ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 2 يىلدا 230 مىڭ ئادەمنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
AFP

ئۆتكەن شەنبە كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى » گېزىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە زور ساندىكى كىشىگە قاماق جازاسى ۋە باشقا جازالارنى بېرىپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق ئەدلىيە سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق 2017- ۋە 2018‏-يىللىرىدا 230 مىڭ كىشىنىڭ قاماق جازاسى ياكى باشقا جازالارغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدا قولغا ئېلىش ۋە قاماق جازالىرىدىكى شىددەتلىك ئارتىشنىڭ 2014‏-يىلى باشلانغانلىقى، شۇ يىلى رايوندا ھۆكۈمەتكە قارشى ھۇجۇملارنىڭ پەللىگە چىققانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكادىكى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە بۇنچىلىك كۆپ ئادەمگە جازا بېرىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتەرلىك ئىكەن. ئامېرىكادىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دونالد كلارك «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇشنى پەرقلىق نۇقتىدىن ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ 3‏-سېنتەبىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلارلىق نۇقتا شۇكى، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش پەرقلىق نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىلگەن. يەنى ئۇنىڭدا قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئەمەس، بەلكى رەسمىي جىنايى ئىشلار سىستېمىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ خەۋەر ئەلۋەتتە بىزگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي ھەيران قالارلىق خەۋەر ئەمەس. چۈنكى، بىز بۇنداق بولۇشىنى قىياس قىلغان. لېكىن، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كرىس باكلېي بۇنىڭغا دائىر رەسمىي رەقەملەرنى تېپىپ چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ رەقەملەرنى رەت قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ رەقەملەر ئۇنىڭ رەسمىي مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان. بۇ رەسمىي مەنبەلەردىن ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىز قانۇننىڭ رەسمىي جازالىشىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ سانىدا شىددەتلىك ئارتىش بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ھەقىقەتەن چۆچۈتەرلىك دەرىجىدىكى بىر ئارتىشتۇر».

پروفېسسور دونالد كلاركنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2016‏-يىلىغا قارىغاندا 2017-ۋە 2018‏-يىللىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى سوتچىلارنىڭ سانى ئازايغان، ئەمما ھەر بىر سوتچىغا توغرا كېلىدىغان دېلو سانى كۆپەيگەن. دونالد كلارك، بۇنچىلىك كۆپ دېلونى نورمال قانۇنى تەرتىپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بىلدۈردى.

دونالد كلارك مۇنداق دېدى: «قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىدا بۇنچىلىك كۆپ ئارتىش بولغاندا سىزنىڭ نورمال قانۇنى تەرتىپ بىلەن بۇ دېلولارنى بىرتەرەپ قىلىشىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك مۈشكۈل. مەن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىستاتىستېكىسىغا قوشۇمچە قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىمنى، دەپ ئۆتمەكچىمەن. شىنجاڭدا 2016‏-يىلى 5900 نەپەر سوتچى بار بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى جەمئىي 400 مىڭ ھەر خىل دېلونى بىر تەرەپ قىلاتتى. بۇ تەخمىنەن 41 مىڭ جىنايى ئىشلار ئەيىبنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بىر يىلدا ھەر بىر سوتچىغا 68 دېلو ۋە 7 ئەيىبنامە توغرا كېلەتتى. 2018‏-يىلىغا كەلگەندە سوتچىلارنىڭ سانى ئازىيىپ، 3800 گە چۈشتى، ئەمما ئۇلار بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەر خىل دېلولار 500 مىڭغا چىقتى. ئۇلار بىرتەرەپ قىلىدىغان جىنايى ئىشلار ئەيىبنامىسى 136 غا يەتتى. بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر سوتچىغا توغرا كېلىدىغان دېلو ئىككى ھەسسە كۆپىيىپ 132 گە يەتتى. جىنايى ئىشلار ئەيىبنامىسى 5 ھەسسە ئارتىپ، 36 گە چىقتى. شۇڭا، شىنجاڭدىكى سوتچىلارنىڭ دەم ئالماي ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ بىرقەدەر كۆپ دېلونى نورمال قانۇنى تەرتىپ بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ گۇمانىم سوت مەھكىمىسى ئاق قەغەزنى ساقچى ياكى تەپتىش خادىمىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرۇۋېلىشىغا تاپشۇرغاندەك قىلىدۇ. بولمىسا، بىر سوتچىغا 2016‏-يىلى 7 ئەيىبنامە توغرا كېلىپ، 2018‏-يىلى بۇنىڭ 36 گە چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس».

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2017‏-يىلى 227661 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى، 2018‏-يىلى يەنە 114023 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغانلار يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ جەمئىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە، 2017‏-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 87 مىڭ كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن كېسىلگەنلەرنىڭ 2016‏-يىلىغا قارىغاندا 10 ھەسسە ئارتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چەتئەلدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى ۋە رادىكال ئۇسۇللارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. نيۇ-يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ 3‏-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شۇڭا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى شىنجاڭدا دۆلەت تېررورلۇقىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. بۇنىڭدا رادىكال ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. مېنىڭچە بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق بىر گۇمان يوق».

شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قانۇننى يەرلىك مىللەتلەرگە قارشى قورال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتىكەن. ئۇ، شۇڭا بۇ رايوندا قانۇنىي تەرتىپ، دەيدىغان بىر نەرسە قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى ھەرقانداق بىر باستۇرۇشنى سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغاندا قانۇن تەرتىپ دەيدىغان نەرسە بىر شەكىلگە ئايلىنىدۇ. ئۇ قانۇن تەرتىپكە ھەرگىز ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇ قانۇن تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ساقچى، تەپتىش، سوت ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ۋە تۈرمە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھەرقانداق دېلو بىر-ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانۇن تەرتىپ، دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.»

پروفېسسور دونالد كلاركنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر مىليوندەك كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ قانۇنى جازاغا تارتىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدا قانۇننىڭ ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان خىتاي قانۇنى بويىچە سىزنىڭ بىرىنى تۇتقۇن قىلىشىڭىز ئۈچۈن قانۇنى ئاساسقا تايىنىشىڭىز كېرەك. ھالبۇكى، ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› ھېچقانداق بىر قانۇنى ئاساسقا تايانمىغان قانۇن سىرتىدىكى مۇئەسسەسە. مانا بۇ مەزكۇر رايوندا قانۇنسىزلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى. ئەمدى قاماق جازالىرىغا كەلسەك بۇنىڭدا قانۇنغا ئەمەل قىلىۋاتقاندەك بىر كۆرۈنۈش بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا جازالانغانلار بەك كۆپ بولغاچقا بۇ يەردە مەۋجۇت قانۇنى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىنىپ، ئادىل سوتلاش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك مۈشكۈل. شۇڭا، بۇ ئىككى ھادىسە ھېچبولمىسا شىنجاڭدا قانۇننىڭ ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2017-ۋە 2018‏-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش دولقۇنى رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن. خەۋەردە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇسھ بىڭتۇەنى» مىسال كەلتۈرۈلۈپ، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ 2017‏-يىلدىكى ئەھۋالىنىڭ ئالدىنقى يىللار بىلەن پەرقلەنمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت