مەركىزىي ئاسىيا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوتتۇرا ئاسىيا چېگراسىنىڭ ئۇچ خىل ئىمكانىيىتى. 2008-يىلى 29-فېۋرال.
ئوتتۇرا ئاسىيا چېگراسىنىڭ ئۇچ خىل ئىمكانىيىتى. 2008-يىلى 29-فېۋرال.
en.wikipedia.org

مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە خىتاي ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن.

رۇسىيە مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاي بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭ ئاساسىي رىقابەتچىسىگە ئايلانغان. ئۇنداقتا مەركىزىي ئاسىيا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قالامدۇ؟ بۇ خىلدىكى تالاش-تارتىشلار ھېلىھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئاخباراتلىرىدا كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

يېقىندىن بۇيان، يەنى ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتلىقىغا شاۋكەت مىرزىيايېۋ سايلانغاندىن كېيىن، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى، يەنى تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە جانلىنىش، يېڭىلىنىش ئەھۋالى بايقىلىشقا باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەر شاۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ كېلىشى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ گېئوسىياسىي ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رۇسىيەنىڭ «كارنېگى رۇ» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «كرېمىلدىن ئاۋايلاپ. ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىللىقىغا تەييارمۇ: ئوتتۇرا ئاسىيا مۇقىملىقى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پيېتر بولوگوف تاشكەنتتە يېڭى ئاكتىپ ۋە ھەرىكەتچان پرېزىدېنتنىڭ تەختكە كېلىشى بىلەن ئەمدى باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلارنى ئۆز مەنپەئەتلىرىدە پايدىلىنىشنىڭ ئوڭايغا چۈشمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە رۇسىيەسىز ئۆز ئالدىغا بولۇشىغا تېخى ئەتىگەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ رۇسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولغان بولسا، ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ چوڭ رايونغا بىۋاسىتە ئۇنىڭ قوشنىلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي نەزەر ئاغدۇرماقتا.

ئۇ، خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيادا، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئىقتىسادىي، يەنى مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرى قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بولسا، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاق دائىرىسىدە ئۆز پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىلگىرىمۇ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامما بۇ ھېچ نەتىجە بەرمىگەن. ھازىر يەنە بۇ مەسىلە كۈن تەرتىپىگە چىقماقتا.

پيېتر بولوگوف مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلۇق بىرلىشىشنىڭ باش چەكلىگۈچىسى-بۇ رۇسىيە مەنپەئەتلىرى. ئا ق ش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرىنچى نۆۋەتتە، مۇنداق تەشكىلاتنى كرېمىلنىڭ تەسىرىگە قارشى ھەرىكەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان بولاتتى، خىتاي بۇ رايوندا بىر پۈتۈن ئىقتىسادىي بوشلۇقنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەنپەئەتدار بولغان بولار ئىدى. موسكۋادا سابىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ شىمالىي قوشنىسىنىڭ قاتنىشىشىسىز بىرىكىشى قانۇنىي رەۋىشتە رەنجىش پەيدا قىلىدۇ.»

قىرغىزىستاننىڭ «ۋرېميا ۋوستوكا» ئاخبارات-ئانالىتىكىلىق لايىھىسىدە بېرىلگەن «مەركىزىي ئاسىيا بىخەتەرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى: مەسىلىلەر ۋە كېلەچىكى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى مەركىزىي ئاسىيادا ياۋرو-ئاسىيانىڭ بىرىكىش پرىنسىپلىرىنى كۆزلەۋاتقان بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ رايوننىڭ پەيدىن-پەي خىتايلىشىشىنى كۆزەليدىكەن.

ماقالىدا شۇنداقلا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كوللېكتىپلىق بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ئۇنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەشكە، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە بىر ئومۇمىي باھا بېرىشقا قادىر ئەمەسلىكى ئېيتىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتلار كۆپىنچە ئۆز پائالىيىتىنى تەكرارلاش بىلەن شۇغۇللانماقتا.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ قارىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرىكىشى مۇشۇ كۈنگىچە بەزى مەملىكەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇبادا مەركىزىي ئاسىيا مۇستەھكەملىنىدىغان بولسا، ئۇ خېلى كۈچكە كىرىپ، ھەم موسكۋا، ھەم بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇلارنىڭ بارلىقى ئۆزلىرىنى ئىشەنچلىك تۇتىدىغان بولىدۇ. ئەگەردە بىزنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرىمىز ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەيدىغان بولسا، ئەھۋالىمىز خېلى ئېغىر بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بىز دائىم رۇسىيە ۋە خىتايغا بېقىندى بولۇپ، غەربتىن يىراقلىشىمىز. ھېچ كىمگە بېقىندى بولماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە بىر پۈتۈن سىستېما قۇرۇپ، يېقىن قوشنىلىرىمىز بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىمىز لازىم.»

ئۇ بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەركىزىي ئاسىيانىڭ ھەم رۇسىيە، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرىدە، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالىنىڭ پىكرىچە، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بىرىكىشى ئەنە شۇ مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىگە باغلىق بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە دادىل ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈشى لازىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «گەپ بىزنىڭ رايوندىكى رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىدە، سىرتقى كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىغا زەربە بېرەلىشىدە. سەۋەبى سىرتقى كۈچلەر مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىرىكىپ، بۇ رايوننىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە، ھەم خىتاي، ھەم رۇسىيە، ھەم غەرب ئۇلارنىڭ بىرىكىپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدۇ. قازاق بىلەن ئۆزبېكنىڭ يېقىن بولمىغانلىقى، قازاق بىلەن قىرغىزنىڭ يېقىن بولمىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق.»

راسۇل جۇمالى بۇ يەردە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن، قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بېقىندىلىقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى، لېكىن بۇنىڭ ئوڭاي ئىش ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ھەل قىلغۇچى رول ئويناش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«رېگنۇم» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى خىتايدا سودا ساھەسىدە ھەمكارلىشىشنى مۇھاكىمە قىلىدۇ» ناملىق خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ يىلى ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيېيېف خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولماقچى.

بۇ زىيارەت مەركىزىي ئاسىياغا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جىددىي مۇھاكىمىسىدە بولىدىغان نۆۋەتتىكى مەسىلىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت