دولقۇن ئەيسا ۋە تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر تەيۋەننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
(ئوڭدىن سولغا) د ئۇ ق كاتىپى دولقۇن ئەيسا، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا. 2006-يىلى 27-ئۆكتەبىر، تەيبېي.
(ئوڭدىن سولغا) د ئۇ ق كاتىپى دولقۇن ئەيسا، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا. 2006-يىلى 27-ئۆكتەبىر، تەيبېي.
RFA/Qutluq

يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە تۇتقان يېڭىچە سىياسىتى كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ،بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە تەيۋەنلىك بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە تۇتقان سىياسىي مەيدانىدا بەلگىلىك دەرىجىدە زور ئۆزگىرىشلەر ھاسىل بولغان بولۇپ، يېقىندا تەيۋەن پارلامېنتىدا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرى بويىچە يىغىن چاقىرىلىپ،ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە تۇتقان پاسسىپ سىياسىتىگە خاتىمە بېرىلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا تەيۋەندىكى بۇ خىل سىياسىي ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى.

تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن خې ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «تەيۋەن ئەسلىدىلا ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان دېموكراتىك ئەل بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەت بېشىدىكى گومىنداڭ پارتىيەسى تەيۋەندە ئەركىنلىكنى ئىزچىل بوغۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، سەي يىڭۋېن تەختكە چىققاندىن كېيىن تەيۋەننىڭ جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدە يېڭىدىن ئىشىك ئېچىلىپ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەيۋەندە قارشى ئېلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. تەيۋەن پارلامېنتىدا چاقىرىلغان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى بۇ قېتىمقى يىغىن تەيۋەندىكى يېڭى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بەلگىسى بولسا كېرەك» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان گومىنداڭ پارتىيەسى تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارالىق تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە دولقۇن ئەيسا قىسقىچە توختالدى.

تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ياڭ خانىم خىتاي ۋە تەيۋەن ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «كۆپىنچە كىشىلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى دېيىشىدۇ، بۇ توغرا گەپ، شۇنداق، جۇڭگو كومپارتىيەسىدە ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قەبىھ نىيىتىدىكى ئۆزگىرىش يەنى ھازىرقى خوڭكوڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قارىساق ۋە شۇنداقلا جۇڭگودا ئېزىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر موڭغۇللارنىڭ نالىسىنى ئاڭلىساق، بۇنى تەپسىلىي بىلىۋالالايمىز.» دېدى.

تەيۋەن ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان دولقۇن ئەيسا يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەيۋەندە ئاڭلىتىشتا يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇش ئۈمىدىنىڭ زورلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئىلگىرىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق زاتلارنىڭ تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە قويغان ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى بەزىبىر تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق، مەيلى گومىنداڭ پارتىيەسى بولسۇن ۋە ياكى خىتاي كومپارتىيەسى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىي مەيدانىدا بىر ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 11-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ يىغىنىدا، تەيۋەن ۋەكىللىرى مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ 2017-يىلى چاقىرىلىدىغان قۇرۇلتىيىنى تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنداقلا تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەننىڭ ھەر زامان قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت