شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2014-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لۇندى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇرما، خىتاي ۋە يەتلاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدىكى لېكسىيىنىڭ ئېلانىدا شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ياسىرخان سۈرىتى.
لۇندى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇرما، خىتاي ۋە يەتلاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدىكى لېكسىيىنىڭ ئېلانىدا شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ياسىرخان سۈرىتى.
RFA/Ehsan

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سىتوكھولمنىڭ سەنسۇس ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەركىزىنىڭ پائالىيەت زالىدا تەبرىكلەش ۋە مۇھاكىمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەردىن پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇنمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەتنىڭ باش قىسمىدا «شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى»نىڭ قۇرۇلغان 6 يىل جەريانىدا قىلغان خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ياسىرىخان تەرىپىدىن ئاڭلىتىلدى.

ئاندىن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى، يېتەكچىلىك ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئىسلام ۋە مائارىپ، شىۋېتسىيەدىكى پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتلەر بولدى.

ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدىكى سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنازىرىلەر بولدى.

بىز بۇ سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت