ياپونىيەدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاي دېموكراتىك فرونتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى ياپونىيەگە كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ باردى.. 2014-يىلى 21-فېۋرال، ياپونىيە.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاي دېموكراتىك فرونتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى ياپونىيەگە كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ باردى.. 2014-يىلى 21-فېۋرال، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

2-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاي دېموكراتىك فرونتى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەدىكى شۆبىسى ياپونىيەدىكى «ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۇيۇشمىسى» بىلەن بىرلىكتە توكيودىكى ئىشخانىسىدا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى ياپونىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ باردى.

ياپونىيەدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۇيۇشمىسى» ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيۇشما بولۇپ، مەزكۇر ئۇيۇشما تور ئارقىلىق تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا ياپونىيەدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.

خىتاي دېموكراتىك فرونتى تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە شۆبىسىنىڭ توكيودىكى ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت يىغىنىغا خىتاي دېموكراتىك فرونتى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن فېي،شۆبە ھەيئەت ئەزالىرىدىن ۋاڭ دائى ۋە لى مېيى، ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

سۆھبەت يىغىنىدا ئاساسلىقى، ھازىرغىچە نەدىلىكى ئاشكارىلانماي، تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئۆز-ئارا قانداق شەكىلدە ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىندا شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى زۇلۇملارغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى، خىتاي دېموكراتىك فرونتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋاڭ دەي مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىز ئالدى بىلەن، تۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق. ئۇندىن ئىلگىرىمۇ بىز بۇ ھەقتە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلىگەن ئىدۇق. بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۆزى يولغا قويغان ئۇيغۇربىز تور بېتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا تەشۋىق قىلىپ باردى. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلمىدى. خىتاي كومپارتىيىسى ھازىر ئۇنىڭغا قالپاق ھازىرلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىسا تېررورچى بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان.

سۆھبەت يىغىنى سائەت 14:00 دىن 15:30 قەدەر ئېلىپ بېرىلغان.

بىز مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا ئىشتىراك دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت