نورۋېگىيەدە «ئۇيغۇرلار كىم؟» دېگەن كىتابچە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2013-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نورۋېگىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار كىم» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
نورۋېگىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار كىم» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Aygul

نورۋېگىيەدە نورۋېگ تىلىدىكى «ئۇيغۇرلار كىم؟» ناملىق كىتابچە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن ئومۇمى ئەھۋالىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەنگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگچە يېزىقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر كىتاب تۈزۈپ چىقىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاب كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرىسىدە ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەشردىن چىقتى.

ئۇيغۇرلار نورۋېگىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئومۇمى ۋەزىيىتىنى نورۋېگىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تونۇشتۇرۇشتا كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى كومىتېتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولىدىغان تەشۋىقاتتا، تەشۋىقات ۋەرەقچىسىغا ياكى ئاغزاكى بايانغىلا تايىنىپ قېلىشتەك ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى زىيارىتىمىز قوبۇل قىلدى.

نۆۋەتتە مەزكۇر كىتاب نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە ۋە ھەر قايسى ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىغا پوچتا ئارقىلىق يوللىنىش بىلەن بىرگە، نورۋېگىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ-كىچىك شەھەرلەردىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىش پىلان قىلىنىۋېتىپتۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت