پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا قىشلىق ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىپ بەرگەن

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2016-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىرتۈركۈم سودىگەرلەرگە، جۈملىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلماقتا
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىرتۈركۈم سودىگەرلەرگە، جۈملىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلماقتا
Photo: RFA

24-نويابىر خىتاينىڭ پاكىستان ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەلچىخانىگە چاقىرىپ ئۇلارغا قىشلىق ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىپ بەرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇقام ئانسامبىلىنىڭ سەنئەتچىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلامئاباددىكى خىتاي ئەلچىخانىسى راۋالپىندى شەھىرى ۋە گىلگىت تاغلىق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا  قىشلىق ماددىي ئەشيا بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەن. تور بېتىدە دېيىلىشىچە، پائالىيەتتە ئۈرۈمچىدىكى مۇقام ئانسامبىلىنىڭ سەنئەتچىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پائالىيەتتە خىتاي ئەلچىسى سۇڭ ۋېيدۇڭ خىتاي بىلەن پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلەر توغرىسىدا توختالغان. ئۇ شۇنداقلا خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ھەر تەرەپتىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئەلچىسى سۇڭ ۋېيدۇڭ سۆزىدە يەنە، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەنى« خىتاي چۈشى» ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپلەپ خىتايغا بېرىپ،  كۆپلەپ ئۆگىنىپ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا پاكىستاندا تەشۋىق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، پائالىيەت جەريانىدا  راۋالپىندى ۋە گىلگىتتىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە پائالىيەتكە راۋالپىندى شەھىرى ۋە گىلگىت رايونىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن 60 يېقىن ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ ، بىراق پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە پەقەتلا 20-30 ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى دەلىلىدى.

بىز ئىسلامبئادتىكى جۇ ئېنلەي كوچىسىغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە تولۇق ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەيۇم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.

ھازىر شىۋېتسارىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، 1986-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا 3-دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى بىلەن دىپلوماتىيە ۋەزىپىسى ئۆتىگەن سابىق دىپلومات كېرەم شەرىف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا  توختالدى.

سابىق دىپلومات كېرەم شەرىف راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئىزچىل ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان رىزاخان ھەققىدە توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ پائالىيىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەللەردە  داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي دىپلوماتىيەسدىكى ئالدامچىلىق تەشۋىقات ھەرىكىتىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئاخىرىدا مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان راۋالپىندى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرەھىمغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئەلچىخانىدا قۇربان ۋە روزا ھېيتلارنى تەبرىكلەش ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ دۆلەت ۋە باھار بايرىمىنى قۇتۇقلاش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت