ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرى : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇ كۈرىشى بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سىر دەرياسى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سىر دەرياسى.
wikipedia.org

ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇ مەسىلىلىرى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە. نۆۋەتتە سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇھىم ئىختىلاپلىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.

قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۇ مەسىلىلىرى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

سۇ پەقەت رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇ جۇغراپىيىۋى - سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىدۇر.

قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىمۇ رايوندىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئېكولوگىيە ساھەسى ئېرتىش ۋە ئىلى دەرياسى مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا سۇدىن پايدىلىنىش، بولۇپمۇ سۇغۇرۇش سىستېمىلىرىدا كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت، قازاقىستاندا كۆپ مىقداردىكى سۇلارنىڭ خىتايغا قارىغاندا قۇمغا سىڭىپ كېتىشى ئېغىرراق.

بىراق ئۇ , ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىنىڭ باش ئېقىنلىرىنىڭ كونترول قىلىنىشىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ئەمەلىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قاراشلىرى رۇس ئاپتورى پېتىر بولوگوف بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە.

رۇسىيىدىكى «خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلەر ئارا دەريالار بويىچە بىلىم ئاساسى» دەپ ئاتالغان ئىلمىي ئۇچۇر تۆرىدىكى ئېرتىش دەرياسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريالارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4248 كىلومېتىر بولۇپ، دەريا مەنبەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي تەۋەسىدىن باشلىنىدۇ. مەزكۇر دەريانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزۇنلۇقى 525 كىلومېتىر بولۇپ، قازاقىستان تەۋەسىگە ئېقىپ كىرىپ، زايسان كۆلىگە قۇيۇلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئېقىپ رۇسىيىگە كىرىدۇ. رۇسىيە تەۋەسىدە تۆۋەن ئېقىمى ئوب دەرياسى دەپ ئاتىلىپ، شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيىلىدۇ. ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇزۇنلۇقى 1835 كىلومېتىر، رۇسىيىدىكى ئۇزۇنلۇقى 2010 كىلومېتىردىن ئارتۇق.

ئىلى دەرياسى ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى كۈنەس ۋە تېكەس دەريالىرىدىن باشلىنىپ، قازاقىستان تەۋەسىگە كىرىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1439 كىلومېتىر بولۇپ، 815 كىلومېتىرى قازاقىستان تەۋەسىگە جايلاشقان. ئىلى دەرياسى بالقاش كۆلىگە قۇيىلىدۇ.

ئېرتىش دەرياسى ئېرتىش - قارىغاندا قانىلى ئارقىلىق قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئومۇمەن، ئېرتىش دەرياسى تۆت مىليون قازاقىستانلىقنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلىسە، ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى قاپچىغاي سۇ ئامبىرى ھەمدە بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ 70 - 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىلى دەرياسى شەرقىي قازاقىستان، يەنى تارىختىكى يەتتەسۇ ۋادىلىرىنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، يەتتەسۇنىڭ بىپايان ئېتىزلىقلىرى مانا شۇ سۇ بىلەن ياشايدۇ، قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىغا زور ساندا ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ئاھالىلىرى جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ھاياتى ئىلى دەرياسىغا تايىنىلىدۇ.

رۇس ئاپتورى پېتىر بولوگوفنىڭ ماقالىسىدە يېزىلىشىچە، بېيجىڭ غەربنى ئېچىش پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنى تېز ئېچىش ئىشلىرىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۇلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، قازاقىستاننىڭ سۇ مەنبەلىرىنى كۆپ قىسىۋەتكەن.

مەزكۇر رۇس ئاپتورى قازاقىستاننىڭ بالقاش كۆلىنىڭ قۇرۇشقا يۈزلىنىشى ۋە قازاقىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ چۆللىشىشكە قاراپ تەرەققى قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بېيجىڭنىڭ ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئېلىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش پىلانىغا باغلاپ چۈشەندۇرىدۇ.

بۇنداق پىكىر يەنە بىر رۇس مۇتەخەسسىسى د. كوچېتوۋ تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «سۇ ئۇرۇشى: خىتاي، قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى چېگرا ھالقىغان سۇلاردىن پايدىلىنىش مەسىلىلىرى كۈچەيمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە جۇڭگونىڭ ئىلى دەرياسى مەنبەلىرىنى قامال قىلىش پىلانلىرى ئىشقا ئاشۇرىلىۋاتقانلىقى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ھازىر 13 سۇ ئامبىرى،59 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشلەۋاتقانلىقى، كەڭلىكى 22 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىرلىق «قارا ئېرتىش - قاراماي قانىلى» ئارقىلىق ئېرتىش دەريالىرىنىڭ زور مىقداردىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيىسى ئىچىدە توسۇپ قېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

رۇس ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسى كوچېتوۋ ماقالىسىدە ئەنە شۇنداق سۇ مەنبەلىرىگە بولغان كونتروللۇق تۈپەيلىدىن كەلگۈسىدە قازاقىستاننىڭ بالقاش ۋە زايسان كۆللىرىنىڭ قۇرۇپ، ئىككىنچى ئارال كۆلىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى، جۇڭگونىڭ سۇ مەنبەلەرگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

كوچېتوۋ ماقالىسىدە يەنە «خىتاينىڭ سۇ سىياسىتى بىۋاسىتە رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئېرتىش دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ ئازلاپ كېتىشى رۇسىيىنىڭ ئومسك، كورگان ۋە تىيۇمېن ئوباستلىرىدا قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دەپ يازىدۇ شۇنىڭدەك ئېرتىش دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭمۇ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تېز ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىغا تاشلىنىۋاتقان زىيانلىق ماددىلارنىڭمۇ كۆپىيىپ، سۇ ساپاسىنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رۇسىيىلىكلەر ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئازلىشىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىكى بۇلغىنىشتىنمۇ نارازى بولماقتا.

قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيەشۇناس پروفېسسورى، گېئوستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى شېرىپجان نادىروف ئەپەندىمۇ ئىلى دەرياسى ۋە باشقا دەريالارنىڭ بېشىدا زاۋۇتلاردىن چىققان تاشلاندۇق خىمىيىلىك ئەخلەتلەرنىڭ بارلىقى، شۇڭا قازاقىستان تەرەپنىڭ سۇنىڭ خىمىيىلىك تەركىبلىرىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ئەھۋال مەركىزىي ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى جايلاشقان تاجىكىستان تەرەپ ئۆزىنىڭ ئاليۇمىن زاۋۇتلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى ئامۇ دەرياسىغا تاشلىغان ھەم سۇنى قىسقانلىقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننى نارازى قىلغان. سۇ مەسىلىسى نۆۋەتتە، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى جىددىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىختىلاپلارغا تولغان مەسىلىدۇر.

ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇ مەسىلىسى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىدىكىن، ھەرگىزمۇ ئاجىزلاشمايدۇ.

رۇس ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە , خېلسىنكى كېلىشىمىدە چېگرا ھالقىغان ۋە خەلقئارالىق دەريالار ھەم كۆللەردىن پايدىلىنىشتا ھەر بىر مەملىكەت ئۆزىگە بۆلۈنگەن سۇ مىقدارىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەم ئېكولوگىيە پاجىئەسى يۈز بەرگەن تەقدىردە ئېلىنىدىغان چارىلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئېيتىلغان. ئەمما خىتاي بۇ ھۆججەتكە تېخى قول قويمىغان بولسىمۇ، بىراق قازاقىستان تەرەپ خىتاي بىلەن ئايرىم سۆزلىشىش ئۇسۇلى قوللىنىپ، ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان چېگرا ھالقىغا دەريالار سۈيىدىن تەڭ پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت