چېقىمچىلىق ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چېقىمچىلىق - بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان بىر - ئىككى ئېغىز گەپنى، يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ قارشى تەرەپكە ئاڭلىتىش يالغانچىلىقى بولۇپ، خائىنلىقنىڭ بىر تۈرىدۇر. بۇ ئادەتتىكى گەپ توشۇشتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر. چۈنكى گەپ توشۇش مەقسەتسىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق رەزىل مەقسەتلەر ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق چېقىمچىلىق شۇ ئىنساننىڭ نىيىتى بۇزۇق، روھى كېسەل، بىپەرۋا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

20 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززالى چېقىمچىلىق ۋە ئۇنىڭ رەزىللىكى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان:«بىر قېتىملىق چېقىمچىلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلار ۋە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېقىمچىلىقنىڭ ئاددىي بىر مىسالى. ئەمما كىشىلەرنى زالىم ھۆكۈمدارلارغا چېقىپ قويۇپ، ئۇلارنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان شەكىلدىكى چېقىمچىلىقنى مۇسۇلمان ئادەم قىلمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىنسانلىق دەرىجىسىدىن ۋە ئىنسانلىق خىسلىتىدىن چۈشۈپ ئەڭ پەس ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغان ئەبلەخلەرنىڭ قىلىقىدۇر. چېقىمچىنى ئاللاھ ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ ۋە ئۇنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلايدۇ. دۇنيادا چېقىمچىلارنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك ھاياتى نابۇت بولغان مىڭلارچە بىگۇناھ ئىنسانلار بار. بۇلارنىڭ بۇنداق نابۇت بولۇشىغا بىر چېقىمچى مۇناپىقنىڭ نەپسى ئاۋارىگەرچىلىكى سەۋەب بولىدۇ. چېقىمچىنىڭ ئاخىرەتتىكى يامان ئاقىۋىتى توغرىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىر كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى ئاڭلىتىپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئىجتىمائىي ھاياتتا چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق، ياكى ئىشەنمەسلىكتۇر. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەم چېقىمچىنىڭ يولىنى تاقىغىلى بولىدۇ، ھەمدە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىپپىتىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە:«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» دەپ كەلگەن. شۇڭا چېقىمچىلار ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك. مۇنداق قىلمىغاندا، پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا يول قويغان بولىمىز.»

بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەرگە كىرگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چېقىپ قويۇش، ئېغىر ئاياق ئىكەنلىكى بىلىنىپ قالغان ئاياللارنى دەرھال مەلۇم قىلىش، قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىققانلارنى تىزىملاش، ياراتقۇچىسىنى تونۇش يولىدا مەخپىي ھالدا دىنىي بىلىم ئوقۇغانلارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلىپ تۇتۇپ بېرىش قاتارلىق چېقىمچىلىق تۈرلىرىنى سادىر قىلىدىغانلار بار بولۇپ، ئۇلار خوجايىنلىرى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئازغىنە ۋاقىتلىق ئىنئاملارغا سېتىلىپ، ئۆز مىللىتىنى قۇرۇتۇش يولىغا كىرگەن مەلئۇنلاردۇر. مۇنداق مەلئۇنلار ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەممە قاتلاملىرىدا تولۇپ تاشماقتا. مۇنداقلاردا ئازراق بولسىمۇ ئىمان ۋە ۋىجدان يوقمىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قەۋم - قېرىنداشلىرىنى سېتىشتىن توسىدىغان كىچىككىنە بولسىمۇ ئادەمىيلىك غۇرۇرىمۇ قالمىغانمىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى ھېس قىلمامدىغاندۇ؟!

تولۇق بەت