خۇ جىنتاۋنىڭ «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» دېگىنى قانداق ئىسلاھات؟

خىتاي «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خەلق ئىچىدە خىتاي ئەمدى ئېلىپ بارماقچى بولغان «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» قانداق ئىسلاھات؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە تور مۇنازىرىسى باشلاندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خۇ جىنتاۋ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سوز قىلدى. 2011-يىلى 1-ئىيۇل. بېيجىڭ.
خۇ جىنتاۋ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سوز قىلدى. 2011-يىلى 1-ئىيۇل. بېيجىڭ.
AFP

خىتاي 18‏-ئۆكتەبىر كۈنى «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، خەلق گېزىتى «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» دېگەننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، «خىتاينىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى»، «مەدەنىيەت تېررىتورىيىسى»، «مەدەنىيىتى چېگراسى» دېگەندەك مۈجمەل ئاتالغۇلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى. بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى بولسا، خىتاي ئەمدى ئېلىپ بارماقچى بولغان «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» نى، ھۆكۈمەت پىلانلىغان يەنە بىر چوڭ «ئالدامچىلىق» دەپ كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ھەققىدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن پىكىر ئالغان. خەۋەردە، يىللاردىن بۇيان خىتايدا باشقا پارتىيە گۇرۇھلار دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىك ئىنقىلاب مەركىزى كومىتېتى، دېموكراتىك بىرلىك مەركىزى كومىتېتى، دېموكراتىيە تىكلەش مەركىزى كومىتېتى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى كومىتېتى، ئىشچى-دېھقانلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى، تەيۋەن بىرلىكى مەركىزى كومىتېتى دېگەنلەرنىڭ رەئىسلىرى بۇ يىغىندا ئەركىن-ئازادە پىكىر بايان قىلدى، دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئېلان قىلمىدى. پەقەت خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىلا خەۋەر قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ بۈگۈن جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» دېگەن ئاتالغۇنى ھېچبىر تىلغا ئالماي، پەقەت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتى، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا، ئاڭ-فورما قۇرۇلۇشىغا، مەھەللىلەرنىڭ، يېزا-قىشلاقلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە، خىتاينىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار ئارىسىدا مۇتلەق يېتەكچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن شاۋكاڭ جەمئىيىتى (ھاللىق سەۋىيىكى جەمئىيەت) قۇرۇشنىلا تەكىتلىگەن.

خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى چاڭچۈنمۇ، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت دەپ ئاتالغان بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، پارتىيىنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش قارارىنى چۈشەندۈرگەندە، دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسىنى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسىنى ۋە سېرىق نەشر بۇيۇملىرىنى تازىلاش دېگەننى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىچىگىمۇ، چەتئەللەرگىمۇ تەڭ تارقىلىدىغان دوۋېي خەۋەرلىرى تور گېزىتىدىمۇ، بۈگۈن خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبىتى دەپ ئاتالغان يىغىندا قىلغان سۆزى بېسىلغان ئىدى. بۇ بەتكە خىتاي زىيالىيلىرى بىۋاسىتە ئىنكاس يازدى. بۇ ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر كوممۇنىست پارتىيە مەدەنىيىتىنى خەلققە مەجبۇرىي تاڭماقچى، خىيانەتچى-چىرىك ئەمەلدارلار، گۇمران بولۇۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنى «مەدەنىيەت» بىلەن نىقابلىماقچى دېگەن كۆز قاراش ئىپادىلەنگەن.

بۇ ئىنكاسلارنىڭ يەنە بىرىدە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋۇ باڭگو، جا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، جۇ يوڭكاڭدىن ئىبارەت 4 كىشىلىك گۇرۇھ ۋە شى جىنپىڭ، بۆ شىلەيدەك پارتىيە مىراسخورلىرىنىڭ قولىدا، خەلق قۇرۇلتىيىدىكى «ۋەكىل» دېگەنلەرنىڭ 99% چاڭچىلىكەش جاڭ زېمىننىڭ مۇرىتلىرى، جايلارغا بەلگىلەنگەن ئەمەلدارلارمۇ چىرىپ كەتكەن خىيانەتچىلەر، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش دەپ پات-پات تەكىتلەپ قويغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقى ناتايىن، بۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتايدا خەلقنىڭ سايلام، پىكىر ۋە نەشرىيات، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى يولغا قويۇلىدىغان، پارتىيە بىلەن مەمۇرىيەت ئايرىۋېتىدىغان دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد يوق. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنى ئالداش ئۈچۈن «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقتى، دەپ بايان قىلىنغان.

يەنە بىر ئىنكاستا، چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى 4‏-ئىيۇندا تۆكۈلگەن قان بەدىلىگە يېشىل كارتقا ئېرىشىپ چەتئەللەردە تۇرۇپ قالغان ۋە ھازىر خىتايدا دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تىكلەشكە جان تىكىپ قارشى تۇرۇۋاتقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ جەددى-جەمەتلىرى. بۇلاردىنمۇ چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ھازىر خىتايدا خەلق ئۈچۈن، پەقەت ئۆزى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ياكى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ياكى ئوردا ئۆزگىرىشى ياكى چەتئەل تاجاۋۇزى پەيدا قىلىپ كوممۇنىست پارتىيىنى يوقىتىشتىن ئۆزگە چىقىش يولى يوق دەپ بايان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت