كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سوئال پەيدا قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئىلگىرىكى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يى ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا. 2007 ئاپرېل، توكيو. (مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان)
خىتاينىڭ ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئىلگىرىكى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يى ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا. 2007 ئاپرېل، توكيو. (مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان)
RFA/Qutluq

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9-ئايدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ ئون يىل مابەينىدە دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلۇپ، سان جەھەتتىن كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بولغان ئىجابىي كۆز قاراش بارغانسېرى ئازايماقتا. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرى ھازىر چەتئەل بىلىم يۇرتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بوپقالدى. بىراق خىتاي بولسا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي قانۇنى بويىچە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ھەرىكەتلىرىنى قوغداشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان تەبرىك سۆزىدە، كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا زور نەتىجە ياراتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلىدىن باشلاپ كۇڭزى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىپ، مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويغاندىن بېرى، دۇنيادىكى 123 دۆلەت ۋە رايوندا 465 كۇڭزى ئىنستىتۇتى، 713 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە كۇڭزى دەرسخانىسى قۇرۇلدى. دەسلەپتە، ھەرقايسى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ پىكىرنى قارشى ئېلىپ، ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئاكادېمىيە -پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بۇ ئىنستىتۇت بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش-ياكى قالماسلىق مەسىلىسى كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 2013-يىلى ئىيۇندا «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرى ئۇيۇشمىسى» ئامېرىكىدىكى 100 ئۇنىۋېرسىتېتقا قارىتا مەخسۇس چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى. ئامېرىكا، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.

يېقىندا ب ب س مۇخبىرى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبىرى خادىملىرىدىن بىرى بولغان شۈ لىن خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ ئاساسى بار-يوقلۇقىنى، بۇ ئىنستىتۇتلار قارمىقىدا چەتئەلگە بېرىپ دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانچىلىك پىكىر ئەركىنلىكى بارلىقىنى سورىغان. بۇ ئەمەلدار گەرچە ئۆزلىرىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈكلۈكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

شۈ لىن خانىم زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرغا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قارمىقىدا چەتئەلگە دەرس ئۆتۈشكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىلاردا خۇددى باشقا ئوقۇتقۇچىلاردەك نېمە دېگۈسى كەلسە دېيەلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇ يەنە، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بارغان دۆلىتىدە دەرستە نېمە ئاڭلاتقانلىقىنى دوكلات قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر شۈ خانىمدىن «ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرى ئۇيۇشمىسى» كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا ۋە باشقا جايلاردىمۇ مۇشۇنداق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. سىلەرچە بۇ مەسىلە ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان. شۈ خانىم كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ نۇرغۇن مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلار، شۇ جايدىكى جەمئىيەتلەر، كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق مۇخبىر ئۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەر ۋە نوپۇزلۇق ئورگانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەندە، شۈ ئۇنىڭغا «ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرى بىز بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، بىكار قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى، بىز ئۇلارنى مەجبۇرلىمايمىز» دەپ مۈجمەل جاۋاب بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ياز كۇڭزى ئىنستىتۇتى پورتۇگالىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قوللىغۇچى ئورۇنلىرىدىن بولغان. بىراق شۈ خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن پورتۇگالىيەگە يېتىپ بارغاندا يىغىن كۈن تەرتىپى يېزىلغان كىتابچىدىن بۇ يىغىننى قوللىغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىرىنىڭ تەيۋەندىكى بىر مۇستەقىل جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يىغىندا تەيۋەن مەسىلىسىگە ئالاقىدار تېمىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ، بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققان ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگاندىن بۇ تېمىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. ئاخىرى نۇرغۇن سۆھبەتلەردىن كېيىن ئىككى تەرەپ كېلىشىپ، كىتابچىنىڭ تەيۋەن تېمىلىرىغا ئائىت تېمىلار يەر ئالغان ئىككى ۋارىقىنى يىرتىۋېتىش قارار قىلىنغان. ئەينى چاغدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ باشلىقى روگېر گرېترېكس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل ئاكادېمىك ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قول تىقىشىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ھەرىكەتلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س مۇخبىرى مانا بۇ ۋەقەنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ، شۈ خانىمدىن ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا، شۈ خانىم پوزىتسيىسىنى ئۆزگەرتىپ «ئۇ دېگەن ئاكادېمىك ئەمەس، سىياسىي تېما. تەيۋەن مەسىلىسى بىزنىڭ مەسىلىمىز، نېمىشقا سىلەر چەتئەللىكلەر ئۇ تېمىدا سۆزلىشىسىلەر؟» دېگەن ۋە مۇخبىرنىڭ ئۆزى بىلەن سۆزلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بۇ مەسىلىنى سورايدىغانلىقىنى دېمىگەنلىكىنى، ئەگەر دېگەن بولسا ئۆزىنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان. مۇخبىر ب ب س نىڭ ئاخباراتچىلىق قائىدىلىرى بويىچە ھېچقاچان سورايدىغان سوئاللارنى ئالدىن دەپ قويىدىغان قائىدىسى يوقلۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇ يەنە مۇخبىردىن زىيارەتنىڭ بۇ قىسمىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ب ب س زىيارەتنى تولۇق بەرگەن ۋە ب ب س نىڭ ئەسلا بۇنداق تەلەپنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مۇخبىر دەرھال سوئالنى يۆتكەپ، ئۇنداقتا كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەققىدە سوئال سورىسا، ئوقۇتقۇچىلار «بۇ دېگەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ جاۋاب بېرەمدۇ؟ دەپ سورىغان. شۈ «ھېچقانداق ئوقۇغۇچى بۇنداق سوئال سوراپ باقمىدى. بىز قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراپ تۇرىمىز. ئوقۇغۇچىلار سىلەردىن قانداق سوئاللارنى سورىدى، تەيۋەن مەسىلىسى توغرىلىق سوئال سورىدىمۇ، دەپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچكىم بىزدىن ئۇنداق سوئال سوراپ باقمىدى، دېدى. بەرىبىر بىز ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېرىدىغان جاۋابىمۇ بىرلا. ئۇلارنىڭ ھەممىسى «تەيۋەن دېگەن جۇڭگونىڭ زېمىنى» دەيدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق شۈبھە يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

شۈ لىن خانىمنىڭ زىيارەت خاتىرىسى ئۆزىلا خەلقئارادىكى ئاكادېمىكلەرنىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. دەرۋەقە، تېخى بۇ يىل 10-ئايدا كانادانىڭ تورونتو رايونلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش مۇدىرىيەت ئەزالىرى بېلەت تاشلاپ، مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش قارارى چىقاردى. يەنە بۇ يىل 2-ئايدا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان پېن شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» غا ئائىت كېلىشىمىنى يېڭىلىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يۇقىرىدىكى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشىگە بۇ ئىنستىتۇتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشى سەۋەب بولغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ خىل ئىنكاسلارغا قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ، پۇل كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت