سىياسەتشۇناسلار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك خەۋپ ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
10 - ئىيۇندا ئالماتادىكى پائالىيەتتە قەھرىمان غوجامبەردى سۆز ئۈستىدە
10 - ئىيۇندا ئالماتادىكى پائالىيەتتە قەھرىمان غوجامبەردى سۆز ئۈستىدە
RFA/Oyghan

ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تا 90-يىللىرىغىچە دۇنيادا بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىككى سىياسىي سىستېما، يەنى سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزم تۈزۈملىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قارشىلىق نەتىجىسىدە دۇنيا ئاتوم ئۇرۇشى خەۋپىگە دۇچار بولدى.

بۇ ئىككى سىستېما دائىم بىر-بىرىنى خەۋپ سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلدى ھەمدە بىر-بىرىگە قارشى ئۈزلۈكسىز سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدىيىۋى ئۇرۇشلار ئېلىپ باردى. 80-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ سوتسىيالىستىك سىستېما پەيدىن-پەي يىمىرىلىشكە يۈزلەندى ھەم نەتىجىدە 90-يىللارنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا سوتسىيالىزمنىڭ بايراقدارى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈزۈل-كېسىل غۇلىدى. ئەمما دۇنياۋى سوتسىيالىزم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى قارشىلىق ئىمپېرىيەلەر ئارىسىدا يەنىلا داۋام قىلماقتا. دۇنيا يېڭى ۋە تېخىمۇ دەھشەتلىك خەۋپ گىرۋىكىگە كېلىپ تاقالدى.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك خەۋپ نېمە؟ ئانالىزچىلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ جەرياندا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى، ئىسلام مەملىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى ۋە ئافغانىستاندىكى ئەھۋالنى، بولۇپمۇ تالىبان ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتماقتا.

بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش مەقسىتىدە بىز قازاقىستاندا تونۇلغان سىياسەتشۇناسلاردىن كونستانتىن سىرويېژكىن، قەھرىمان غوجامبەردى، ئايدوس سارىم ۋە غالىم ئاگېلېئۇئوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى ك. سىرويېژكىن ھەم ئۇكرائىنا، ھەم ئىسلام مەملىكىتىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك خەۋپ بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ بولسا ئىككىنچى پىلانغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ق. غوجامبەردى ھازىرقا كۈندە بولۇپمۇ ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
-ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ھازىر قەدىمكى نەچچە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ، ئەسكەرلەرنىڭ ئىشتراكىدا، زامانىۋى تېخنىكا، قورال-ياراق، تانكلارنىڭ ئىشتراكىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھەقىقىي ئۇرۇش كېتىپ بارىدۇ. بىز شۇنى ھېسابقا ئېلىشىمىز لازىمكى، 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى شۇ ياۋروپادا باشلانغان. 50-60 مىليون خەلقنىڭ بېشىنى يېگەن سوقۇشلار. ھازىرمۇ بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسپەرەستلەرنى قوللاپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئىككىنچى تەرەپتىن، بۇ غەرب دۇنياسى، ئۇنىڭغا ھازىر بىرلەشكەن ياۋروپا، ئامېرىكا، پۈتكۈل دۇنيا قوشۇلۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەڭ چوڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداق چوڭ بىر دۇنياۋى كرىزىسقا ئايلىنىش خەۋپى پەيدىن-پەي شەكىللىنىۋاتىدۇ.

ئايدوس سارىم ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە ئىسلام مەملىكىتىنىڭ قازاقىستانغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى:
- بۇ ماۋزۇلارنىڭ ئالەمنى، قازاقىستان خەلقىنى قىزىقتۇرۇۋاتقىنى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. بىزگە يېقىنى ئىككى ماۋزۇ دەپ ئويلايمەن. بىرى، بۇ ئۇكرائىنادىكى ئەھۋال. مەسىلەن، قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان كۆپلىگەن پۇقرالارنى ئۇكرائىنادىكى ئەھۋال قازاقىستاندا ئورۇن ئالسا قانداق بولار ئىدى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قانداق راۋاجلىنىدۇ، رۇسىيەگە ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو قازاقىستانغا قانداق تەسىر قىلىدۇ، رۇسىيەدىكى رۇبلىنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوقىتىگە قانداق تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش ئويلارنىڭ بېئارام قىلىدىغانلىقى روشەن. ئىككىنچى نەرسە، ئىسلام مەملىكىتى دېگەنگە ئوخشاش دىنىي رادىكاللىقنىڭ، تېررورلۇقنىڭ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار. سەۋەبى، قازاقىستاننىڭ ئاز بىر قىسىم پۇقرالىرىنىڭ يات ئەل ئۈچۈن، بىز قوشۇلمايدىغان ئىدىيىلەر ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ يۈرگىنى، ئۇلارنىڭ كېيىن قازاقىستانغا كېلىپ، قازاقىستاننى خەۋپكە سېلىش، تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى ئەلۋەتتە، جەمئىيىتىمىزنى ئەنسىرىتىدۇ.

غالىم ئاگېلېئۇئوف ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى غەرب ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى دەپ كۆرسەتتى:
- مېنىڭچە، بۇ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئومۇميۈزلۈك مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. سوۋېتتىن كېيىنكى ئۇكرائىنا توقۇنۇشى - بۇ ئىككى كۆز قاراش، يەنى ئۆز تەرەققىياتىنى ياۋروپاغا، شۇ جۈملىدىن ئۇكرائىناغا تارقىتىۋاتقان ياۋروپا بىلەن دونېتسك ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى تەرەپدارى بولۇۋاتقان رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر. ئەپسۇسكى، بىز كۆپىنچە دىكتاتور ھۆكۈمرانلارغا يان بېسىشقا ئادەتلىنىپ قالغانمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك قولىدا كۈچى بارلارنى، ئۆز پۇقرالىرىغا پۇقرا سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بېقىندى پۇقرا سۈپىتىدە قارايدىغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. رۇسىيە سۆزسىز قازاقىستاننى ئۆزى بىلەن بىللە تارتىپ كېتىدۇ. رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگو سەۋەبىدىن مەركىزىي ئاسىيادا تەرەققىياتنىڭ توختاپ قېلىشى ئېھتىمال. بۇ ئەلۋەتتە، قازاقىستانغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت