گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
8-نويابىر گېرمانىيەنىڭ NTV ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قانداق پروگراممىلاۋاتىدۇ؟» ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە خىتاي ھاكمىيىتىنىڭ ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرلىرىغا ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىپ يېتىم قالغان 900 مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى «پروگراممىلاۋاتقانلىقى»، يەنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىن ئۇيغۇر كىملىكىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، خىتايلاشتۇرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
9-نويابىر گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېشىل تىنچلىق» ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىگىلىمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» لەر ياكى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن 10 مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ 5 يىللىقتىن باشلاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا قەدەر بولغان يۇقىرى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولغانلىقى بايان قىلىندى.
ماقالىدە تەسۋىرلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىسمەن لاگېرلارنىڭ كۆلىمى تارايتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۈرمىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، كۆلىمى كېڭىيىپ بارغان. بۇ ھەقتە ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇ خىل باستۇرۇش گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ھازىر خىتاي دائىرىلىرى يېڭىدىن تۈرمىلەرنى قۇرماقتا. دائىرىلەر يېڭىچە باستۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىۋاتامدۇ-قانداق؟»
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سىمىنا مىستىرەيانۇ تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىگىلىمەكتە» ناملىق بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن سابىق شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان» بولۇپ، يىللاردىن بۇيان «تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا رايوندا ئېغىر باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ قانۇنسىز ھالدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدىنقى ئايلاردىن باشلاپ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان بىر سىياسەتنى يولغا قويغان. ئۇ بولسىمۇ، تۇتقۇنلارنى ئېغىر قاماق جازالىرىغا، ھەتتا 20 يىللىق جازالارغا مەھكۇم قىلىشتىن ئىبارەت بولغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ جەرياندا تۇتقۇنلار ئۈستىدىن يالغان ئەيىبنامە ھازىرلىنىدۇ. بۇ يالغان ئەيىبنامە جىنايى دەلىل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت 2017-يىلىلا ئېغىر قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 87 مىڭ كىشى بولۇپ، ئالدىنقى 5 يىلغا سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ئارتقان. شۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 2 پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدىغانلىقىغا قارىماي، شىنجاڭدا ھەر 5 ئۇيغۇردىن بىرنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى چىقارغان ئىدى. شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن تۈرمىلەر ئۇيغۇرلار بىلەن تولۇشقا باشلىغان.»
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ماقالىدە شاياردا 17 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئالىم سۇلايمان ۋە غۇلجادا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئەركىن تۇرسۇنلار مىسال ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىرلىرىنى قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلماقچى بولسا جىنايى دەلىللەرگە ئېھتىياجى يوقلۇقى، دەلىللەرنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرىگىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە خالىغانچە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
«خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىگىلىمەكتە» ناملىق مەزكۇر ماقالىدە جىنايىتىنىڭ تايىنى بولمىغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقى، بۇلارنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۈرمىلەرنىڭ بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقى، تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش، ھايات ياكى ئۆلگەنلىكىنى بىلىشنىڭ قېيىنلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.
د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.