مازارلارغا قونغان سوئال بەلگىسى

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2020-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەبرىستانلىقتا كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
قەبرىستانلىقتا كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاي ئىشلىگەن تىك توك، ۋىچەت قاتارلىق ئەپلەرىدىن تارقالغان ئۇچۇرلاردا خوتەندىكى سۇلتانىم، ئىمام ئاسىم، ئىمام جەپىرى سادىق، قەشقەردىكى سۇلتان ئارسلانخان، ئوردىخان پادىشاھىم، ياركەنتتىكى دوخان پاشا قاتارلىق مىڭ يىللىق تارىخنى قۇچاقلاپ ياتقان مازارلارنىڭ چېقىلىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا چېقىلغان مازارلار يۈزدىن ئاشىدىكەن.

مازارلارنىڭ چېقىلىشى خەلقئارادا تەسىر قوزغىغاندەك ئۇيغۇرلاردا دىققەت قوزغىمىدى، بولۇپمۇ مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىغا ئوخشاش كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىيالمىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئېلان قىلغانلىرىدىن باشقا قولىمىزدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن توپلانغان مەلۇمات يوقنىڭ ئورنىدا.

ئەمەلىيەتتە مازارلارنىڭ چېقىلىشى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە. چۈنكى مەسچىتلەرنى قايتا سېلىۋالغىلى بولىدۇ، قانداق سېلىشنى خالىسا شۇ ئۇسلۇبتا قۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما كۆچۈرۈلگەن مازار تاۋاپسىز قالىدۇ، خاراب قىلىنغان، ئىزى يوقىتىلغان مازارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

مازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ چوڭ مۇراسىمنىڭ بىرى بولغان ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئادەتلەرنىڭ پائالىيەت سورۇنى. بىر ئۇيغۇر ئادەتتە مەسچىتلەرگە بارماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە قەبرىستانلىققا بارماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

ئۇيغۇر بولۇپ ئۆسكەن ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆلۈمىنىڭ جەمەتىدىن قالغان قەبرىستانلىقتا ئۇزىتىلىشىنى، ئاتا بوۋىسى كۆمۈلگەن تۇپراقتا كۆز يۇمۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مازارلارنى خاراب قىلىشى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدىكى مەناغا، كوللېكتىپ ھاياتىدىكى مىزانغا ۋە ئاخىرەتلىك ئارزۇ-ئارمانلارغا قەدەر چېقىلغانلىقتۇر. خىتاينىڭ مازارلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلغاندا كۆزلەرگە مۇنداق نۇقتىلار تاشلىنىدۇ.

مازارلار ئۇيغۇرلارنى ئەجدادىنىڭ مىللىي قىسمەتلىرىگە باغلايدۇ، كۈرەشچان تارىخىغا باغلايدۇ. خوتەندىكى سۇلتانىم مازىرى ئۇيغۇرلارغا مەشھۇر «ئابدۇراخمان خانغوجا» داستانىدىكى ئابدۇراخمان خاننى ئەسلىتىدۇ. ئابدۇراخمان خانغوجا 1860-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ خوتەندىكى يالقۇنىغا ئوت ياققان ھەبىبۇللا مۇپتىنىڭ ئوغلى. بۇ ئىنقىلابتا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ۋە قوماندان ئابدۇراخمان خانغوجا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. بۇ مازارنى ۋەيران قىلىش دېگەنلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىنقىلاب تارىخىنى پايخان قىلغانغا باراۋەر. مازارلار ۋەيران قىلىنسا ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا رىشتە ئۈزۈلىدۇ. بۇ ھالدا مىللەتتە ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەجدادىنىڭ ئىنقىلابىغا، ئىرادىسىگە ۋە روھىغا ئەگىشىش سۇسلايدۇ.

مازارلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ دەرسخانىسىدۇر. قەشقەردىكى ئوردىخان پادىشاھىم مازىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانلىرىدىن ئېلى ئارسلانخانغا باغلىنىدۇ. بۇ مازار خوتەندىكى ئىمام ئاسىم، ئىمام جەپىرى سادىق مازارلىرىغا ئوخشاش قاراخانىيلار دۆلەت ئارمىيەسىدىن شېھىت بولغانلار ياتقان جاي. ياركەنتتىكى دوخان پادىشاھىم مازىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى دۆلەتلىرىدىن سەئىدىيە خانلىقىغا شاھىت بولغان شەخسلەرنىڭ ياتقان جايى. ئۇچ تۇرپاندىكى «يەتتە قىزلىرىم» مازىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇ باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر. يۇقىرىقى مازارلار ئۇيغۇرنىڭ تارىخ دەرسخانىسى بولغاچقا شەرقى تۈركىستاندىكى تاۋاپچىلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇقەددەس تاۋاپگاھلاردىن بولۇپ قالغان.

مازارلار ئۇيغۇرغا ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىنى ۋە سەنئىتىنى تونۇتىدۇ. مازارلاردا مەخسۇس داستانچىلار، مۇقامچىلار ۋە مەدداھلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەسەرلىرىنى ئورۇنلايدۇ. ھەر بىر مازاردا ئوقۇلىدىغان ناخشا قوشاقلار ۋە شۇ يەرلەردە ئوقۇلىدىغان تارىخى داستانلار بار. مەسىلەن، «ئورداخېنىم» ناخشىسى، «ئابدۇراخمان خانغوجا»، «نۇزۇگۇم» داستانلىرىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قۇلاقلىرىغا قۇيۇۋەتكەن سورۇن ئاشۇ مازارلاردۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلار، ئالىملار، خاقانلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى مۇھىم بولغاچقا بۇ مازارنى تاۋاپ قىلىشمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇنداق خاسىيەتلىك ھېسابلانغان.

مازارلار ئۇيغۇرنىڭ جامائەتلىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۇيۇشىدىغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى. بۇ سورۇن خىتاينىڭ 1949-يىلدىن بۇيانقى تاجاۋۇزىدىن كېيىنمۇ پۈتۈنلەي مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەرگە مائاشلىق ئىماملارنى قويغان بىلەن مازارلارغا ئۇنداق ئارىلىشىپ بولالمىغان. ئۇيغۇردا بەزى نامايىشلار مېيىت نامىزىدىن قوزغالغان. بۇرۇنقىسىنى ئالساق 1980-يىلى قەشقەردە بولغان نامايىش ۋە ئاخىرقىسى 2014-يىلى كەلپىندە بولغان نامايىشلار مېيىت نامىزىدىن قوزغىلىپ چىققان.

مازارلارنىڭ چېقىلىشىنىڭ ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۆلچەرلىگۈسىز مەنىۋى زەخمەت پەيدا قىلىدۇ. بۇ زەخمەت ھەم ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى، ھەمدە مىللەتنىڭ روھىنى زېدىلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى مازارلارنى چېقىپ، يۆتكەپ ۋەيران قىلغان يەرلەردە مەسچىتتە ياكى قەبرىستانلىقتا ئوقۇلىدىغان مېيىت نامىزىنىڭ قەيەردە ئوقۇلۇۋاتقانلىقى بىر سوئال بەلگىسى. خىتاي دەپنەخانا دېگەن ئورۇننى قۇرغان بولۇپ بۇ بەلكىم مېيىتنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پسىخىكىسىنى، مىللەتنىڭ روھىنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن دەپنە ئادىتىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مېنىڭچە خىتاينىڭ مازارلارنى چېقىشى، قەبرىستانلىقلارنى يۆتكىشى، دەپنە ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئادىتىنى چەكلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشتىكى پىلانلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى. خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دېگىنى ئۇيغۇرنى خىتايدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى يوقىتىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنمەكتە.

خىتاينىڭ مازارلارنى پىلانلىق ۋەيران قىلىشى ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى پەرقلىق ناملار بىلەن ئاتالغان ئورۇنلارغا قامىشىدىن كېيىن يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋۋال كىشىلەرنى تۈرلۈك گۇمانلار بىلەن قامىغان، قامالماي قالغانلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىغا بولغان مۇھەببىتىنى سىناش ئۈچۈن مازار چېقىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىققان. دەپنەخانىلارنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان ساداقىتىنى سىنىغان. مازارلارنى چېقىشقا سۇسلۇق قىلغان ئۇيغۇر رەھبەر ۋە كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىچى»، نارازىلىق بىلدۈرۈپ چىققان، قەبرىلەرنى يۆتكەشكە قوشۇلمىغان ئاۋام «ئىدىيەسى زەھەرلەنگەن» دېيىلىپ لاگېرلارغا يوللانغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر شەھەرلىرى ۋە ئەنئەنىۋى يېزا بازارلىرىدا مازارلار چېقىلىپ، قەبرىستانلىقلار ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن ئىنسان تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى تۇپراققا، يۇرتقا باغلاپ تۇرىدىغان يىلتىزى قومۇرۇلغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. ھېيت بايراملاردا يوقلىغۇدەك ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان قەبرە، ياكى تەۋەررۈك مازارلار قالمىغان ئۇيغۇرلارنى ئەسلى يۇرت ماكانلاردىن ئايرىش، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي قاپلىغان شەھەرلەرگە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ قۇللارچە ئەمگەككە سېلىش نىسبەتەن ئاسانلىشىدۇ. شۇڭا مازارلارنىڭ چېقىلىشىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، خىتايلار ئارىسىغا چېچىپ يوق قىلىش پىلانى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.

چېقىلغان مازارلارغا بەدەل قىلىنىدىغاندەك ھەر كەنتكە بىردىن سېلىنغان جەسەت كۆيدۈرۈش مەركەزلىرى كىشىنىڭ تېنىنى شۈركۈندۈرىدۇ. مۇتلەق نازارەت، تەھدىت ۋە قورقۇنچتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئىشىك ئالدىغا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش تېخىمۇ زور ساراسىمە پەيدا قىلىدۇ. بەلكىم خىتاي كىشىلەرگە مۇشۇنداق ۋەھىمە سېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى بارلىق ئەخلاقى، ئەنئەنىۋى مىزانلارنى چۆرۈپ تاشلاپ ياشاشقا، ھەر قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھايات قېلىشقا، كۆيۈپ كۈل بولۇشتىن بۇرۇن ھاياتتىكى ئاخىرقى ئاپتاپتىن بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشقا زورلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

مازارلارنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىمۇ خېلى بار. مەسىلەن، قەشقەردىكى ئاپئاق خوجا مازىرى، تۇرپاندىكى ئىمىن خوجا مازىرى، قۇمۇلدىكى ۋاڭلارنىڭ مازارلىقى ھېلىمۇ مەۋجۇت. بۇ مازارلار چېقىلماقتا يوق، بېزىلىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. چۈنكى ئاپئاق خوجا ۋە ئىمىن خوجىلار خىتاينىڭ نەزىرىدە ۋەتەنپەرۋەر زاتلار بولۇپ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇشتا ھەسسە قوشقان كىشىلەرنىڭ قەبرىسىدۇر.

چېقىلىۋاتقان مازارلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئېھتىماللىقى بولغان جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى 2016-يىلى مايدىن باشلاپ سېلىنىۋاتقان بولۇپ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2020-يىلى 11-ئاپرېل تارقاتقان خەۋىرىدە داۋاملىق سېلىنىۋاتقانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن.

مازارلار چېقىلدى. چېقىلغان مازارلارغا قاراپ غۇرۇرلار زېدە بولدى، ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ئاۋات قىلىپ كەلگەن تۇپراقلاردا ئەجدادىمىزنىڭ روھى قورۇندى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىش سىياسىتىنى گىتلېرنىڭكىگە ئوخشاش فاشىستلىق دەپ قارايمەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلىۋاتقىنى خۇددى ناتسىستلار پارتىيەسى يەھۇدىيلارغا قىلغان ئۆچ ئېلىش تەدبىرىدۇر. چۈنكى خىتاي ئەنئەنىسىدە ئۆچ ئېلىشنىڭ ئەڭ ئەشەددىي شەكلى دۈشمەن كۆرۈلگەن تەرەپنىڭ ئاتا بوۋىسىنىڭ قەبرىسىنى بۇزۇۋېتىشتۇر. بۇنداق قىساسخورلۇق، ئۇيغۇر قىساسچىلار تەشكىلاتىنى پەيدا قىلمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە خىتاينىڭ پۈتكۈل جاھانغا يېيىلغان مەنپەئەتى ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ياۋايىلىق، قىساسخورلۇق ۋە ۋەھشىيلىك ئىچىدىن قانداق ۋە قاچان قۇتۇلۇپ ئادالەت دۇنياسىغا قاچان قايتىپ كېلىشى بىر چوڭ سوئال بەلگىسى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت