خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋېي جىنشىڭنىڭ «جۇڭگو يولى» يىغىنىدىكى پىكىرلىرى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-09-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى «جۇڭگو يولى» يىغىن ئەھلى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى 16-ئاۋغۇست، گوللاندىيە.
ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى «جۇڭگو يولى» يىغىن ئەھلى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى 16-ئاۋغۇست، گوللاندىيە.
RFA/Pida’iy

ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى گولاندىيىنىڭ دەنخاھ شەھىرىدە ئېچىلغان 2‏-قېتىملىق «جۇڭگو يولى» يىغىنىدا، ۋېى جىنشىڭ قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرى «خىتاي دېموكراتىيەلەشكەندە، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى مەيلى خىتاي ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان، ئۆز ئالدىغا تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە رايونلارغا بۆلىنىدۇ» دېگەندەك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى، مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋېى جىنشىڭنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان پىكىرلىرىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىغا چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىدىن خالى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش ئارزۇسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا ماھىيەتلىك پەرق بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك ھوقۇقى داۋاسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىتتىپاقلىق قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

سۈرگۈندىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ 16-ئاۋغۇست گوللاندىيەنىڭ پايتەختى دەنخاھ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2‏-قېتىملىق «جۇڭگو يولى» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات يوللىرى ھەققىدىكى تېمىلاردا كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گوللاندىيەدىكى«ياۋروپا جۇڭگو يولى تەتقىقات مەركىزى» ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاساسلىق پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن ئامېرىكىدىن بېرىپ يىغىنغا قاتناشقان داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىسى ۋېي جىنشىڭ «مۇبادا خىتاي بىر دېموكراتىك، كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان تەقدىردە، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى خىتايلار ياشاۋاتقان ئۆلكە، شەھەر ۋە جايلاردىن تارتىپ، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىمۇ سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر قانداق رايوندىكى خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولىدۇ، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھەر قايسى رايونلار ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ،بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ» دېگەن پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى ھەققىدە خىتاي دېموكراتلىرىدىن پەرقلىق پىكىرلىرىنى بايان قىلغان شۇنداقلا ئۇلار رادىيومىزدا خىتاي دېموكراتلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سايلىمىغا كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئارىلىشىش ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىشىنىڭ دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. چەتئەللەردە چىقىدىغان خىتايچە مەتبۇئات ۋە تورلاردا يېقىنقى كۈنلەردە «جۇڭگو يولى» يىغىنىدا مەيدانغا كەلگەن پىكىر ئېقىملىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولماقتا.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ «نۆۋەتتە چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىدىيىسى يەنىلا چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىدىن ئازاد بوالالمايۋاتىدۇ،يەنى چوڭ جۇڭگو بىرلىكى ئۇقۇمى بىلەن مۇلاھىزە قىلىۋاتىدۇ، ۋېى جىنشىڭنىڭ بايانلىرىمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا بىزنىڭ ۋەتىنىمىزمۇ ۋە تىبەت، موڭغۇللارمۇ تارىختىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى،خىتايدا دېموكراتىيە بولغاندىمۇ دېموكراتىيە پرىنسىپى بويىچە جايلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئەمما يەنىلا چوڭ بىر جۇڭگولۇقنى ساقلاپ قېلىشنى تەرغىب قىلىدۇ،ئەمما بىزنىڭ بۇلارغا جاۋابىمىز، بۇ جايدا بىر ئوخشىماسلىق بار، بىز خىتايلاردىن ئايرىم ياشاپ كەلگەن، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز پەقەت دېموكراتىيە داۋاسىلا ئەمەس، ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى، بۇ يەردە خىتايدا دېموكراتىيە بولۇشى بىلەنلا خىتايدىكى مىللىي مەسىلە ھەل بولمايدۇ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يەرلىك ھوقۇق بىلەن بۇ مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بىز خىتاي ئەمەس، بىز خىتاينىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەس، بۇرۇنمۇ ئەمەس، ھازىرمۇ ئەمەس، كەلگۈسىمۇ بىر قىسمى بولۇشنى تېخىمۇ خالىمايمىز» دېدى.

نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېىي جىنىشىڭنىڭ پىكرىگە قېتىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى «خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقاندا تارىخىي رېئاللىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، نىشانىمىزدىن قايماسلىقىمىز كېرەك، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارغا قوبۇل قىلغۇزىشىمىز كېرەك، ئەگەر خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن بىرلىشىش نىشانىنى كۆزلەپلا، پرىنسىپىمىزدىن چېكىنسەك، مەنپەئەتىمىزدىن ۋاز كەچسەك، تارىختىكى تراگىدىيىلەرنى تەكرارلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىنلاردا ئاز سانلىق مىللەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشى ئۇيغۇرلارنى بىزار قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ تەرەپلەرگە تولۇق دىققەت قىلىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى گەرچە ئۆزى «جۇڭگو يولى» يىغىنىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ۋېي جىنشىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىدىن ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ۋە تولۇقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك دەپ قارايدىغان تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى : «مەيلى ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندى بولسۇن ۋە مەيلى مەن بولاي، شەخسى كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەنمىز، پىكرىمىز پەقەت ئۆزىمىزگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، پۈتۈن دېموكراتىك كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ۋېي جىنشىڭ ئەپەندىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلىمەن، راستىنى ئېيتقاندا، خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەت دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىكەن، چوقۇم بىر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر ھوقۇق يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك، ئەمما شىنجاڭغا ئوخشاش بەزى رايونلاردا ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى شۇ جايدىكى خەلقلەر بەلگىلىيەلەيدۇ. ئۇنى قانۇن چىقىرىپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئارزۇسى مۇستەقىللىق، ئەلۋەتتە ئۇلاردىمۇ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بار. شۇڭا ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى شۇ مىللەت بەلگىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنى سەن مۇستەقىل بول ياكى بولما دەپلا دۆلەتنىڭ قانۇنى بىلەنلا بەلگىلىگىلى بولمايدۇ.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، بەزى خىتاي ئۆكتىچىلەر ياكى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ يىغىنلاردا يەنىلا «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشى، ھازىرقى خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئېنىقلىما بېرىش زۆرۈرىيىتىدىن تىلغا ئېلىنغان، مەقسەتلىك ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر، دىققەت قىلىش كېرەك دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ شۇنداقلا يەنە ۋېي جىنشىڭ ئەپەندىنىڭ «سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق مىللىي زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋە»" دېگەن كۆز قارىشىغا قوشۇمچە قىلىپ قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ھەر قانداق ئوخشىمىغان مىللەتلەر ياشايدىغان دۆلەتتە مىللىي زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولىدۇ. ئەمما، ئۇ دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىدە سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق خاراكتېرى مەۋجۇت بولىدىكەن، مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، مانا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى بۇ ھالدىكى مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئەكېلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە چوڭ مەسىلە بارلىقىنىڭ بىر دەلىلى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت