ئۇيغۇر توپچىلار-يېشىل مەيداندا بەدەل تۆلەۋاتقانلار

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچىدىكى تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى. 2012-يىلى 12-ماي، ئۈرۈمچى.
ئۈرۈمچىدىكى تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى. 2012-يىلى 12-ماي، ئۈرۈمچى.
www.tianjinwe.com

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان پۇتبول كوماندا ئەزالىرى، گۇاڭدۇڭدىن پويىز بىلەن ئورۇندۇقسىز 49 سائەت ئۆرە تۇرۇپ 24-فېۋرال ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋە ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ ئاچچىق رېئاللىقىنى تونۇتۇپ بەرگەن بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر پۇتبول ئەزىمەتلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر بەس-بەستە ئېلان قىلىنماقتا. تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇلاردىن خەۋەر تاپقان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇتبول كوماندىلىرىدىن چېكىنگەن بىر قىسىم پېشقەدەم ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «پويىز بىلەن قايتىش ياكى ئۆرە تۇرۇپ قايتىش بىز ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس، بۇنىڭ ئاشكارىلىنىشى يېڭىلىق. ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى خىتايدا ئەڭ يۇقىرى، تۆلەۋاتقان بەدىلى ئەڭ ئېغىر بولسىمۇ، ئورنى ئەڭ تۆۋەن» دېگەن پىكىرلەرنى بايان قىلدى.

خىتاي ئىچىدىكى چوڭ تارتقۇلاردا «شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرى گۇاڭجۇدىن شىنجاڭغا 49 سائەت ئۆرە تۇرۇپ قايتىپ كەلدى. پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بولسا ئايروپىلاندا قايتتى» دېگەن خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تور بەتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تور بەتلەردىمۇ ئۇيغۇر پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى بۇ جاپا-مۇشەققەتكە قويۇپ ئۆزى راھەت قوغلاشقان شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە كوماندا مەسئۇللىرى كۈچلۈك تەنقىد ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا.

دۈشەنبە كۈنى شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى بلوگى بۇ ھەقتە، جەمئىيەتتىكى قاتتىق ئەيىبلەشلىرىدىن كېيىن شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ ئىشقا قارىتا «مەبلەغ يېتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن پۇتبولچىلارغا ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالالمىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا، كوماندا ئەزالىرىغا ياتاقلىق ھەتتا ئورۇندۇقلۇق پويىز بېلىتىمۇ سېتىۋالالمىدۇق، ئامالسىز ئورۇندۇقسىز بېلەت ئالدۇق» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ جاۋابى كىشىلەرنى قايىل قىلالمايلا قالماستىن بەلكى «بۇ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى يېپىشتىكى بىر باھانىسى» دېگەندەك تېخىمۇ زور تەنقىد قوزغىدى.

پۇتبول مەستانىلىرى تور بەتلەردە «بۇ، پۇتبول جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى خارلىغانلىقى، بۇ ئىشنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك، پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنى خارلىغان رەھبەرلەر جازالىنىشى كېرەك» دېگەندەك كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا.

ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر توپچى، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلى پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى بۇ خىل ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى مۇستەقىل بىر پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇلماي تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتبول تۇغما تالانت، جاپالىق مەشىق، ئەلا تەن قۇۋۋىتى، كەسپىي ساپا، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە قورقماس روھنى تەلەپ قىلىدىغان تەنھەرىكەت. بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا مۇسابىقىلەردە ئۇتۇق قازىنىش تەس. بولۇپمۇ مۇسابىقىگە چۈشۈش ئالدىدا كوماندا ئەزالىرى سىستېمىلىق مەشىقتىن باشقا، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى ساپادا كۆرسىتىشى، مۇكەممەل جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئوزۇقلىنىپ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي قۇۋۋىتىنى، كەيپىيات تۇراقلىقىنى ساقلىشى زۆرۈر.

ئەمما، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۇزاق مۇساپە، ئوزۇقلىنىش شارائىتلىرى ئۇيغۇر توپچىلارغا رىقابەت ھاسىل قىلغاندىن باشقا، يەنە بۇ خىل يول ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشتەك بەدەللەرنى پەقەت ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىلا تۆلەپ كەلمەكتە.

شىنخۇا تورى بۈگۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ رېئال ئەھۋالى ھەققىدە «پويىز ئۈستىدىكى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلى پۇتبولچىلىرىنىڭ 19 سائەتتە يۇرتىغا قايتىپ كېلىشى پويىز ئۈستىدىكى ئۇيغۇر ئېلى پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى ئەمەس دەپ كۆرسەتتى. ماقالىدە چۈشەندۈرۈشىچە، شىنجاڭ 13 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى 2012-يىلى مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بارغاندا 72 سائەت پويىزدا ئولتۇرۇپ كۈنمىڭغا بارغان. شىنجاڭ 15 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى پويىز بېلىتى سېتىۋالالمىغاچقا مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.

بىراق شارائىت مۇشۇنداق ناچار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەممىنى قايىل قىلغان، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن. 2012-يىللىق مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى چېمپىيون بولغان، ئۇلارمۇ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا 34 سائەت پويىزدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقىگە بارغان. ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتلاردا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان. بۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپ، بەك كۆپ....

80-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن توپچى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان جۈرئەت زاھىر ئەپەندى، ئۆزىنىڭمۇ كىچىكىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جاپا-مۇشەققەتلەردە ئۈسۈپ يېتىلگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈنكىدەك قاتناش ۋە ئىقتىساد ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان شارائىتتىمۇ ئۇيغۇر توپچىلارنىڭ شارائىتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىدىن ئېچىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «ئۇيغۇر توپچىلارنىڭ خىتايدا ماھارىتى ئەڭ ئۈستۈن، تۆلەيدىغان بەدىلى ئەڭ ئېغىر، ئەمما ئورنى مۇشۇنداق ئەڭ تۆۋەن، ئۇيغۇرلار باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىماي تۇرۇپ، توپچىلىرىمىزمۇ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارى، ئەكرەم، مىرئەخمەت، دىلمۇرات، ئۆتكۈر، يەھيا قاتارلىق بىر قىسىم تالانتلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلار خىتاي ئىچىدىكى يېشىل مەيدانلاردا كارامىتىنى كۆرسىتىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ، خىتايدىكى بىر قىسىم داڭلىق كوماندىلاردىمۇ ئۇلارنىڭ سېيماسى كۆرۈنۈش بىلەن، خىتاي پۇتبول ساھەسىدە «شىنجاڭ قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلگەن ئىدى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىچىدىكى پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ پۇتبول ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنىڭ نەزىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىدىن تىكىلگەنمۇ بولدى. بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنى، پۇتبول مەستانىلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. ئىلگىرى خىتاينىڭ داڭلىق كوماندىلىرىدا تۇرغان، يېقىنقى يىللاردا گوللاندىيىدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبىدا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى ئىلشات، گەرچە ئاز ساندىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ مەملىكەتلىك چوڭ كوماندىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ يېڭىلىقلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ ئومۇمىي شارائىتىدا يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىدىن، نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە شۇ قەدەر جاپالىق شارائىتلاردىمۇ پۇتبول كەسپىگە بولغان سۆيگۈسى، توپ مەستانىلىرىگە بولغان ساداقىتىنىڭ كۈچى بىلەن بۇ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سەپداشلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، ئۇ يەنە بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى، تەنھەرىكەتچىلىرى ئۇچراپ كەلگەن كەمسىتىش ۋە تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت