مۇتەخەسسىسلەر : سوۋېت ئارخىپلىرى 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سوۋېت - گىرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توپى (1985 - يىلى)
سوۋېت - گىرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر توپى (1985 - يىلى)
RFA/Oyghan

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، 1917-يىلىدىن تاكى 1950-يىلىغىچە بولغان 30 نەچچە يىل جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىسى قاتارىدا كۆردى.

سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي، ئېتنىك، سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم قارارلارنى ئالغان بولۇپ، ئۇ، 1930-40-يىللىرىدا كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە ئارىلاشتى ھەتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مەزكۇر تارىخى تېمىلار بويىچە بىر قىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلدى ۋە ئىزچىل كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەينى دەۋرگە ئائىت سوۋېت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ بىر قىسمىمۇ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا سوۋېت ھۆججەتلىرى ئىشلىتىلمىگەن بولسا، مۇتەخەسسىسلەر مانا ئەمدى مەزكۇر ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن تەتقىقاتلار ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەلقئارا تارىخشۇناسلىقتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان سىياسىي تارىخى تېمىلىرى ئاكتىۋاللىققا ئىگە بولغان بولۇپ، مەزكۇر نۇقتا بويىچە 20-ئەسىردە غەرب تارىخچىلىرىدىن ئاندرېۋ فوربېسنىڭ «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى مىلىتارىستلار ۋە مۇسۇلمانلار. جۇمھۇرىيەت دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ 1912-1949-يىلىدىكى سىياسىي تارىخى»، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى لىندا بېنسوننىڭ «ئىلى ئىنقىلابى» ناملىق كىتابلىرى ۋە ئارقىدىن ئاۋسترالىيەلىك خىتاي تارىخچىسى داۋىد ۋاڭنىڭ «سوۋېت كۆلەڭگىسى ئاستىدا: غۇلجا ۋەقەسى. شىنجاڭدىكى ئېتنىك توقۇنۇش ۋە خەلقئارا رىقابەت. 1944-1949-يىللىرى» ناملىق كىتابلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. مەزكۇر ئەسەرلەردە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەسىلىسى مەخسۇس يورۇتۇلغان. 1930-1940-يىللىرى تارىخى مەسىلىلىرى يەنە ئامېرىكا ئالىمى جامس مىللۋاردنىڭ «ياۋرو-ئاسىيانىڭ تۈگۈنى: شىنجاڭ تارىخى» ناملىق كىتابى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

بۇ ساھەلەر بويىچە پروفېسسور ۋالېرىي بارمىن ۋە باشقا بىر قىسىم رۇسىيە تارىخچىلىرىمۇ بىر قاتار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ساھە بويىچە يەنە خىتاي، تۈركىيە، ياپونىيەدىمۇ بىر قىسىم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. لېكىن، غەرب ئالىملىرىنىڭ، ئومۇمەن، ھەر قايسى ئەل تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىدا ئىلگىرى پەقەت ھەر خىل تىللاردىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرىدىن پايدىلىنىش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز تەتقىقاتلىرىدا يەنىلا بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولالمىدى. داۋىد ۋاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسا خىتاي نۇقتىئىنەزەرلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي ھاياتىغا ئائىت ئارخىپلىرىنىڭ ئىلىم ساھەسىگە يېتىپ كېلەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مەزكۇر ئارخىپلارنىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقىدىن ئىدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ بۇ ئارخىپلارنىڭ بەزىلىرى ئارقىمۇ -ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى ۋە ھازىرمۇ داۋاملىق چەكلىك يوسۇندا ئېلان قىلىنماقتا ھەم تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.

ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى ئابلەت كامالوف، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ئۆزلىرىنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى ۋە سوۋېت ئارخىپلىرىدىن تەتقىقاتلار ئۈچۈن پايدىلىنىش مەسىلىسىگە ئائىت كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت