پەلەستىننىڭ دەرسى

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2020-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
RFA

بۇيىل ئىيۇلدا پەلەستىن ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىككىنچى نۆۋەت تەرەپدارلىق قىلدى. بۇلتۇرقى تەرەپتارلىققا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ قېتىم پەلەستىن خىتاي زۇلۇمىغا ئوپچە بىر قېتىم، ئايرىم يەنە بىر قېتىم چاۋاك چالدى. ئەلۋەتتە، بۇنى ھاكىمىيەتنىڭ ئىرادىسى، پەلەستىن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، دېگۈمىز كېلىدۇ. ھالبۇكى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەھۇدىلاردەك ئومۇمىييۈزلۈك ھىسسىداشلىق قىلغانلىقىغا دائىر قايىل قىلارلىق پاكىت يوق. 2018-يىلدىن بۇيان ھىندونېزىيە، بېنگال، مالايسىيا، تۈركىيە ۋە ھىندىستانلاردا بولغان نامايىشلارغا سېلىشتۇرغاندا، پەلەستىنىدە خىتايغا قارشى ئۇنداق بىر كۈچلۈك ئاممىۋىي نارازىلىق مەيدانغا چىقىپ باقمىدى. پەلەستىندىكى بىرەر خەلقئارالىق شەخس ياكى تەشكىلاتنىڭ باياناتىمۇ كۆرۈلمىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردا ۋە ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم زىيالىلار مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشىغا نارازىلىقلارنى بىلدۈرۈشتى. نارازىلىقلار ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەقلىق، چۈنكى 2019-ۋە 2020-يىلى ئىككى قېتىم خىتاينى قوللىغان مۇسۇلمان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ئاساسەن ئوخشاش. بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، پەلەستىن، مىسىر ۋە پاكىستان دېگەن ئەللەر ھەر نۆۋەت بار.

ھالبۇكى، يېقىندا يۇقىرىقى باشقا دۆلەتلەرگە ئەمەس، پەقەت پەلەستىنگە بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۈچلۈك بولماقتا. بولۇپمۇ يەھۇدى دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ دۇنيا بويىچە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ سۈكۈت قىلغاننى ئاز دەپ مەخسۇس خىتاينى قوللاپ بايانات بېرىشىگە قارشى غەزەپ ئۇلغايماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينى قوللىغان پەلەستىنگە قارشى نارازىلىقىنىڭ بۇ قەدەر كۈچلۈك بولۇشىدا سەۋەپلەر كۆپ. بىرى ئۇيغۇرلارغا ئۆزى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇئا قىلغان، يانداش ۋە تەرەپتار بولغان بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ۋە خەلقىدىن كەلگەن بۇ جاۋاپنى قوبۇل قىلماق تەس كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردەك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ، دۈشمىنىگە ئالقىش ياڭراتقان بۇنداق كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىشى بىر تەبىئىي ئىنكاس. يەنە بىرى ئۇيغۇرلاردا 70-يىللاردىن بۇيان ئومۇملاشقان پەلەستىن ھېسسىداشلىقىغا پەلەستىنلىكلەردىن كەلگەن بۇ رەھىمسىزلىكتىن ئۈمىدسىزلەنگەن. بولۇپمۇ ئ‍ۇيغۇرلار مۇسۇلمان ئەللەردىن پەشۋا يەۋاتقاندا ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ھېس قىلىدىغان بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭمۇ ئۆزىگە قارشى چىقىشى ئۇلارنى خۇرسىندۇرغان.

70-يىللاردىن كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار خىتايدا تېلېۋىزورلار پروگرامما تارقاتقاندىن بۇيان ئارافاتنىڭ ياغلىقلىق تۇرقىدىن سۆيۈنۈپ چوڭ بولغان، ئۇلار ئىسرائىلىيەگە قارشى ئاتقان تاشلارنى ئۆزى خىتايغا ئاتقاندەك ھاياجانلانغان، پەلەستىن خەلقى باستۇرۇلغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئورنىغا خىتاينى قويۇپ نەپرەتلەنگەن، پەلەستىننىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ ئازاپلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزىدىنمۇ ئارافاتقا ئوخشاش دۇنيا تونىغان داھىيلارنىڭ چىقىشىغا تەقەززا بولۇپ، مىڭلىغان بالىلارغا ئارافات دېگەن ئىسىم قويۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئەدىبلەرمۇ پەلەستىننىڭ دەردىگە يىغلاپ شىئېرلارنى يازغان. ھەتتا تۆھپىكار شائىر ۋە نەشرىياتچى قۇربان بارات «يوقالماس پەلەستىن» دېگەن داستانىنى يېزىپ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانى كۈرىشىگە ئىشتىياق باغلىغان ۋە مەدەت بەرگەن ئىدى. مەن 2019-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2020-يىلنىڭ بېشىدا نورۋېگىيە ۋە شىۋىتسىيەدە پەلەستىنلىك ئەدىبلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىقتىن ئەمەس، ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەرلىكى مېنى ھەيران قالدۇردى، ھەتتا پەلەستىننىڭ داڭلىق شائىرى مورىد بارغوتىمۇ ئۇيغۇرنى بىلمەيدىكەن.

قۇربان بارات ئۇيغۇرچە يازاتتى، ئۇنى دۇنيا بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ پەلەستىننى بىلمىسىمۇ ئانچە ھەيرانلىق قوزغىمايتتى، ئەمما ئەدەبىيات دۇنياسى بىلىدىغان، دۇنياغا ئېنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە تونۇلغان بىر پەلەستىنلىك ئەدىپ دۇنياغا ئ‍ايدىڭ قىرغىنچىلىقنى بىلمىسە، پەلەستىنلىك ئەدىبلەر دۇنيانىڭ ھېسسىداشلىقىغا ئېرىشكەن بىر مىللەتنىڭ دەردى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ مەسلىھەت قىلىشقاندەكلا ئۇيغۇر پاجىئەسىگە ئورتاق سۈكۈتنى تاللىسا، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ ياۋرۇپادا پاناھلىق ئاپسەن، پۈتۈن دۇنيادىن ھېسسىداشلىق كۈتىسەن، زۇلۇم كۆرگەن مىللەتنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى تەبىئى ئىنكاس ئەمەسمۇ؟ زۇلۇمغا قارشى يازىسەن، ئىسرائىلنىڭ ساڭا قىلغىنى زۇلۇم بولسا، خىتاينىڭ بىزگە قىلغىنى ئىلتىپاتمۇ؟

ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش پەلەستىنلىكلەرنىڭمۇ مۇھاجىرەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەپ بولغان يەنە بىر ئامىل دۇنيادىكى كۆپىنچە يەھۇدى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرغا ياردەم قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەكسىچە، پەلەستىنلىكلەر قۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى. كىشىلەر سېلىشتۇرۇپ شۇنى دېمەي قالمايدۇ. سېنىڭ دۆلىتىڭدە خىتاينىڭ قۇرغان زاۋۇتى باردۇ، سانائەت باغچىسى باردۇ، شىركەتلىرى باردۇ، سۈكۈت قىلىشنىڭ سەۋەبنى چۈشەنگەنمۇ بولايلى. ئەمما ياۋرۇپادا، ئامېرىكادا، كانادادا ئۇيغۇرغا ئوخشاشلا پاناھلانغۇچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ، «زۇلۇمدىن» شىكايەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر قۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟

مەنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئومۇمىييۈزلۈك كەلگەن بۇ قىسمەت تەپەككۇردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بۇرۇن دۇنيانى خىتاي تەشۋىقاتى تارقاتقان خەۋەرلەردىن چۈشىنىپ غەرپكە ئۆچمەنلىك قىلغان، بىر ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك دۇنيادىكى بارلىق يەھۇدىلارغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشىلەر قايتا ئويلىنىدۇ. خىتاي ئىسرائىلىيەگە قارشى قوللىغان پەلەستىن تەشكىلاتلىرىغا زىيادە مۇھەببەت باغلاپ قالغان بو مىللەت ئۇلارنىڭ زالىمغا يانتاياق بولغان قىلمىشىدىن دەرس ئالىدۇ. پەلەستىن دۆلىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى، ئۆزگىلەرنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىشتە بىر دەرس بولىدۇ.

پەلەستىننى قوللىغان ئۇيغۇر ئەدىپ، ئۆلىما، باي ۋە زىيالىلار ئۇلارنى ئۆزى بىلەن تەقدىرداش دەپ قارىغان، ئەمما بۇ قېتىمقى ئەمەلىيەت ئۇلارغا بۇنداق «تەقدىرداشلىق» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۆزىنى تەقدىرداش دەپ قارىمىغان تەرەپكە ئۆزىنىڭ تەقدىرداشلىقىنى تېڭىپ كۆڭۈل بۆلۈش، موھەببەت ئىئانە قىلىش ۋە سۆيگۈ تەقىدىم قىلىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكى كىشىلەرگە ئايدىڭ بولۇپ كەتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنىشىنى ئۇيغۇرغا قىلىنىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىغا ئوخشىتىپ قېلىشى ئۇيغۇردا پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدەك، پەلەستىنلىكلەرنى ئۆزىدەك كۆرۈشنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلاردىكى خىتايغا قارشى ئۇيغۇرچە مۇسۇلمانلىقنىمۇ مەنبە قىلغان. ئۆمرىدە چوڭراق شەھەرلەرگىمۇ چىقىپ باقماي بىۋاستە مۇھاجىرەتكە قەدەم قويغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ دۇنيادا بارلىق مەزلۇم مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇردەك، قارشى تەرەپنى ئۇيغۇرنىڭ دىنىغا، تىلىغا ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان خىتايدەك تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تامامەن چۈشىنىشلىك. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. «ئۇيغۇر بىلەن ئوخشاش كۈندە» دېيىلىۋاتقان پەلەستىننىڭ رەئىسى بار، ئىسرائىلغا قارشى خىتاينى دوست تۇتالايدۇ. ئۆز زېمىنىدا تۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە كاتيۇشا ئاتالايدۇ. ھەتتا ئىسرائىلىيەدە ياشايدىغان ئەرەبلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى سۆز قىلىپ، يەنە ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلەيدۇ. پەلەستىنلىكلەر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆزى سايلايدۇ، ئۇلارنىڭ خاماستەك ھەربى تەشكىلاتى، ساقچى قىسمى ۋە مۇستەقىل تاشقى سىياسىتى بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر، مۆمىنلەر بىر بىرىگە دوستتۇر» دېگەن ئەقىدە بويىچە پەلەستىنلىكلەرنى قەشقەرلىك خوتەنلىكنى كۆرگەندەك قېرىنداش كۆرۈشى تامامەن چۈشىنىشلىك. شۇنداق يېقىن كۆرگەچكە پەلەستىنلىكلەردىنمۇ بەكرەك يەھۇدىلارغا ئۆچ بولۇپ كەتسىمۇ، تەئەججۈپلۈك ئەمەس. ئەمما رەھىمسىز ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، دوستلۇق، قېرىنداشلىق دېگەن شەخس بىلەن شەخس ئارىسىدا، ئائىلە بىلەن ئائىلە ئارىسىدا بولىدۇ. ئىككى مىللەت ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەقەت قوشنىدارچىلىق، ئىقتىسادىي نەپ يەتكۈزۈش، ۋە ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى مىللەت ئارىسىدا دوستلۇق بولغان بولسا، پەلەستىن خىتاي تەرەپ بولمايتتى. ئەگەر ئىككى مىللەت ئارىسىدا دىنىي قېرىنداشلىق بولىدىغان بولسا، پەلەستىن ھاكىمىيىتى خىتاينى رەنجىتىشتىن قورققان تەقدىردىمۇ پۈتۈن دۇنيادا ياشاۋاتقان نەچچە مىليۇن پەلەستىنلىكلەر ئەمەس، ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان 100 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ 10 پېرسەنتى ئۇيغۇرنى قوللاپ قوزغىلىپ كەتسە بولاتتى. پاكىت ئۇيغۇرلارغا شەخس بىلەن شەخس ئارىسىغا ماس كېلىدىغان «دوستلۇق»، «قېرىنداشلىق» دېگەن ئۇقۇملارنى دۆلەت ۋە مىللەت ئارا مۇناسىۋەتكە قىستۇرۇپ يۈرمەسلىكنى ئۆگىتىدۇ.

بۇ قېتىمقى پەلەستىننىڭ خىتايغا تەرەپتار بولۇشى ئۇيغۇرلارغا دۇنياغا ئۆزى سۆيگەن ئ‍ىددىيەنىڭ تەلىپى، ئۆزى قەدىرلىگەن چۈشەنچىنىڭ چاقىرىقى ۋە ئۆزى تەۋە ئىدېئولوگىيەنىڭ قېلىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر مىللەت سۈپىتىدە، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ يۈزلىنىشنى ئۆگىتىدۇ.

ئۇيغۇردەك مىللەت بويىچە مەھبۇسلۇققا، خاراپلىققا ۋە قىرغىنچىلىقققا ئۇچراۋاتقان مىللەتنىڭ ھەممىنى قايرىپ قويۇپ ئاتا-ئانا، ئاچا-سىڭىللىرىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش ۋە ھۆرلۈكىنى ئېلىش ھوقۇقى بار. خۇددى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى خىتاي بىلەن 60 يىللىق ھەمكارلىقى، 30 يىللىق دوسلۇقى ۋە ئۇيغۇرغا قارشى ئىككى يىللىق دۈشمەنلىكى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاندەك، ئۇيغۇرلارمۇ دۇنياغا شۇنداق يۈزلىنىشنى سىناپ بېقىشقا ھوقۇقلۇق.

ئۇيغۇردا «دوستنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر» دېگەن سۆز بار. مىللەت بويىچە چەتئەللەردە مۇساپىر، ئۆز ئېلىدە مەھبۇس بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇق، قېرىنداشلىق، دۆلەت، ھوقۇق، ھۆرلۈك، مۇسۇلمانلىق دېگەن ئۇقۇملارغا بولغان چۈشەنچىسى يېڭىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەمدى خىتاي دوست كۆرسەتكەن ئەرەب دۇنياسىغا دوست بولۇپ، خىتاي مەزلۇم كۆرسەتكەن پەلەستىنلىكلەرگە قېرىنداشلىق ئىزھار قىلىپ، خىتاي دىندا ئوقۇشقا يول قويغان پاكىستان، ئەرەبىستان، يەمەن ۋە مىسىرنى «ئىسلامنىڭ بۆشۈكى» دەپ بىلىشتىن ئۇلارنىڭ ئەسلى يۈزىنى كۆرۈشكە باشلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۆتۈلۈپ كەتكەن دۆلەتلىك بولۇشنىڭ قەدرى، ھوقۇقلۇق بولۇشنىڭ قىممىتى ۋە ھۆر بولۇشنىڭ تەشنالىقى سەۋەبلىك تەپەككۇردا بىر مىسلىسىز يېڭىلىنىشنى باشلىشى مۇمكىن.


***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت