خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى. شى جىنپىڭنىڭ «2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى بولۇپ، بۇ سىياسەت 2014-يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن زوراۋانلىق بىلەن داۋام قىلدى. خىتاينىڭ «خىتايچىلاشتۇرۇش» شۇئارى ئاستىدا ئارقىمۇ-ئارقا يولغا قويغان «تىلنى خىتايچىلاشتۇرۇش، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ قىيناش بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان تىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە كىملىك بەلگىلىرىنى ۋەيران قىلىشنى مۇھىم نىشان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئۆتمۈش خاتىرىسى ۋە كوللېكتىپ ئېڭىنىڭ نامايەندىسى بولغان مەسچىت، مازارلىق ۋە ئۆيلىرىنى تامامەن ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى خىتاي پاسونىدا «قايتا يارىتىش»قا ئۇرۇنۇپ كەلدى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ بۇ مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەتكە ھۇجۇم قىلدى.»
لوندون ۋە نيۇ-يوركتا چىقىدىغان «سەنئەت گېزىتى» تور بېتىدە 3-نويابىر «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى توغرىلىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى قورقۇنچلۇق سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى چۆچۈتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ 65 پىرسەنت مەسچىت، 58 پىرسەنت ئىسلامىي يادىكارلىقلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. قەشقەردىلا 2016-يىلدىن باشلاپ 70 پىرسەنت مەسچىت چېقىپ تاشلانغان. بۇ خىتاينىڭ سىستېمىلىق، پىلانلىق يۈرگۈزگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىمۇ خانىۋەيران قىلىنغان، جامائەت پائالىيەتلىرى ۋە ھېيت-بايراملار چەكلەنگەن، ئالىم-ئۆلىمالار تۇتۇلۇپ، كۆپ قىسمى ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن، مائارىپ، مەمۇرىيەت ۋە باشقا ئاممىۋى ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلى تامامەن چەكلەنگەن.
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ پەقەت دىنغا ھۇجۇم قىلىشلا ئەمەس، بەلكى مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتۇر.»
ماقالىدە يەنە چەت ئەللىك ئىنسانشۇناسلار، مىمارلىق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار، رەسساملار، فوتوگرافلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتى ۋە مازارلىقلىرىدىكى مىمارلىق سەنئىتى ۋە ئۇنىڭغا يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تارىخى مىراسلىرى ئۇلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن كەلگەن ئېتىقاد، تۇرمۇش ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكىنىڭ روشەن نامايەندىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەسچىتلەرگە سېلىنغان پەشتاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە ئىسلام بىناكارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرسە، ئوردام مازىرىغا تەۋە داشقازان قاتارلىق بۇيۇملار ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەررۈك مەدەنىيەت ئىزنالىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىغا شاھىت بولىدىغان قىممەتلىك بايلىقلار بولۇپ، خىتايلار بۇلارنى يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز تارىخىدىن، ئۆز ئەنئەنىسىدىن ۋە ئۆتمۈش خاتىرىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مازارلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنى نامايەن قىلىدىغان ماددىي مىراسلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاسىيە خانىم ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مازارلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى بەزى چوڭ جامە ۋە مەسچىتلەرنى چېقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا سودا سارايلىرى ياكى قاۋاقخانا قۇرغان؛ مەسچىتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولغان مۇنار، پەشتاق، قۇببە، ئەرەبچە ھۆسنخەت ۋە لەۋھەلەرنى چىقىرىپ تاشلىغان. 14-ئەسىرگە ئائىت بولغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسىدىكى لەۋھەنى چىقىرىۋېتىپ، ئىچىگە يۆتكەپ قويغان. 1540-يىلى سېلىنغان قاغىلىق جامەسىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىپ، ئۇنىڭدىن چىقارغان بوش زېمىنغا سودا مەركىزى سالغان. جۈمە كۈنلىرى كىشىلەر ئاساسەن مەسچىتلەرگە بارماس بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىن دۈشمەنلىكىدىن، ئۇيغۇرلارنى دىنىي سورۇنلاردىن، جامائەت پائالىيىتىدىن مەنئىي قىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئەھۋال بولۇپ، بىر خىتاي ئەمەلدارى بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلاش، ئۆز ئارا ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاش، كىملىكىنى ئېلىپ تاشلاش»ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئېتىقادىغا ھەم مىللىي كىملىكىگە تەڭ ھۇجۇم قىلىپ خىتايلاشتۇرۇشقا، يەنى خىتاي پۇقرالىرىدەك ئاڭسىز، رايىش قۇللارغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:«خىتاينىڭ مەقسىتى مىللىي كىملىكىمىزنى ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتەلمىسە ۋەيران قىلىش، ۋەيران قىلالمىسا قىرىپ تۈگىتىشتۇر. شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىشى كېرەك، بولمىسا مانجۇلار ۋە ئىندىيانلارغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كېلىمىز. ياراتقۇچى بىزنى ئۇيغۇر دەپ ياراتتى، شۇڭا بۇ ھەم بىزنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىزدۇر.»
ئاسىيە خانىممۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ بۇ مىللىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقىغا خەلقئارا ياردەم بەرمىگەن ئەھۋالدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسىدە يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.