خىتاي ھۆكۈمىتى 70 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە بەخت-سائادەت ياراتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا، ئەمما خەلقئارا نېمە دەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچىدا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 23-مارت، قەشقەر.
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچىدا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 23-مارت، قەشقەر.
REUTERS

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى زور تەنتەنە بىلەن قۇتلۇقلاۋاتقان بىر پەيتتە، بارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ زور بەخت-سائادەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»، شىنخۇا تورى ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتاي تىللىرىدا تارقىتىلماقتا.

بۇ خەۋەرلەردە تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭ باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇردى. . . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈندىن-كۈنگە ئاشتى»

بۈگۈن يەنە، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئىنگلىز تىلىدا «70 يىلدا خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونى ھاياتى كۈچ ۋە مۇقىملىققا تولغان بىر كېلەچەككە قۇچاق ئاچتى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، 70 يىللىق خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا رايوننىڭ مۇقىملىققا ئېرىشكەنلىكى ۋە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئورگانلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا يۇقىرىدىكى يەرشارى ۋاقتى گېزىتى ئىلگىرى سۈرگەنلەرنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئەجەپلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىدىن سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر لاگېرلاردا زوراۋانلارچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىدىن ئۇلارنىڭ قانداق بەختلىك ئىكەنلىكىنى سوراپ بېقىپتىمۇ؟ رايوندىكى 12 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتى دەرىجىدىن تاشقىرى كونترول ئاستىغا ئېلىنغان، خالىغانچە ئىبادەت قىلىشى، ئەركىن ساياھەت قىلىشى قاتتىق چەكلەنگەن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى كۈن بويى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاننى ئاز دەپ يەنە خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار يەنە بەخىتلىكمىكەن. مەن مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدىكى كىشىلەرنى يەنە قانداق بولۇپ بەختلىك دېگىلى بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم».

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قانچىلىك كۆككە كۆتۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، 2 مىليون ئەتراپىدا يەرلىك خەلقنى لاگېرغا قاماش ۋە رايوندا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى قۇرغانلىقى تېخى يېقىندا نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدىكى مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى. 23-سېنتەبىر ئومۇمىي يىغىن چاقىرىلغان بىرىنچى كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «دىنى ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش» تېمىسىدا بىر يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا جەۋھەر ئىلھام دادىسى ئىلھام توختى ۋە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئارقىدىن، 24-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇنداقلا كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوشۇمچە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇملار پاكىتلىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سوللىۋېن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قوپال مۇئامىلە ۋە ئىسكەنجە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇھىم ئىسپاتلار بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» دەۋاتقان ئورۇنلاردا ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن دوكتورلار ۋە پروفېسسورلارغا ئوخشاش ئاللىقاچان كەسىپ ئەھلى كىشىلەرنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بولمىغان سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتى، دەپ كۆرسەتتى.

سوفى رىچاردسون خانىممۇ بۈگۈنكى سۆزىدە، خىتايغا ئوخشاش مۇستەقىل ئاخبارات بولمىغان بىر دۆلەتتە بىر كىشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تولىمۇ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى دەرىجىلىك بېسىم بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ۋە مۇستەقىل ئاخباراتچىلىق بولمىغان بىر دۆلەتتە قانداق بولۇپ بىر كىشىنىڭ ياكى توپلۇلۇقنىڭ بەختلىكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەتتە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزگەن كىشىمۇ جازالىنىدىغان تۇرسا. مەسىلەن، ئىلھام توختى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇ ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان پىكرىنى تىنچلىق بىلەن ئىپادە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنداقتا ئىلھام توختى بەختلىكمۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن قىزى جەۋھەر بەختلىكمۇ؟ مانا بۇ تولىمۇ روشەن سېلىشتۇرما.»

24-سېنتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگەن يەنە بىر مۇھىم تېما بولسا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىلىش مەسىلىسى بولدى. ئەنگلىيەدىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق بىر مۇستەقىل خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتى ھامىد سابى 24‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە سېتىۋاتقانلىقى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جىنايەتكە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش «مەجبۇرىيىتى» نىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ۋەقەمۇ خەلقئارادىكى ئاخباراتلاردا كۈچلۈك دىققەت تارتتى.

يېقىندا يەنە، 600 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا كورلا ۋوگزالىدىن مەخسۇس پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىنىڭ ئۇلار دەۋاتقاندەك «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» ئورنى ئەمەسلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشنى كېڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ باستۇرۇشلىرىغا ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور سوفى رىچاردسون خانىممۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى بىكار قىلمىغۇچە، ئەركىن ئاخباراتچىلىقنى، ئەركىن سايلامنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويمىغۇچە دۇنيانى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ئەركىنلىك سارىيىمۇ بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ 70 يىللىقىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى، خىتايدىكى دىنى گۇرۇپپىلارنىڭ، ئۆكتىچى زىيالىيلارنىڭ زەربىگە ئۇچراپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان 1949-يىلىدىن بۇيان ئون مىليونلارچە كىشىنىڭ بۇ رېجىمنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە باياناتىدا، نۇرمۇھەممەد توختى، ئىلھام توختى ۋە تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارنى خىتايدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ۋىجدان مەھبۇسلىرى قاتارىدا كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت