'خىتاينىڭ ئىقتساد مودېلى ئامېرىكىغا ئۈلگە بولالمايدۇ'

"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى كېرىستىيا فرىلەند بۇ يىل يازدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنىڭ بىرىنىڭ خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاپتور خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭمۇ يۈكسىلىشى بىلەن ئۇ يەرلەردە ياشايدىغان خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بۇ بىر جەھەتتىن ئالغاندا ياخشى بىر ئەھۋال" دەيدۇ. ئەمما ئۇ، "خىتاينىڭ قايتا تىرىلىشىدىن خاتا دەرس چىقارماسلىقىمىز كېرەك،" دەپ ئەسكەرتىدۇ.

ئاپتور دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندە بەزى ئىقتىسادشۇناسلار ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ خىتايدىكىگە ئوخشاش دۆلەت كونتروللۇقىدىكى كاپىتالىزىمغا قىزىققانلىقىنى، خىتايدىكىدەك ئىقتسادىي مودېلنى يولغا قويغاندا ئىقتىسادنى قايتا راۋاجلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بىر كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ خىتايغا ئوخشاش دۆلەت كونتروللۇقىدىكى كاپىتالىزمنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان كەمبەغەل دۆلەتلەرنى سانائەتلەشكەن دۆلەت ھالىتىگە ئەكىلىش ئۈچۈن كارغا كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 1930 - 40 ۋە 50 -يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

-- خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى يۈكسىلىشى ئەمەلىيەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى نامرات بولغان يېزا ئىگىلىكىنى سانائەتلەشتۈرۈشتىنلا ئىبارەت بولدى. ھەتتا بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئالبانىيە ۋە ئەل سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە. بىز خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يىڭىلىقلاردا باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەت قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىنى تېخى كۆرمىدۇق.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، 1980 - يىللاردا جەنۇبىي كورىيە ئوخشاش مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندە ئۇنىڭ ئۆزىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە، ئەركىن كاپىتالىزمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇنداق بايان قىلىدۇ: خىتاي باي بولغانسېرى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى كاپىتالىزم تەۋرەشكە باشلىشى مۇمكىن. چۈنكى، خىتاي ئۆز خەلقىگە ھەقىقىي پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى بەرمەي تۇرۇپ ئۇلارنى ئىستىمالچى قىلالمايدۇ. خىتاي كېيىنكى ئون يىلدا دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، خىتاي خەلقى تېخىمۇ كۆپ ئىستىمال قىلىش كۈچىگە ئېرىشىدۇ دېگەنلىك. يەنى خىتاي خەلقى بېيىغانسېرى، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ.

ئاپتور كېرىستىيا فرىلەند دۆلەت كونتروللۇقىدىكى كاپىتالىزمنىڭ ئۈستىدىكى يەنە بىر بېىسىم "يېڭىلىقلار" دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەت تەڭ كېلەلمەيدىغان بىر ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ خەلق تەلەپ قىلىۋاتقان يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان دۆلەت يوق، دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەپپېل (Apple)، گوگۇل ۋە فېيسبۇكقا ئوخشاش تېخنولوگىيىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتقان شىركەتلىرى پەقەت ئەركىن جەمئىيەتتىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، دەپ ئەسكەرتىدۇ.

ئاپتور مەركەزچىلىك، دىكتاتور تۈزۈمنىڭ يېڭى تېخنولوگىيىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا نىسبەتەن بىر تەھدىتلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە خىتاينىڭ ياخشى بىر مىسال بولالايدىغانلىقىنى، دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ تېخنولوگىيە ۋە يېڭىلىقلار ئۈچۈن بىر توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاپتور كېرىستىيا فرىلەند ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە يۈكسىلىشكە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ، "خىتاينىڭ بۇنداق شەكىلدە يۈكسىلىشى ئامېرىكىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دېگەندىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكىغا ئوخشاش بىردىن - بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ راھىتىگە كۆنۈپ قالغان ئامېرىكا شىركەتلىرى، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ۋە ئامېرىكا خەلقى ئەمدى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ،" دەپ بايان قىلىدۇ.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى تۈزۈمگە ھەيران بولغۇچىلارنىڭ خاتا كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى، ئەركىن بازار ۋە ئەركىن بىر جەمئىيەت گەرچە قارىماققا قالايمىقان ۋە ئۈنۈمسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي مودېلنىڭ يەنىلا دېموكراتىك كاپىتالىزم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت