ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» مۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شايار ناھىيە قايلور يېزا بوزدۆڭ كەنتىدە 50 تىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى تەربىيىلەش بازىسىدا كەپشەرلەش تېخنىكىسى ئۆگىتىلمەكتە. 2015-يىلى 9-ئاپرېل.
شايار ناھىيە قايلور يېزا بوزدۆڭ كەنتىدە 50 تىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى تەربىيىلەش بازىسىدا كەپشەرلەش تېخنىكىسى ئۆگىتىلمەكتە. 2015-يىلى 9-ئاپرېل.
sy.aks.gov.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىشسىز ياشلارنى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە قەرەللىك ۋە پىلانلىق ھالدا سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

10 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ سىياسەتنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ يەنە كۈچەيگەنلىكى مەلۇم. يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۇقتىلىق سىياسەتلىرىنىڭ بىرى. ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانىدا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىن يىلىغا سرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر يېرىم مىليون ئادەم قېتىم قىلىپ ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 13 ‏-بەش يىللىق پىلان بويىچە بۇ ساننى ئىككى يېرىم مىليونغا كۆتۈرگەن. خەلق تورى خەۋىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شاۋفىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 2 مىليون 200 ئادەم قېتىم يۆتكەش خىزمەت نىشاننىڭ 68 پىرسەنتى ئورۇنلىنىپ بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تورىدىكى ستاتىستىكىسىدا «6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايوندا بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 56.9% كە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.2% پىرسەنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.9% پىرسەنت ئاشقان؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 1 مىليون 504 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 303 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى 25.2% كە يەتكەن. يىللىق نىشان-ۋەزىپە 68.4% تاماملانغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 26 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپە 52.8% تاماملانغان. ئائىلىسىدە بىرەرمۇ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى داۋاملىق ھەرىكەت ھالىتىدە تۈگىتىش يولغا قويۇلغان» دىگەنلەر كۆرسىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شاۋفېڭ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدا ئۈچ جەھەتتە ئالاھىدىلىك نامايان قىلىندى: بىرىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاساسىي ۋاسىتىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككىنچى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى ۋە ‹چاققان، قولاي، تېز› تۈرلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش سىجىل ئاشتى. ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئىشسىز نامرات ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۈسۈپ جاھان كۆرۈپ كۆزىنى ئېچىشقا، ھەر جەھەتتىن قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، دەپ خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، رادىيومىزغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن گەرچە يېزىدىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز يۇرتىدا ئىش پۇرسەتلىرى بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىش ئىزدەشكە مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاقسۇ ئايكۆل يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە ھازىر ھەممە كەنت، يېزىلارغىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قۇرغان زاۋۇت كارخانىلىرى ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر بۇ ئىش ئورۇنلىرىغا يەرلىكتىن بىر قانچە ئۇيغۇر ياشنى ۋەكىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا ئاساسلىق ئىش ئورنىغا خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ بۇنداق ئادالەتسىز سىياسەت بىلەن ھەل بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن يەنە 2 مىليون 190 مىڭ كىشى بار ئىكەن. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئاتىلىۋاتقان يېزىلاردىكى بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى بولسا ئاساسەن بولۇپمۇ 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، تېرىيدىغان يېرى يوق، كىرىمى يوق، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان ياشلاردىن ئىبارەت. ھالبۇكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىق ۋە ھەر خىل كەسپلەردىكى تېخنىكوملارنى تاماملىغان ئۇيغۇر كەسپ ئىگىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلار دولقۇنىغا قۇشۇلىۋاتقانلىقى دېققەت تارتىدۇ.

قاراماي شەھىرى خىتايدىكى ئىقتىسادى، شەھەر تەرەققىياتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەر بولۇپ ھېسابلانسىمۇ، ئەمما يېقىندا بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا، قاراماي شەھىرىدە ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياشلارنىڭ ساننىڭ 5000 دىن ئاشىدىغانلىقى، بۇ شەھەرلەرنى دەسلەپكى ئېچىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ھازىر ئىشسىزلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىق تۇپەيلى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ھەر خىل تۇيۇق يوللارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىلارغا ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئاشكارىلانغان ئىدى. قاراماي شەھىرىدىكى بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋىرى بار، ئەمما ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىممۇ بۇ ئەھۋاللارنى دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، دەپ تەشۋىق قىلغان بولسا چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ سىياسەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى بىلەن ئىگىلەش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىققا چۈشۈرۈش ئىسىتراتېگىيىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەت دەپ قارىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىغا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» دەپ نام بېرىشنىڭ ئۆزىلا خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى، «ئۇيغۇر ئېلىدا ئەمگەك كۈچى ئېشىپ كېتىش مەۋجۇت ئەمەس، ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئەمگەك كۈچى ئارتۇق بولسا، خىتاي نېمە ئۈچۈن خىتايدىن ھەر يىلى پىلانلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەيدۇ، دېمەك ئۇيغۇر ئېلى ئەمگەك كۈچىگە مۇھتاج، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تامامەن مۇمكىن. ئەمما خىتاي ئۇلارنى ئارتۇق كۈچ دەپ كۆرگەچكە يۆتكىمەكتە. ھەقسىز، مەجبۇرىي،ئەمگەككە سېلىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلانمايدۇ، بۇ خىتاينىڭ غەرەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاسسىمىلىياتسىيىنى تېزلىتىش سىياسىتىنىڭ بىر تەدبىرى» دەپ بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشسىز دېھقان ياشلارنى، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى 10 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ياشلىرى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەلگەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا تۈرلۈك خورلۇق، كەمسىتىشكە ۋە ھەق ‏-ھوقۇقلىرى دەخلى ‏-تەرۇزغا ئۇچراپ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى. 2009-يىلىدىكى-26 ئىيۇن گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەمدە-5 ئىيۇل ۋەقەلىرىنىڭمۇ ئۇشبۇ سىياسەت سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت