دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان: پىداكار باغۋەن ھۈسەن ھەسەن مۇئەللىمنى ئەسلەيمەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-11-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پىداكار باغۋەن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قەھرىمانى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى. 2014-يىلى ميۇنخېن.
پىداكار باغۋەن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قەھرىمانى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى. 2014-يىلى ميۇنخېن.
RFA/Qutluq

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھارماس تۆھپىكارلىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 31-ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ سيدىنېي شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ھايات ۋاقتىدا مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنى مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك قوللاپ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئاۋسترالىيەدە، جۈملىدىن دۇنيا مىقياسىدا تونۇلۇشىغا تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاۋسترالىيەگە يەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتەك ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چەتئەللەردىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.

مەرھۇم 2012-يىلى 5-ئايدا توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش جەريانىدا ياپونىيەدىكى كەڭ زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپلىگەن سۆھبەتلەردە بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئەينى چاغدا مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەردە بىرگە بولغان، ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت