ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 8-، 9-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا 8-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنغا تۈركىيەدىن ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلار، دوكتور، پروفېسسورلار ۋە يازغۇچى، ئەدىبلەر قاتناشتى.

يىغىن 8-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 دا باشلاندى، ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى رىشات ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، ئامېرىكىدىن كەلگەن دوكتور دولقۇن قەمبىرى، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئەكبەرجان باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي يىغىنىغا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 25 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. يىغىن «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخى (مىلادىدىن كېيىنكى 50-يىلىدىن-932-يىلغىچە)»، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى (932-يىلىدىن 1514-يىلىغىچە)»، «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى (1514-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە)» ۋە «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر (1949-يىلىدىن كۈنىمىزگىچە)» بولۇپ تۆت بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر پۈتۈن تارىخى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ بۇنىڭدا، تارىخ ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتچى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ، «تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال يۈنۈسئوغلى «ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈش» دېگەن تېمىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى ئائىلە مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا، ئارخېئولوگ تەتقىقاتچى دوكتور دولقۇن قەمبىرى «قەدىمكى تەكلىماكان مىراسى: ئۇيغۇر شەھەر مەدەنىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تەكلىماكان بويلىرىدا ياشاپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكىنى تارىخى مەنبەلەر ۋە ئارخېئولوگ قېزىلما يادىكارلىقلار ئارقىلىق ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا تەتقىقاتچىلار قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، كۇچادا ئۆتكەن تارىخى شەخسلەر، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1916-يىلىدىكى قوزغىلاڭغا قېتىلىشى، 20-ئەسىردە ئۇيغۇر تارىخىدا تارىخى دېتىرمىنىزمىنىڭ ئىپادىلىرى، تۈرك-ئۇيغۇر دىپلوماتىيە تارىخىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي ماقاللىرىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر دېگەن باش تېمىدا مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دوكتور ئەسەد سۇلايماننىڭ «لاداق يولىدا ھىجرەت» ماقالىسى قاتارلىق تۆت تېمىدا ئىلمىي ماقالىلەر تەقدىم قىلىندى.

يىغىننىڭ تۆتىنچى بۆلۈمى 9-ئۆكتەبىر يەكشەنبە ئەتىگەن باشلاندى. بۇ بۆلۈمدە: قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخىنى ئاساس قىلىپ تۆت تارماق تېمىدا تەتقىقاتچىلار سۆز قىلدى.

پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل «قىشلاقلاردىن شەھەرلەرگىچە تۈرك قاراخانىيلار قاغانلىقلىرى، ئەسكەرلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. پروفېسسور قۇنۇرئالىپ ئارجىلاسۇن، «توققۇز ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى» ھەققىدە توختالدى.
يىغىننىڭ بەشىنچى بۆلۈمىدە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا تۆت نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىننىڭ ئالتىنچى بۆلۈمىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا تۆت نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ماقاللىرىنى تەقدىم قىلدى. يىغىندا، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان دوكتور يۈسۈپ گېدىكلى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئوسمانلى دۆلىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا تارىخشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا توختىلىپ، بەزى تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ 741-يىللاردا موڭغۇلىستاندىن ئۇيغۇر دىيارغا كۆچۈپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما بەزى تەتقىقاتچىلار 741-يىلى ئۇيغۇرلار كۆچۈشتىن ئىلگىرىمۇ تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئەتراپلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تەكلىماكان چۆلى ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ھون ۋە تۈرك دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى، بەزى دەۋرلەردە تۈرك، بەزى دەۋرلەردە ئۇيغۇر، بەزى دەۋرلەردە ئۇيغۇر تۈركلىرى، بەزى دەۋرلەردە تۈركلەر دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئالمىشىپ ئاتالغانلىقىنى تارىخى مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت