چېڭ گۇاڭچېڭ: نورۋېگىيە ھەرگىز خىتايغا بويۇن ئەگمەسلىكى كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2013-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ خانىمى يۈەن ۋەىجىڭ بىلەن ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2013-يىلى 29-يانۋار، ۋاشىنگتون.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ خانىمى يۈەن ۋەىجىڭ بىلەن ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2013-يىلى 29-يانۋار، ۋاشىنگتون.
AFP

نورۋېگىيەنىڭ پوچتا گەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ماي ئېيىدا پۇقرالار ھوقۇقى كۈرەشچىسى چېڭ گۇاڭچېڭنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلى ليۇ شاۋبوغا تارقىتىلغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېگەن.

چېڭ گۇاڭچېڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە يەنە، نورۋېگىيەنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خىتايغا قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتى باركى، ھەرگىزمۇ قىزىقتۇرۇشلارغا ئالدانماسلىقى، بۇ ئىنتايىن ئاجىز ۋە ئىچى تار دىكتاتورنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرمەسلىكى كېرەك، دەپ بىلدۈرگەن.

2010-يىلى نورۋېگىيە ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى بەرگەندىن كېيىن، نورۋېگىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن سوغۇقلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ تولىمۇ سوغۇق مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، نورۋېگىيەنى خىتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا بازىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ جازالىغان ئىدى.

چېڭ گۇاڭچېڭنىڭ ياردەمچىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، چېڭ گۇاڭچېڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭچە، بۇ مۇكاپات تارقىتىلغاندىن كېيىن قولغا كەلگەن كونكرېت نەتىجە شۇ بولدىكى، خىتايدىكى دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان كىشىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆردى. مېنىڭ پىكرىمچە بولغاندا، بۇ مۇكاپات يالغۇز ليۇ شاۋبو ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتايدىكى دېموكراتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مۇكاپات دۇنيادىكى تىنچلىق،ئوخشاش قەدىر ‏- قىممەت ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ئىنتايىن چوڭ ياردەم بەردى.
مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى؟

چېڭ گۇاڭچېڭ: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى، ئۇ بىر ئۇتتۇرغۇچىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىن ‏- بىر ئېرىشكىنى بولسا، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى ‏- بەشىرىسىنى كۆرسەتكىنى ۋە ئىچىنىڭ ئىنتايىن تارلىقىنى ئىنسانلارغا ئاشكارىلىغىنى بولدى.

مۇخبىر: نورۋېگىيە خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى ياكى خىتايدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكمۇ؟

چېڭ گۇاڭچېڭ: ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك. نېمىشقا نورۋېگىيە كەچۈرۈم سورىشى كېرەككەن؟!

مۇخبىر: كىچىك دۆلەتلەر، ئەھۋال يامانلىشىپ چوڭراق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ھالەتتىمۇ، يەنىلا خىتايغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالامدۇ؟

چېڭ گۇاڭچېڭ : بىز مەيلى بىر مىللەت ياكى ئادەتتىكى ئادەملەر ھەققىدە سۆزلىمەيلى، قانداق بۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئېنىق ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ئىپادە قىلىشى كېرەك. سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى بولسا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىدۇر.

مۇخبىر: نورۋېگىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىدە مۇقىم نازارەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىنى قوللاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ،بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشنى نورۋېگىيە تەرەپ ھەقلىق دەپ قارامدۇ؟

چېڭ گۇاڭچېڭ: مەن بۇنداق قىلماسلىق كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئەگەر سىز بۈگۈن ئۇلارغا بوينىڭىزنى ئەگسىڭىز، ئەتىسى ئۇلار سىزنىڭ بەلگىچە ئىگىلىشىڭىزنى، ئۆگۈنىسى بولسا تىزلىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. دىكتاتورلارنىڭ ئاچكۆزلۈكىنىڭ چېكى بولمايدۇ. ناۋادا سىز ئۇلارغا چىمچىلاق بارمىقىڭىزنى سۇنسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ پۈتۈن قولىڭىزنى تارتىدۇ. خىتاينىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى تېخىمۇ ئاچكۆز ۋە ئادالەتسىز قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىق بولىدۇ.

2012- يىلى ئەتىيازدا چېڭ گۇاڭچېڭ خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا پاناھلىق تىلەپ قېچىپ كىرىۋالغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە سۈركىلىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئۇ ھازىر نيۇيوركتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى يەنىلا خىتايدا زۇلۇم ئىچىدە ياشىماقتا.

چېڭ گۇاڭچېڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئائىلەم ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمىز بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. لېكىن مەن شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. قاچانىكى بىز بىر مەدەنىيەتسىز جەمئىيەتنى مەدەنىي جەمئىيەتكە ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەنمىز، شۈبھىسىزكى، ئادەم بۇ جەرياندا زور زىيانلارنى تارتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ ۋە يۇقىرى بەدەل تۆلەيدۇ. ئەگەر بەدەل تۆلىگەن كىشى مەن بولمىسام، ئەلۋەتتە باشقا بىرى بولغان بولاتتى.

مۇخبىر : سىز پۇقرالار ھوقۇقى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنى قانداق تەسۋىرلەيسىز؟

چېڭ گۇاڭچېڭ: نۇر كىچىك بولسىمۇ، ئۇ زۇلمەت قاراڭغۇنىڭ باغرىنى خەنجەردەك تىلالايدۇ. خىتايدەك تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن كۈچلۈك دىكتاتورغا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە بۇ ھاكىمىيەت ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كىچىككىنە ھەققانىي سۆزگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان زەنجىرسىمان ئىنكاسلاردىن ئىنتايىن قورقىدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن پۇقرالار ئۆز ھاياتىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەيدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلار ھاكىمىيەتتىن شۇنچىلىك قورقىدۇ؟

مۇخبىر: تىرىشچانلىق مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارامسىز؟

چېڭ گۇاڭچېڭ: ئەلۋەتتە شۇنداق. ھەربىرىمىزگە تەقسىم قىلىنغان ھوقۇقنىڭ چېگراسى بولمايدۇ. بەلكىم بىز ھەمىشە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز قاچانىكى جەمئىيەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشىغا قاتناشساق، قىممەتلىك ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.

تۆت يىلدىن بېرى ياۋروپا بىرلەشمىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى ئورنىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇشقا قىزىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئەزالار سانى كۆپەيمەكتە.

نۆۋەتتە شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر كانادا، دانىيە، گرىنلاند، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، رۇسىيە، شىۋىتسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا شىمالىي قۇتۇپ چېگرا دائىرىسى ئىچىدە ياشايدىغان ئالتە يەرلىك مىللەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدۇر.

بىز، نورۋېگىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە چېڭ گۇاڭچېڭنىڭ مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى توغرىسىدا سىياسىي پائالىيەتچى سەمەت ئابلا بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت