قەشقەردە قارانچۇقسىز قالغان بالىلار ھەققىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز سادا
2018-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۆسمۈرلەرنى يۆلەش فوندى» خادىملىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقان كۆرۈنۈشى(مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان). 2018-يىلى سېنتەبىر، قەشقەر
«ئۆسمۈرلەرنى يۆلەش فوندى» خادىملىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقان كۆرۈنۈشى(مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان). 2018-يىلى سېنتەبىر، قەشقەر
childrenshope.org.cn

يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا تارقىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرى» غا سولانغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر تورلاردا كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق بىر ناچار ۋەزىيەتنىڭ پەرزەنتلەرگە پەيدا قىلىۋاتقان سەلبىي تەسىرىمۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان بىر قىزىق نۇقتا بولماقتا. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بىگۇناھ لاگېرغا سولىنىشى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانا مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاچقان دارىلئېتام ۋە بالىلار لاگېرىدا «تەربىيە» ئالماقتىكەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ 24-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار كۈنىنى ئۆزى ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتىۋالغان «دارىلئېتام» لارغا يوللانسا، يەنە بەزىلىرى بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلگەن. بۇ بالىلارنىڭ يېنىدا ئۇلارنى ئەركىلىتىدىغان، ئۇلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىدىغان ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولمىغانلىقتىن ئۇلار يېتىم بالىلارغا ئوخشاش بوينىنى قىسىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكلىرى ئاران 2 ياش ئىكەن.

«ئاسىيا خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 28-سېنتەبىر سانىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پەرزەنتلەرگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەسى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇننىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامالغان مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ئىگىلەش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ. ھازىرغا كەلگۈچە توپلىغان ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، لاگېردىكىلەر سانىنىڭ بىر مىليوندىن كۆپلۈكى قىياس قىلىنماقتا. چۈنكى بىز قازاقىستاندىن 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولغان 10 نەچچە كىشىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ 2017-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۇق.»

ماقالىدە يەنە مېلبورندىكى لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرى تەتقىقاتچىسى جەيمىس لېيبولد ئەپەندىم خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان دارىلئېتاملار توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 2 يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى ماختاپ كەلدى. بۇ قارىماقتا ناھايىتى قالتىس ۋە سېخىيلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پروگراممىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىگە ئىنتايىن يامان بىر غەرەز يوشۇرۇنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋۋال چوڭلارنى لاگېرلارغا سولاپ، بالىلارنى ئۇلارنىڭ بوۋا-مومىلىرىنىڭ قارىشىغا قالدۇرۇپ قويغان شۇنداقلا ئۇلارنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغان. بۇ ئەمەلىيەتتە 80- ۋە 90-يىللاردا تۇغۇلغان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىملىك يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

بىر قانچە ئاي ئىلگىرى خىتايدىكى «ئۆسمۈرلەرنى يۆلەش فوندى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مەزكۇر فوندىنىڭ قەشقەردىكى ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ باشقا جايلارغا ئىش قىلغىلى كەتكەنلىكىدىن بولغان دەپ چۈشەنچە بەرگەن ئىدى.

نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈندىداردا يەنە مۇشۇ فوندىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قەشقەردىكى ئاتالمىش «ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار» غا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش-ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر تارقالدى. ئۇچۇردا ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنى ھەر ئىككى ھەپتىدە شۇ پائالىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەكتەپلەرگە بېرىپ، ھەر خىل سۆھبەت، ئويۇن قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئوقۇش يېشىغا يەتكەن، ئەمما ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنى يېنىدا بولمىغان بالىلارنى نازارەت ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

بىز بۇ پائالىيەتتىن تېخىمۇ تەپسىلىي خەۋەردار بولۇش مەقسىتىدە جەشجەردىكى مۇشۇ تۈرگە مەسئۇل خادىمغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ خادىم ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئاشۇنداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قارانچۇقسىز بولۇپ قالغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا شارائىت مەسىلىسى سەۋەبلىك بەك كۆپ ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قاتاردا بىز يەنە مۇشۇ تۈر دائىرىسىگە كىرگەن قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى مەركىزىي يەسلىسى ۋە دۆلەتباغ يېزا 10-كەنتتىكى «يېڭى يۇلتۇز» باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تېلېفون نومۇرى قۇرۇق نومۇر بولۇپ چىقتى. بىز ئارقىدىنلا مەزكۇر پائالىيەت دائىرىسىگە كىرمىگەن قەشقەر شەھەرلىك 1-بالىلار باغچىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر ئايال خادىم پاختەكلى يېزىسىدىكى يەسلى توغرىلىق ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇنداق ئېگە-چاقىسىز قالغان پەرزەنتلەرنىڭ پسىخىكىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ دېگەن تېمىدا كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق. ئۇ ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «پەرزەنتلەرنىڭ بۇنداق كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىشى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتتىق سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق بالىلاردا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پسىخىكىسى شەكىللىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلاردىن كېيىنكى ئەۋلادلاردىمۇ بۇنداق پاسسىپ پسىخىكىلىق ھادىسە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى گەرچە قارىماققا بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ بىر مىللەتنى يوشۇرۇن قىرغىن قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت