ياپونىيە ئاخباراتى: «شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسىدە تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ قويدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا. 2008-يىلى 8-مارت.
خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا. 2008-يىلى 8-مارت.
AFP

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «مىنامى نىپپون گېزىتى» نىڭ 4-ئاپرېلدىكى سانىدا «جۇ يۇڭكاڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن پۈتۈنلەي تېنىۋالدى» سەرلەۋھىلىك، خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭنىڭ چېرىكلىك دېلوسىغا ئائىت ماقالىلەر بېسىلغان.

مىنامى نىپپون گېزىتىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 71 ياشلىق خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىكتىن ئىبارەت چېرىكلىك قىلمىشىدىن تېنىۋالغان ۋە ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن پۇل ئالغانلىقىنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغان. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جۇ يۇڭكاڭنىڭ چېرىكلىك قىلمىشىنى كېچىكىپ ئاشكارىلىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئۇنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىش باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنى تېزرەك جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىپ جازالاشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىزمىتىگە تازا ماسلىشىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېلوسى كېچىكىپ كەتكەن.

خەۋەردە،خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.

خەۋەردە «جۇ يۇڭكاڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى تولىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. ھۆكۈمەت قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئۆتكەن يىلى بو شىلەي ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. بو شىلەيمۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ئىقرار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دېلوسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم، مەركىزى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جۇ يۇڭكاڭنىڭ دېلوسى توغرىسىدا تەپسىلىي پىلان تۈزەپ چىقتى. شى جىنپىڭ جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەسىلىسىدىن تېزرەك خۇلاسە چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن كومپارتىيىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىدىن قانداق خۇلاسە چىقىرىش توغرىسىدا بېشى قېتىپ چوڭقۇر ئويلىشىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

خەۋەردە خىتاي دۆلىتىدىن ئىبارەت پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، چېرىكلىككە تولۇپ كەتكەن بىر دۆلەتنىڭ، جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە راستچىللىق بىلەن ئاشكارا خۇلاسە چىقىرىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە «خىتاي كومپارتىيىسى جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسىدە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. سەۋەبى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى دائىم ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ئىچىدە ھېچكىم بۇ خىلدىكى چېرىكلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ جازاغا تارتىلىپ باقمىغان. شۇڭا بۇ مەسىلە خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم تۇغقانلىرى ئاللىقاچان قولغا ئېلىنىپ بولدى. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسىنىڭ خۇلاسىسى ئاللىقاچان چىقىپ بولدى. بەلكىم ھۆكۈمەت پات يېقىندا بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ تولىمۇ قىيىن گەپ» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى يوشىكى جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىنغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەنگە چېتىشلىق چوڭ مەسىلە. شۇڭا بۇ مەسىلە يالغۇز جۇ يۇڭكاڭ بىلەنلا ئاخىرىلاشمايدۇ. بۇ، زەنجىرسىمان چېرىكلىك مەسىلىسى بولغانلىقتىن خىتاي كومپارتىيىسى ئاخىرقى ھېسابتا جۇ يۇڭكاڭنى «ئۆلۈۋالدى» دېگەن باھانە بىلەن ئۇجۇقتۇرۇپ مەسىلىنى ئاخىرىلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر گېزىتتە يەنە «شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ قويدى. بەلكىم كومپارتىيە ئۆز ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىمۇ بېرىلگەن. ماقالىدە «شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەت سىياسىي بوھرانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەسىلىسىنى چىڭ تۇتماقتا. ئەگەر ئۇلار جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەسىلىسىنى ئوچۇق ئاشكارىلىسا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتكەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەڭ، خىتاي كومپارتىيىسى سەھنىدىن چۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسىنى قانداق ئاخىرىلاشتۇرۇش مەسىلىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىقى بىلەن باراۋەر. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئاخباراتلىرىدا جۇ يۇڭكاڭنىڭ مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرلەر يوق. پەقەتلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىلا ئۇچۇرلار بار. بەزى گېزىتلەردە جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسى دەپ ئېلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەركەز جۇ يۇڭكاڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى قامال قىلماقتا. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باش مىنىستىر لى كېچياڭ مۇخبىرلاردىن جۇ يۇڭكاڭ ھەققىدە سوئال سورىماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدىن چىقىدىغان ئاساسلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان جىنخۇا گېزىتىدە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ گېزىتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلماسلىقىنى ئۇقتۇرغان. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا جۇ يۇڭكاڭنىڭ ھازىرغىچە قولغا ئېلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ 300 دىن ئوشۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكى 90 مىليارد سومدىن ئوشۇقلۇقى بىلدۈرۈلگەن. ھازىر خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىچىدە جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت» دېيىلگەن.

خەۋەردە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ 1942-يىلى 12-ئايدا جياڭسۇدا تۇغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ 1998-يىلغىچە خىتاينىڭ نېفىت-گاز شىركىتىدە خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەرگە قويۇلغانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى، 2007-يىلىدىن باشلاپ خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىدىن ئىبارەت بىر قاتار ئەمەللەرنى تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان زېڭ چىڭخۇڭنىڭ خىتاي نېفىت-گاز شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغانلىقىنى، جۇ يۇڭكاڭنىڭ بولسا مۇئاۋىن دىرېكتور ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بو شىلەي بىلەن مۇناسىۋىتىن بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرىدىن چېن شىتۇڭ ۋە چېن لياڭيۆ ۋە شۇنداقلا خىتاي نېفىت-گاز باش شىكىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئىلگىرى چېرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت