2000 قىزنى ئۆز يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكىلى بولامدۇ؟

2007-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى چىرايلىق ناملار بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلاردا ئىشلىتىش مەسىلىسى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلدى ۋە "نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماي، تۇرمۇش ئۆرپ ‏- ئادىتى، تىلى ۋە دىنى تامامەن ئوخشىمايدىغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟"دېگەنگە ئوخشاش نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك قىزلارنىڭ تۈرلۈك پاجىئەلەرگە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىياس قىلغىنىدەك، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە. دەل مۇشۇ پەيتتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا توقسۇ ناھىيەسىدىكى 2000 قىزنىڭ ئاقسۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەمدە قىزلارنىڭ ئالدى 1100 يۈەندىن مائاش ئېلىپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت