خىتاي خەۋپى ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ؟

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. بۇ جەرياندا ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىنتىلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ، بولۇپمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى مەملىكەتلەردىن بولغان رۇسىيىدە بىرلەشكەن كارخانىلارنى ئېچىش ۋە ئۇلارنى ئۆز مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئىشچىلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىش ھەم ئۇنىڭدىن پايدا كۆزلەش، ئىككى دۆلەت چېگرا رايونلىرىدا ئورۇنلاشقان ئاھالە سانىنى كۆپەيتىش ئوخشاش مەقسەتلىرى ھەققىدە ئاخبارات سەھىپىلىرىدە دۇنيا ئانالىزچىلىرىنىڭ ھەر خىل پىكىر - تەخمىنلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن.

خىتاينىڭ بۇ پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا قانداق نىيەتلەرنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقى بويىچە ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرىدا قارىمۇ - قارشى پىكىرلەرمۇ كېلىپ چىقماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەردە بارغانسېرى خىتاي خەۋپىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەققىدە رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ھەر خىل مەزمۇنلاردا ماقالىلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلىپ كەلگەن.

"خىتاينىڭ بېسىۋېلىشى مۇقەررەر"، "يىراق شەرقى ئاسىيا خەۋپىنى قايتۇرۇشقا تەييار ئەمەس"، "خىتاي رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىنى 'بېسىۋېلىشنى' باشلىماقتا"، "رۇسىيىدىكى ھايات خىتاي كۆچمەنلىرى نەزەرىدە"، "خىتاي ئارمىيىسى يىراق شەرقنى بىر سوققا بىلەنلا بېسىۋېلىشقا قادىر" دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار بىلەن ئاتالغان مەزكۇر ماقالىلاردا رۇسىيىنىڭ بولۇپمۇ يىراق شەرق ۋە شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىغا خىتاينىڭ كۆپرەك قىزىقىۋاتقانلىقى ھەم بۇ يەرلەردىكى يەر بايلىقلىرىنى سېتىۋېلىش، يېڭى يوللارنى ۋە تۇرۇشلۇق جايلارنى سېلىش، بىرلەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەم كۈچۈيىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ رايونلارنى ئىگىلەشتە رۇسىيىنىڭ بىرەر ئېنىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پروگراممىلىرى ياكى لايىھىلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە يوقلۇقى، مانا ئەمدى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى ئاللىقاچان ئۆزلەشتۈرۈپ بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇنىڭدىن تاشقىرى ماقالە ئاپتورلىرى شۇنداقلا ھەر خىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن رۇسىيىگە كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە رۇسىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېسابتا 200 مىڭدىن 500 مىڭ ئەتراپىدا بولماقتا. رۇسىيىگە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى كونترول ئاستىغا ئېلىنمىسا، شۇنداقلا يىراق شەرق ھەم شەرقىي سىبىرىيە رايونلىرىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت قىلىنمىسا رۇسىيىنىڭ بۇ رايونلاردىن تامامەن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنىڭ مۇقەررەرلىكى پەرەز قىلىنغان.

ئەمدى يېقىندا "رۇس ئوبزورچىسى" ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان "خىتاي خەۋپى مەۋجۇت ئەمەس" ماقالىسىنىڭ ئاپتورى كۆزەتكۈچى بورىس بورىسوف يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىكىرلەرگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆز ماقالىسىنى، "خىتاي خەۋپى مەۋجۇت ئەمەس. سىبىرىيىنىمۇ خىتاي بېسىۋالمايدۇ. رۇسىيىدىمۇ، سىبىردىمۇ بىز ئۈچۈن پەقەت بىرلا خەۋپ مەۋجۇت - بۇ رۇس خەۋپى. پەقەت بىز 1991 - يىلىدىكىدەك ئۆز ئېلىمىزنى يوقىتىش، 1991 - يىلىدىكىدەك ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ئىنكار قىلىش، 1992 - يىلىدىكىدەك ئۆز ئېلىمىزنى تالان - تاراج قىلىش ئەھۋالىدا تۇرۇۋاتىمىز" دېگەن مەزمۇندىكى قاراشلىرى بىلەن باشلىغان ئاپتور خىتاي خەۋپىنىڭ يوقلىقىنى بىر نەچچە مەۋقەدە چۈشەندۈرگەن.

كۆزەتكۈچى تارىخ سەھىپىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا رۇس ئارمىيىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ شىمال قىسمىغا بىر نەچچە قېتىم ئاياق باسقانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ، "خىتاي ئاھالىسىنىڭ كۆپلۈكى ھەم زىچ ئورۇنلاشقانلىقىدىن يات دۆلەتلەرنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشقا ئىنتىلىۋاتىدۇ" دېگەن باشقا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى يوققا چىقارغان ھەمدە خىتاينىڭ ئاھالىسى زىچلىقى جەھەتتىن ئاسىيادا ئونىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ئۇنى جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيە، ياپونىيە، ۋيېتنام، فىلىپپىن ئوخشاش ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇ، "نېمە ئۈچۈن مىليارد خەلقى بار ئاھالىسى زىچ ئورۇنلاشقان ھىندىستان، نېمە ئۈچۈن ئاھالىسىنىڭ زىچلىقى جەھەتتىن خىتايدىن سەككىز ھەسسە ئېشىپ چۈشىدىغان بانگلادېش باشقا يەرلەرگە تاجاۋۇزلۇق قىلمايدۇ؟" دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئانالىزچى رۇسىيىنىڭ سېبىرىيىگە ئوخشاش خىتاينىڭمۇ "سىبىرىيەسى" بارلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئاھالە زىچلىقىنىڭ شەرققە قارىغاندا 50 ھەسسە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايونلارنى ئىگىلەشكە جىددىي كىرىشكەنلىكىنى ھەمدە خىتايلار ئۈچۈن بۇ يەرلەردە يەنە 100 - 150 يىلغا يېتىدىغان ئىشنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ئاھالىسىنىڭ كېيىنكى يىگىرمە يىل ئىچىدە يېزىدىن شەھەرگە كۆپلەپ كەلگەنلىكىنى ھەم بۇ جەرياندا ئۇنىڭ سانىنىڭ سۆزسىز كېمىيىدىغانلىقىنى ۋە ياش جەھەتتىن قېرىيدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قەتئىي تۈردە كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
 
ماقالىدە شۇنداقلا خىتاينىڭ قانداقلا بولمىسۇن خەلقئارا مەيداندا توقۇنۇشلارغا ئارىلاشقان ھالەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىچىدە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىش، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇنىڭ پۈتۈنلەي پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. بۇ يەردە كۆزەتكۈچى ب. بورىسوف تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ تەيۋەننىڭ شەرقتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئەمەس، بەلكى تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي مۈلكى - خىتاي قۇرۇقلۇقىنى بېسىۋېلىش ياكى ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋېلىش ئويۇنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئارمىيە سانىنىڭ ھەم قورال كۈچىنىڭ ھېچ قانداق رول ئوينالمايدىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 1991 - يىلى گۇمران بولغىنىغا ئوخشاش خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمىنىڭمۇ غولاش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كۆزەتكۈچى پەقەت خىتاي قۇرۇقلۇقىنىڭ ئاز دېگەندە بەش - ئالتە ئۆلكىگە پارچىلىنىپ، خوڭكوڭ، تىبەت، ئۇيغۇرلار، ئىچكى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە ئوخشاش مۇستەقىل دۆلەتلەر بارلىققا كەلگەن تەغدىردىلا سۆزسىز خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ بىرىكىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەن.

ب. بورىسوف خىتاينى ئىدارە قىلىۋاتقان تۈزۈم غۇلاپ، ئۇنىڭ پارچىلىنىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن بۇ يەرلەرگە رۇسلارنىڭ باسقۇنچىلىق نىيىتىدە ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ھەرىكىتى بىلەن، يەنى جاي - جايلاردا تىنچلىقنى ساقلاش، بۇلاڭچىلىق ۋە قاراقچىلىقلارنى بېسىش، مىليونلىغان ئاھالىنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت