«ئوسال ئۇيغۇرلار» ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر چۈشەنچىسى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئەپەندى MIT دا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى ئاپرېل.
ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئەپەندى MIT دا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى ئاپرېل.
Social Media

خىتاي ئوبزورچى ۋاڭ لىشيوڭ ئەينى ۋاقىتتا «ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىدە زادى نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھاياتلىق چەمبىرىكىنىڭ سىرتىغا مەنسۇپ بولغان خىتايلار مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەندەك، خىتايلارنىڭمۇ ئۆزئارا ئايرىم قالغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىشىدىغانلىقى كۆپىنچە ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم بولۇپ كەلگەن ھادىسىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكادىكى يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس ياش ئالىملاردىن دوكتور دەررېن بايلېر يېقىندا ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ۋە خىتايلار بىلەن بولغان سۆھبەتلىرى ئاساسىدا بۇ مەسىلىنى قىسمەن شەرھلەپ ئۆتتى.

دەررېن بايلېرنىڭ SupChina تورىدا 3-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر دېگەن ئاشۇنداق ئوسال» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان خىتايلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىدىغان بىر جۈملە باھانى ئۆزىگە ماۋزۇ قىلغان. بۇنىڭدا تەسۋىرلىنىشىچە، بىڭتۇەندە چوڭ بولغان لۇ يىن ئىسىملىك بىر خىتاي ئىچكىرىدىن تۇغقان يوقلاپ بۇ جايغا كەلگەندە ئۇيغۇرچە تائاملارنى بەكلا سېغىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئاشخانا ئاچىدىغان ئۇيغۇرنىڭ قالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا ئىلاج قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەندە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرچە تائام خۇمارى» نى بېسىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن «تۇغقانلاشقان» ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئېلىپ بارىدۇ.

كېسەك ئۆيدىكى تولىمۇ نامرات بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى مېھمان خىتايلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ تۆرگە باشلايدۇ ھەمدە پولۇ بىلەن مېھمان قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيى ۋە بەش قولدەك كۆرۈنۈپ تۇرغان نامراتلىقىدىن لۇ يىن بۇ ئائىلە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ۋاق تاماق تەييارلاشنىڭ راۋۇرۇس مۇشەققەتلىك بىر «ۋەزىپە» بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ساھىبخانا ئۇيغۇرلار تاماق ئۈستىدە «قايتا تەربىيەلەش» تىكى كىشىلەرنىڭ ئاچ-يالىڭاچ قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى، ئۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ «كۈندىلىك ئاش-تامىقىڭلارنى كىم بېرىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا «رەئىس شى جىنپىڭ» دەپ جاۋاب بېرىشنى مەشىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. ئەمما لۇ يىننى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ خىتاي تۇغقانلىرىدىن ھېچكىممۇ بۇ گەپلەرگە ھەيران قالمايدۇ. پەقەت «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقى، «ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقى» دېگەندەك سۆزلەرنى قوشۇپ قويىدۇ.

لۇ يىن تاماق ئارىلىقىدىكى قىسقىغىنە جىملىقنى تەسۋىرلەپ «شۇ ۋاقىتتىكى سۈكۈناتنىڭ نەقراتى پەقەت ‹ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق ئوسال خەق› دېگەن باھاغا قارىتا ساھىبخانا ئەر-ئايالنىڭ ‹راست، بىز بەك ئوسال خەق› دېيىشى بولدى» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ قايتقىچىمۇ «بۇ ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق ئوسال خەق» دېگەن باھا بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ.

ئۆزىنىڭ لۇ يىن بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئەسلەپ چىققان دەررېن بايلېرنىڭ نەزەرىدە بۇ ۋەقە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق پاجىئەگە خىتايلارنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى ئەڭ يارقىن نامايان قىلىپ بەرگەن بىر مىسال ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقىنى قېزىشقا لازىملىق ئەمگەك كۈچى بولۇپ بۇ جايغا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا سېرىق جىلىتكە كىيىپ كوچا سۈپۈرۈش ياكى كاۋابچىلىقتىن باشقا تۈزۈك خىزمەت ئاشمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئەمما بۇ ھالمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشىنى قوزغىيالمىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ بىر قىسمى چوڭلار بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئىشلار بىر تۈرلۈك قاباھەت، دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇنى خىتايدا 1970-يىللىرى ئەۋج ئالغان ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىدە ھەرقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتكە سىياسىي تۈس بېرىشتەك دولقۇننىڭ يېڭىۋاشتىن پەيدا بولغىنىغا ئوخشىتىدۇ. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ 2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باي بولۇش چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ تەدبىرلەرنى ‹تۈپ جەھەتتىن زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك چارىلىرى› دەپ قارايدۇ. بۇنداق خىتايلار ھەممىلا جايدا ئۆزلىرىنىڭ ئەتىۋارلىنىشىنى تاما قىلىدۇ. ئاددىيسى ئاشخانىلارغا تاماق يېگىلى بارسىمۇ ئۇلارنىڭ تامىقى ئۆچىرەتتىكى ‍ئۇيغۇرلاردىن ئاتلاپ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىلىگە چىقىشى لازىم، دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ تەبىئىتىدە بولىدىغان ‹ھەممىلا نەرسىنىڭ باش بۇرنىنى بىز ئالىمىز› دەيدىغان قاراشقا بەكلا مايىل. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىق شوئارى ئۇلارنىڭ ‹ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى› نىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەيلى لاگېردىكىلەر بولسۇن ياكى لاگېر سىرتىدا نازارەتتە يۈرۈۋاتقان كىشىلەر بولسۇن، كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ھازىر ئاللىقاچان خىتايچە مائارىپ مۇھىتىغا تولۇق يېتەكلىنىپ، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا قوشۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.»

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانچىلىك ئېچىنىشلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش يەنىلا يېتەرلىك بولمىدى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ «ئوسال تەبىئەتلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ ئۆزلىرىگىلا خاس بولغان ئائىلە مۇھىتىدا ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقى، نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى ھەمدە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلىشكە ئەڭ قىزىقىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن تېزدىن «ھەر مىللەت كىشىلىرى بىر ئائىلە بولۇش» شوئارى ئاستىدا تۇغقانلىشىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھاياتلىق ماكانى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە دۇنيا قارىشى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان خىتايلار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە «تۇغقان» بولۇپ سەپلىنىشكە باشلىغان.

بۇ خىلدىكى خىتاي كادىرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا دەررېن بايلېر مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارغا قانداق قىلغاندا خىتايلارغا تېخىمۇ ئوخشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشنى ئۆگىتىش بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇپ قالغان. بۇ كادىرلار ئادەتتە بىرنەچچە كۈن، بىرەر ھەپتە ياكى بىرەر ئاي تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ ‹قايتا تەربىيەلىنىش› دېگەن نامدا لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ جەھەتتىن قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلار ھازىر ئىككى تەرەپتىن ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچراۋاتىدۇ: بىرى، لاگېر سىرتىدىكى كىشىلەر ‹تۇغقان بولۇش› نامىدا ئۆيلىرىگە كېلىپ يېتىۋالغان ئاشۇ خىتاي كادىرلارنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئاشۇ ئاتالمىش ‹تۇغقان› لىرىنىڭ نازارىتىدە بايراق چىقىرىش، ئىنقىلابى ناخشىلارنى ئېيتىش، پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش دېگەنلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي چۈشەنچىسىدە ‹ھارام› دەپ قارىلىدىغان ئىشلاردۇر؛ يەنە بىرى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي يوسۇندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيلىرىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاشۇ خىتاي ‹تۇغقانلىرى› نىڭ نازارىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق دىنىي ھېسسىياتتا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. بۇ خىتايلار بولسا مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ كىمنىڭ ئىشەنچلىك، كىمنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، قايسى ئائىلىدىكى قايسى كىشىنى ‹تەربىيەلەش› كە ئەۋەتىش لازىملىقىنى بېكىتىدۇ.»

دەررېن بايلېر سۆزلەشكەن خىتايلارنىڭ كۆپ قىسمى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايقىشىچە، خىتايلار ھازىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىشىشتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ سۆزلىشىشتىن توختىغان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت