نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭدەك دۆلەت ئەربابلىرى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنى چەتئەلگە يەرلەشتۈرىدۇ؟

خىتايدا كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 18-قۇرۇلتايدا بولىدىغان ئەمەل تالىشىش جېڭى جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ھازىر بارغانسېرى ئىچكىرىلەۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 19 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﻪﭺ، ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 20 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ، 21 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻏﺎ "ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ" ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ 14 ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 19 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﻪﭺ، ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 20 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ، 21 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻏﺎ "ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ" ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ 14 ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
AFP Photo

ئاۋسترالىيىدە خىتايچە چىقىدىغان «بۈگۈنكى سىدنېي» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا ۋە خوڭكوڭدا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆزىنىڭ مەنسەپتىن ئايرىلىپ قالىدىغان كۈنلىرى ئۈچۈن بازا تەييارلىقى كۆرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئورتاق تەدبىرى---خىيانەت قىلىپ توپلىغان بايلىقىنى ھەرخىل نام بىلەن پارچىلاپ تارقاقلاشتۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت. خىتايدىكى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىمۇ بۇنداق ئەھۋال بايقالماقتا. گەرچە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى «دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» دېگەن جىنايى نام بىلەن جازالاپ تۇرسىمۇ، جەمئىيەتتە يەنىلا ئەمەلدارلارنىڭ نېمىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەۋج ئېلىپ قالدى. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بەشىنچى ئەۋلاد يادروسى دەپ ئالدىن بەلگىلىنىپ بولغان شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىنىمۇ، خىتايدا بەزى گېزىتلەر ئاشكارىلاشقا باشلىدى. پاكىتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خوڭكوڭغا يەرلەشتۈرىۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭكىدىن پۇختا.

«بوشۈن» تور گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھەدىسى دېڭ شاۋپىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىگىلىكىدىكى بىر يەر-زېمىن تىجارەت شىركىتىنىڭ باش پايچېكى ئىدى، ئۇ ھازىر كانادا پۇقراسى. شى جىنپىڭنىڭ ئۇكىسى ئاۋسترالىيە پۇقراسى. شى جىنپىڭنىڭ قىزىمۇ ھازىر ئامېرىكىدا يېشىل كارت (مەڭگۈ تۇرۇش ھوقۇقى) ئېلىپ بولغان.

شى جىنپىنىڭ تۇنجى خوتۇنى بىر چوڭ دىپلوماتنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىدە تۇرىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى خوتۇنى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ناخشىچى ئارتىسى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن فۈجيەندە «يۇئەنخۇئا دېلوسى» نىڭ باش جىنايەتچىسى لەي چاڭشىن ئارقىلىق تونۇشۇپ، 1991‏-يىلى توي قىلغان. شى جىنپىڭ ھازىر مۇشۇ خوتۇنى بىلەن ئىككىسىلا خىتايدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قالغان بىۋاسىتە تۇغقانلىرى چەتئەللەردە. بەزى يازغۇچىلار، شى جىنپىڭمۇ پۇتىغا چاق، قوۋۇرغىسىغا قانات بېكىتىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا چېگرادىن ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار بولدى، دەپ يازىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتاي سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ تور گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قىزى شى مىڭزې سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە ھېسداشلىق قىلغان دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەل تىللىرى فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ، 2010‏-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭباۋ» گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ ئاتىسى شى جوڭشۈننىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ ناھىيىسىدە 1958-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئائىلىۋى نەسەب تاختىسى ئېسىپ، ئۇنى شەنشى ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەشھۇر تارىخىي سەيلىگاھىغا ئايلاندۇرغان. ئەمما شى جىنپىڭ بۇ مەشھۇر سەيلىگاھ ھەققىدە زېمىن دەۋاسى قىلغان سەھرالىق تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پېشقەدەم كوممۇنىستنىڭ «بوشۈن» تور گېزىتىگە بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئاتىسى شى جوڭشۈننى ھېچقانداق سۇيىقەستكە قاتناشمىغان، بەلكى ماۋ زېدوڭنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان،دېگەن گەپ يالغان، ئۇ قالتىس پەمى بار ئادەم ئىدى، ماۋ زېدوڭ گۇرۇھ دەپ ئاتىغانلىكى كىشىنىڭ ھەممىسى يىقىلدى، لېكىن ئۇ ھېچقاچان يىقىلمىدى. بەلكى ھوقۇقتىن چەتنىمەي ئۆز ئەجىلىدە ئۆلدى. ئۇ ھەتتا بالىلىرىغا، پەقەت بىرىڭلا دۆلەت ئىچىدە قېلىپ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىڭلار، قالغانلىرىڭلار چەتئەللەرگە كېتىڭلار دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەن.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتايدا خەلق ھازىر، ھۆكۈمەتنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» دەپ جازالىشىغا قارىماي، نېمە ئۈچۈن كېلەر يىلى خىتاينىڭ رەئىسى بولىدىغان شى جىنپىڭدەك دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئۆزىدىن باشقا بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنى پۈتۈنلەي چەتئەللەرگە يولغا سالغانلىقىنىڭ ئىنچىكە سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت