۇر سىياسەتنى كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىش مۈشكۈل ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى « ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپلا  قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دېگەن.

ئاساسەن قىزلار يۆتكەلمەكتە
 
جۇڭگودىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىش- نوپۇس يۆتكەش ۋە شەھەرلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ كۆرسەتكەن ئاپتور  قەشقەردىن خىتايغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر ئۈستىدىن 2007 ‏- يىلى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدىن مۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ھەققىدە توختالغان. يەنى قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مىسال ئېلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «  2007 ‏- يىلى 4- ئايدا كونا شەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ ناھىيىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 97.6%ىنى قىزلار ئىگىلىگەن. قالغىنى ئوغۇل ئىشلەمچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمى ۋە ئاشپەز قاتارلىقلار . بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر سىياسەتكە رەسمىي يوسۇندا قارشى چىقىشى، نارازى بولۇشىغا شۇ پەيتتە تور بەتلەردە ئون نەچچە ياشلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغاندىن كېيىن ناشايان  كەسىپلەرگە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر سەۋەبچى بولغان.

ئىشلەمچى يۆتكەشتە جىنسى نىسبەتنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق بولۇشىمۇ، مەزكۇر خىزمەتنىڭ رىقابەتكە دۇچ كېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى. « كېيىنكى قېتىملىق ئىشلەمچى يۆتكەشتە جىنسى جەھەتتىن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغاندىن  كېيىن ، ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەندىشىلەردىن بارغانچە خالى بولدى » .

مەجبۇرى سىياسەت

ئىلگىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى مەجبۇرىي ھالدا يۈرگۈزگەندىن باشقا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىمۇ خىتايغا ئىشپلەمچىلىككە يۆتكەۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەتلەر داۋام ئىلغان ئىدى ، خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا 18 ياشقا توشمىغانلارنى ئىشلىتىش قانۇنسىزلىق ، مەزكۇر دوكلاتتا، ئاپتور كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ بوستانلىق يېزىسىدىن تيەنجىنگە بارغان 16 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ شارائىتقا كۆنەلمەي، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قايتۇرۇلغانلىقىنى مىسال ئېلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ -2007 يىلى كونا شەھەردىن تيەنجىنگە يۆتكەلگەن 4مىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىنىڭ ئىچىدە، ئۆزى رازى بولماي بارغان 110 ئۇيغۇر ياش يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن دەپ يازغان  .
 گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي دېھقانلارنىڭ رازىلىقى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ ،مەزكۇر سىياسەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ تۇرماقتا .

ما رۇڭنىڭ دوكلاتىدا يەكۈنلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشتە كۆرۈلگەن ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى مۇنداق سەككىز تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  •  ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىن بىراقلا خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا كۆنەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان روھىي بېسىم.
  • خىتايلار ئولتۇراق رايونىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە ئىسلام دىنى ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش.
  • ئۆز ‏- ئارا ۋە ئائىلىدە، مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكەن، زاۋۇت، ئىش ئورنىدا بولسا پۈتۈنلەي خىتاي تىلى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇش.
  • يۆتكەلگەن ئىشلەمچىلەر ئاساسەن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن 16 -17 ياشتىكى ياشلار ، ئۆيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەمەس.
  • ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏- ئادىتى بويىچە قىزلارنىڭ توي قىلىشى بىر قەدەر بالدۇر بولۇش.
  • توي قىلمىغان قىزلارنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادىتىگە توغرا كەلمەسلىك، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى نىكاھ ئىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئەندىشىسى.

 
ما رۇڭنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۈزلەندۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ يەنە « خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر ئالاھىدە كۆچمەن نوپۇس ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل ئەندىشىلەرنى تۈگىتىش كېرەك، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى خىتايغا يۆتكەشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ھاياتى ھەققىدە تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

 مەقسەت ئاشكارا

دوكلاتنىڭ يەكۈنىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئاددىي بىر ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ خىتاينىڭ نوپۇس ئىستراتېگىيىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ. يەنى ما رۇڭ ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

« زور بىر تۈركۈم جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دېڭىز ياقا رايونلىرىغا يۈزلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ جەمئىيىتىگە يېڭى بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولسا، ئىككىنچى تەرىپى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئازاد بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ  تەرەپلىمە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇشىغا پايدىلىق. ئۈچىنچىدىن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئىلگىرىلىتىشكە ئىجابىي تۈرتكىسى بولىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خىتاي جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىنى پۈتۈن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كۆپ ساندىكى خىتاي ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىش بىلەن ھازىر يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ ياشلارنىڭ دېڭىز ياقىلىرىغا كۆچۈشى ، پەقەت خىتاي مىللىتىنىڭلا  پۈتۈن خىتاي دائىرىسىدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۈچۈۋاتقانلىقىدەك قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ  ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت