ئوتتۇرا ئاسىيادا قوراللىق توقۇنۇشلار خەۋپى مەۋجۇتمۇ؟

مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىنلا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئا ق ش ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەسىر دائىرىسىنى بارغانسېرى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەرىتىسى. 2009-يىلى نويابىر.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەرىتىسى. 2009-يىلى نويابىر.
http://en.wikipedia.org

بولۇپمۇ رۇسىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپرەك تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولۇۋاتماقتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، رۇسىيە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھەربىي مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسى تەقدىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ھەرىكەت قىلماقتا.

ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي ئەكسىيەتچىلەر ھەرىكىتى، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قورال-ياراق ئەكسىيەتچىلىكى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە خەۋپ تۇغدۇرماقتا. رۇسىيىنىڭ بەزى رەسمىي ۋەكىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەتتا قوراللىق توقۇنۇشلار خەۋپىنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرى باش قوماندانى ۋلادىمىر چىركىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا شۇنداق ئەھۋالنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشىگە قازاقىستان ئانالىزچىلىرىمۇ دىققەت قىلماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ تاشقى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولات ئائۇيېلبايېف ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت