ماقالە: كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن

مەركىزى زۇرىكتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزى تور بېتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ مەنپەئىتى» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ۋە خىتايلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باتۇر
2013-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
isn.ethz.ch تىن «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ مەنپەئىتى» ناملىق ماقالە.
isn.ethz.ch تىن «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ مەنپەئىتى» ناملىق ماقالە.
RFA/Batur

ماقالە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان رايون ئىكەنلىكى، يېقىنقى زامانلاردا مىللىي توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 1700 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلانغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجى، مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى مول بايلىق زاپىسى، ھەل قىلغۇچ ئېنېرگىيە كارىدورى ۋە يېشىل ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر ئېلىنى قولدىن چىقارمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ مول بايلىق زاپىسى قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلى يەر كۆلىمىنىڭ ئىراندەك چوڭلۇقتا ئىكەنلىكى ۋە كۆپلىگەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىككى ھەسسىگە، خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقى، بۇ زېمىننىڭ مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىققا ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 40% نىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق ئىكەنلىكى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يايلاقلارغا ۋە 250 مىليون كۈپ مېتىر ياغاچ ماتېرىيال زاپىسىغا ئىگە بولۇڭلار قالماي، ئەڭ چوڭ سۇ ۋە ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، 2 مىليارد 580 مىليون كۈپ مېتىرلىق مۇزلۇقلارغا، خىتاي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 38% گە، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 25%tin كۆپرەكىگە ئىگە ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2015-يىلىغىچە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ساقلاش مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ رايوندىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇرۇن نوپۇسنىڭ 80% نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولسا، ھازىر 40-45% گە چۈشۈپ قالغانلىقى، مۇقىمسىزلىق ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى جىددىيلەشسە، بۇ رايوندا نوپۇس جەھەتتىن تەڭلىشىپ قالغان توققۇز مىليوندىن ئارتۇق خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش يۈز بېرىدىغانلىقى، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا قاراپ قېچىشقا باشلىغان خىتايلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر مۇساپىر كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق 14 دۆلەت بىلەن قوشنا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن سەككىز دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىرق ۋە دىنغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى، بۇلاردىن پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تېررورىست ۋە رادىكال ئىسلامچى گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بېرىدىغان ھۇجۇملارنىڭ، پاكىستان ئەلقائىدىسنىڭ ياردىمى بىلەن بولغانلىق ئېھتىماللىقى بارلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش بولغان چىڭخەي ۋە تىبەتتىكى تىبەتلىكلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئىلھام بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئۇل ئەسلىھە قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن زىچ ئالاقە تورىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئېنېرگىيە بېقىندىلىقىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئېنېرگىيە يۆتكەشتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە خىتاينىڭ 2006-يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندىن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق نېفىت ئېلىشقا باشلىغانلىقى، بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ كەلگۈسىدە ئوتتۇرا شەرق ۋە كاسپىي دېڭىزى ھاۋزىسىدىكى ئېنېرگىيىنى يۆتكەش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينايدىغانلىقى، 2009-يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پۈتۈپ گاز ئېقىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ مالاكا بوغۇزى ئارقىلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇشنى ئازايتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ياراتقانلىقى ۋە بۇ لىنىيىنىڭ كەلگۈسىدە ھازىرقى توشۇش مىقدارىدىن ئىككى ھەسسە ئاشىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلۇپ، پاكىستان تۇرۇبا يولى ئارقىلىق باسرا قولتۇقى ۋە ئافرىقا نېفىتنىڭ توشۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن «ئېنېرگىيە كارىدورى» غا ئايلىنىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن جىددىي خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى، سانائەتكە تايانغان ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن قىسمىدا، مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە مەشھۇر مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېشىل ئېنېرگىيە بەرپا قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەت پىلانى ئىچىدە يەر ئالغان قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنى قولدىن چىقىرىپ قويسا، يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى، دۆلەتلىك يېشىل ئېنېرگىيە پىلانىدا چوڭ چېكىنىش بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىدا باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى، بۇ ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە تۈركىيىدە تۇرىدىغانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەنپەئىتىنىڭ مىللىي توقۇنۇش، كىشىلىك ھوقۇق، ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت