ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى خىتاينىڭ كەلگۈسى

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېنجۇ شەھىرىدە ھازىر، خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋەيران بولۇش، شىركەت خوجايىنلىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى ئادەم ياللاپ قاتىللىق قىلىش بىر جىددىي ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ قالغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 16 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 16 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
AFP Photo

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېنجۇ شەھىرىدە، خۇسۇسىي شىركەتلەر كەينى-كەينىدىن ۋەيران بولۇپ، شىركەت خوجايىنلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ياكى يۇرتنى تاشلاپ قاچىدىغان ياكى ئادەم ياللاپ قاتىللىق قىلىدىغان دېلولار يۈز بەرمەكتە. گەرچە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بۇنىڭدىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن ۋېنجۇغا بېرىپ، خۇسۇسىي شىركەتلەرگە يول ئېچىپ بېرىش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن، شۇنداقلا جېجياڭ ئۆلكىسىمۇ، ۋېنجۇنى يۈز مىليارد يۈەن بىلەن قۇتقۇزۇشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋېنجۇدا خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولمىدى. خۇسۇسىي شىركەتلەر مەسىلىسى ھازىر خىتايدا بىر جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى.

بۇ يىل ۋېنجۇدىن خوڭكوڭغا بېرىپ ئۆي-زېمىن سېتىۋالىدىغان خۇسۇسىي شىركەتلەر توساتتىن يوق بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ۋېنجۇ شەھىرىدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مەبلىغى ئۈزۈلۈپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ تەھلىل قىلغان ئىدى. يېقىندا «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋېنجۇ شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ۋېنجۇدىكى ئىككىنچى قول ئاپتوموبىل ساتىدىغان بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ مۇدىرى، بىزنىڭ شىركىتىمىزدەك شىركەتلەرنىڭ ھازىر مەبلىغى كەم، شۇڭلاشقا بىز ھازىر ئەڭ مەشھۇر ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى بازارغا سېلىپ ئەرزان سېتىشقا باشلىدۇق، باشقا خۇسۇسىي شىركەتلەرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن.

شېنجېندىكى «جەمئىيەت كۆزەتكۈچىسى» دېگەن بىر خۇسۇسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ۋېنجۇغا بېرىپ خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان ليۇ كەيمىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە يىل ئىچىدە، مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مۇھىتى ناچارلىشىپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، ۋېنجۇدىكى خۇسۇسىي شىركەت خوجايىنلىرى ئۆزگىچە يول تۇتقان. شىركەتلىرىنى بانكىغا ياكى ھۆكۈمەتكە گۈرۆگە قويۇپ مەبلەغ قەرز ئېلىپ، ئۇ پۇل بىلەن قەدىمى يەتكەنلىكى جايدا يەر-زېمىن سېتىۋېلىشقا باشلىغان. مەيلى پۇل تاپالىسۇن ياكى تاپالمىسۇن، مەبلەغ كاملىقىنى قىلچە چاندۇرمىغان. ۋېنجۇ شىركەتلىرى دەل مۇشۇنداق شەكىل بىلەن مودا قوغلىشىپ، ئۆزىگە ناتونۇش تىجارەتكە ئارىلىشىپ پۇل ئويۇنى قىلىپ، باشقا جايلاردىكى خۇسۇسى شىركەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ بەك يامان ئەھۋالغا قېلىپ گۇمران بولۇشقا باشلىغان. ئۇلار دەل چەتئەل شىركەتلىرى مەبلەغلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىۋاتقان، خىتايدا بانكىلار قەرز بېرىشنى ئازلىتىپ، ئۆسۆمنى يۇقىرى ئۆرلەتكەن، جەمئىيەتتە خام ئەشيا باھاسى ئۆرلىگەن، مەھسۇلات تەننەرخى يۇقىرىلىغان، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسكەن، شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى خىتايدىكى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيۋاتقان شۇ شارائىتتا ئۆزىنىڭ خۇدىنى بىلەلمەي پۇل ئويۇنى قىلىۋەرگەن.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ۋېنجۇ خىتايدا ئەڭ بۇرۇن شەخسىيلەر پاي قوشۇپ شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرۇش پەيدا بولغان ۋە خۇسۇسىي شىركەت تىجارىتى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان جاي. 1980-يىلى بىر ئايال تۇنجى بولۇپ ۋېنجۇدا يەككە تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋېنجۇدا 16 مىڭ ئادەم ئۆزلۈكىدىن شىركەت قۇرۇشقا كېرىشكەن. 2001-يىلىدا ۋېنجۇدىن 1 مىليون 540 مىڭ ئادەم مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە تاراپ يەككە تىجارەت قىلىشقا باشلىغان. 1995-يىلى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تىجارىتى فرانسىيە، ئامېرىكا، بېلگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن چەمبەرچەس چېتىلىپ بولغان. ۋېنجۇدىن چىقىدىغان 58 خىل مەشھۇر مەركىلىق مالنىڭ 30 ئى مەملىكەت بويىچە ئەڭ مەشھۇر مال. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋېنجۇدىن چىقىدىغان 136 خىل مال دۆلەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتقان ۋە دەسلەپتە تەرەققىي قىلدۇرغان بۇ «ۋېنجۇ ئىقتىسادىي مودېلى» مانا ئەمدى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئالدىدا گۇمران بولماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دا بايان قىلىنىشىچە، ۋېنجۇدا 360 مىڭ خۇسۇسى شىركەت بار. ۋېنجۇنىڭ 90% سانائەت مەھسۇلاتىنى خۇسۇسىي شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما بۇيىل 7-ئايغىچە، بۇ شەھەردە خۇسۇسىي شىركەتلەر تارتقان زىيان، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندەك، 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ بۇلتۇرقىدىن 30% ئاشقان. ئۇلارنىڭ ھازىر كەينى-كەينىدىن ۋەيران بولۇشىنى، خۇددى ۋولت ستېرت گېزىتى بايان قىلغاندەك، خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز لىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەھالەنكى، ھازىر ۋېنجۇ شەھىرىدە خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋەيران بولۇپ، شىركەت خوجايىنلىرى سرتقا قاچىدىغان ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ياكى ئادەم ياللاپ قاتىللىق قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئەھۋال، دەل خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە دۇچ كەلگۈسى ئەھۋالنىڭ كېچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت