غەرب ئەللىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىشىش باسقۇچىغا كىردىمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پولشا چېگرا ساقلىغۇچىلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە. 2020-يىلى 20-مارت.
پولشا چېگرا ساقلىغۇچىلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە. 2020-يىلى 20-مارت.
AP

كورونا ۋىرۇسى ئاپىتى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاي بىلەن بولغان ھەر ساھە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىش چۇقانلىرىنى پەيدا قىلماقتا.

خىتايدا پەيدا بولۇپ جاھانغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى ئاپىتى ئىنسانلارنى ئېغىر پاراكەندىچىلىكلەرگە گىرىپتار قىلىپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە بازىسى بولغىنىغا ئوخشاش، خىتايمۇ غەربنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى ھەم خام ئەشيا بازىسى بولۇپ كەلگەن. كورونا ۋاباسى پەيدا بولغاندىن كېيىن خىتايدىن كېلىدىغان خام ئەشيالار ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ياكى كورونا ۋىرۇسىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئېھتىياجىدىن خىتايدىن كېلىدىغان ماللار بىردەك چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ماللىرىغا تايىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان غەربتىكى نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئامېرىكادا بولغىنىغا ئوخشاش، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان كارخانىلارنىڭ زىيانلىرىنى تۆلەشكە قانچە مىلياردلاپ پۇل ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولغان. دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ جەھەتتىكى ۋەدىلىرىنى ئاشكارا جاكارلىماقتا.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كاللىسىدا «ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشى قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلدى؟»، «كورونا ئاپىتى تارىخقا ئايلانغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش نورمال ھالەتكە قايتامدۇ-يوق؟»، «خىتاي بىلەن بۇندىن كېيىن زادى قانداق بىر مۇناسىۋەتتە بولغاندا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلغىلى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە خىتاينىڭ دۇنيانى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش خاھىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟» دەيدىغان جىددىي سوئاللار تۇغۇلۇپ، مەتبۇئاتلارنى بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار قاپلىغان.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زامان گېزىتى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئانالىزچىسى مارتىن كىلىڭست ئەپەندىنىڭ 16-مارت كۈنى مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلغان «بىز خىتاي توغرىلىق سۆزلىشىشىمىز لازىم» ناملىق ماقالىسى مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى.

500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يازما ئىنكاسىنى قوزغىغان بۇ ماقالە «كورونا كرىزىسى بىزنىڭ خىتايغا نەقەدەر بېقىنىپ قالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ غەربىدىكى ئىنسانىيەتسىز سىياسەتلەر پەيدا قىلىۋاتقان ھوقۇق قەھەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى نامايان قىلدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان.

ماقالىدا «كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ھەم دورىگەرلىك ساھەسىدە گېرمانىيەنىڭ بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا نەقەدەر بېقىندى ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى»، بۇ بېقىندىلىقنىڭ ھازىر گېرمانىيەنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قالغانلىقى، گېرمانىيەگە ئەمدى ئېغىر كېلىۋاتقانلىقى ۋە گېرمانىيەنىڭ بۇنىڭ دەردىنى قاتتىق تارتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ: «تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يىپەك يولى پروگراممىسى ھەم مەبلەغ سېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئافرىقا، ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردىمۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئېنىق: بېيجىڭنىڭ رەھبەرلىرى باشقىلارنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇشنى خالايدۇ،» دەپ يازغان.

ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ «بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ھەم قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي رەھبەرلىرى سىياسىي جەھەتتە غەربكە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر پىلانېتتا ياشايدۇ. ئۇلار ھېچقانداق بىر زىددىيەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرىدۇ، ئۇلار بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ، قەدەممۇ-قەدەم ھەممە نەرسە كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان نازارەت دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى. تەلىيىگە يارىشا تەرتىپلىك ئومۇملاشقان كىشىلىك ھوقۇق ھەم قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە بولغان غەربنىڭ بارلىق مۇھىم ۋە قەدىرلىك نەرسىلىرىنى ئۇلار كۈندىن كۈنگە ئاياق ئاستى قىلماقتا،» دېگەن بايانلارغا ئورۇن بېرىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا، خىتاينىڭ خام ئەشيالىرىغا بېقىنمىغان ھالدا ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغان بىر سىستېمىنى بەرپا قىلىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ.

د ئۇ ق تەركىبىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

18-مارت «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كورونا ۋىرۇسى تارقالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياۋروپانىڭ بىرلىكىنى بۆلمەكچىمۇ؟» ناملىق خەۋەردە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش، كېڭەيمىچىلىك قىلىش خاھىشلىرىغا دائىر قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىتالىيەدىكى كورونا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىغا قارشى خىزمەتكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن خىتاينىڭ 9 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلىرى 13-مارت ساھىيە بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئىتالىيەگە يېتىپ كەلگەن. ئىتالىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى خىتايغا بولغان مەمنۇنىيەتلىرىنى بىلدۈرگەن. ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيگى دې مايىئو «ئىتالىيە يالغۇز ئەمەس، دۇنيادا ئىتالىيەگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كىشىلەرمۇ بار،» دېگەن. ئۇنىڭ بۇنداق بىر ئىبارىنى قوللىنىشىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى بانكىسىنىڭ ئىتالىيەگە دەرھال ئىقتىسادىي ياردەم بەرمىگەنلىكى ھەمدە گېرمانىيەنىڭ سەھىيە جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇنمىغانلىقى سەۋەب بولغان.

«بېرلىن خەلقئارا ئۇنىۋېرسال سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مەسئۇلى تورستېن بېنبېر بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئىتالىيەگە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەلۋەتتە، بىز يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا يامراپ بۈگۈنكىدەك دەرىجىگە يېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىندۇر. باشقا ئەللەرنىڭ بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى نورمال ئەھۋال» دېگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىكىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

خەۋەردە گېرمانىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىيەلنىڭ 2018-يىلى خىتايدىن «بىر ياۋروپا پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش، ياۋروپانى شەرقىي ياۋروپا، غەربىي ياۋروپاغا ئايرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۆلۈشكە ئۇرۇنماسلىق» نى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

بېرلىندىكى سىياسەتچى بېنا بۇ خۇسۇستا «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپتىلا ئىتالىيەگە دەرھال ياردەم قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىچكى جەھەتتە ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «خىتايدا ياۋروپانىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇنۇشىنىڭ بولۇشى نورمال، ھالقىلىق مەسىلە ياۋروپانىڭ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقلاشماسلىقىدا،» دېگەن.

گېرمانىيە سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل رەھبىرى فولكېر ترېيېرنىڭ 17-مارت مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خام ئەشياسىغا بېقىنىپ قالغان گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى 2020-يىلى ئىزچىل يامانلىشىپ 2008-يىلى يۈز بەرگەن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس دەۋرىدىكىدىنمۇ ناچار بولىدىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىشى ئاقسىغان كارخانىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئىشسىز قالغان خەلقنىڭ بۇ بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ خام ئەشياسىغا ياكى ئىقتىسادىي مەبلىغىگە تايىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان ياۋروپادا ئىشتىن توختىغان زاۋۇتلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بۇ ھال ياۋروپالىقلارنى «كورونا دەۋرى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە يېتەرلىك سەۋەب بولالايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت