«باڭكوك پوچتىسى» نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئوبزورى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2016-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
باڭكوكتىكى پارتلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 2 ئۇيغۇر گۇماندار 2-قېتىملىق سوتىدىن قايتىپ چىقماقتا. 2016-يىلى ماي، تايلاند.
باڭكوكتىكى پارتلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 2 ئۇيغۇر گۇماندار 2-قېتىملىق سوتىدىن قايتىپ چىقماقتا. 2016-يىلى ماي، تايلاند.
RFA/Pida’iy

«باڭكوك پوچتىسى» گېزىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر پارچە ئوبزورىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىلىرىنى «ئەخمىقانىلىك» دەپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ماقالە ئاپتورىمۇ ماقالىدىكى بەزى قاراشلىرىدا خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

20-نويابىر كۈنى تايلاندتا چىقىدىغان «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىدە 2015-يىلىدىكى «ئېراۋان بۇتخانىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىدە قولى بار» دەپ گۇمان قىلىنغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوتقا تارتىلىش جەريانى شەرھلەنگەن بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى.

تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوك شەھىرىدىكى «ئېراۋان بۇتخانىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسى» ئۆتكەن يىلى 17-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئاز دېگەندە 20 ئادەم قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن مىرئەلى يۈسۈپ ۋە ئادام قاراداغ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، تەرجىمان مەسىلىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن بىرنەچچە قېتىم ئارقىغا سۈرۈلگەن سوت يېقىندا، يەنى 15-نويابىر تايلاند ھەربىي سوتىدا قايتا باشلانغان.

دائىرىلەر بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى «پارتلىتىش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

«تەرجىمە مەسىلىسى» ناملىق مەزكۇر ئوبزورنى «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ياردەمچى مۇھەررىرى ئالان داۋسون قەلەمگە ئالغان. ئوبزوردا ئاپتور ئاتالمىش «شىنجاڭدا دىنىي رادىكاللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى» نى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى «دىنىي رادىكاللىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تېررورچىلار» قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان. ئوبزوردا يەنە، ھازىر كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» زوراۋانلىقىنى قوللايدىغان شەكىلدە سۈرەتلەنگەن.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى رادىكال دىنچىلار ۋە بۇلارنىڭ دېموكراتىك ئەللەرگە قېچىپ بېرىۋالغان قېرىنداشلىرى-تورونتودا تۇرۇپ خىتايغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان-زوراۋان تېررورچىلىققا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئۆز چېگرالىرىدىن ناھايىتى ئۇزاقتا تۇرۇپ، بۇ زوراۋانلىقىنى ھېچقايسى تەرەپ بىلەن چېتىشلىقى بولمىغان بىگۇناھ كىشىلەرگىمۇ ئىشلىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىللىق ۋە بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئەخمىقانىلىككە ئىشىنىدۇ.»

ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» نىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابلاجان لەيلىنامان ئەپەندى بايانات بېرىپ، «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» نىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ماقالىدىكى بۇ قاراشلارنىڭ پاكىتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابلاجان لەيلىنامان مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى باڭكوك پوچتىسى گېزىتىنى خەلقئارالىق ئاخباراتچىلىق ئەخلاقىغا ئىنتايىن چوڭ خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارايمىز. ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ مىللەت كىملىكىمىزگە، زېمىن پۈتۈنلىكىمىزگە، ھېچقانداق قانۇنى ئاساسقا تايانمىغان ھالدا ھاقارەت قىلدى دەپ قارايمىز. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى تاشقىرىدىكى پائالىيەتلىرىدە ھېچقاچان ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلمىدۇق ھەم قىلمايمىز. قوراللىق قىرغىنچىلىقنى ھېچ ياقىلىمايمىز. بۇنداق ئىش بىزنىڭ سىياسىتىمىز ۋە ئاساسىي قانۇنىمىزغىمۇ خىلاپ. بىز ۋەتىنىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ خەلقىمىزنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى رەسمىي بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ جاكارلاش بىلەن بىللە، خەلقىمىزنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى دەپ قارايمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ماقالە ئاپتورىمۇ، ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلىرىنىڭ بەزىلىرىدە يەڭگىلتەكلىك قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى زوراۋانلىققا چاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، مۇخبىرىمىزنىڭ «سىز ئوبزوردا، ‹شىنجاڭدىكى دىنىي رادىكالچىلار› دېگەن گەپنى ئىشلىتىپسىز، ‹شىنجاڭدا دىنىي رادىكالچىلار› نىڭ بارلىقىنى نەدىن بىلدىڭىز؟ خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسەن شۇنداق دېمەكچىمۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەردى: «بۇ نۇقتىدا مېنى تۇتۇۋالدىڭىز.‹رادىكال ئىسلام› بۇ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئىبارە. مەن شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلسەممۇ، ئەمەلىيەتتە ‹رادىكال ئىسلامچىلار› دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىگىمۇ دوقۇرۇشۇپ قالغىنىم يوق. ئۇ يەردە، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىشەنگەنلەر، تېررورلۇق ئېلىپ بارىدىغان گۇرۇپپىلارنى ئىسلام دۆلىتىگە قەدەر قوللايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا دىنىي زۇلۇمغا قارشى، زوراۋانلىق يولى بىلەن خىتاي بىلەن جەڭ قىلىشنى ئەلا بىلىدىغان بۆلگۈنچىلەرمۇ بار. ئەمما راستىمنى ئېيتسام ‹شىنجاڭدىكى دىنىي رادىكالچىلار› دېگەن ئۇ سۆزنى ئىشلەتمىگەن بولسام بوپتىكەن.»

ئۇ يەنە مۇخبىرىمىزنىڭ «سىز، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا ئىشىنىدۇ› دەپسىز، بۇنىڭغا قانداق بىر پاكىت كۆرسىتىسىز»» دېگەن سوئالىنى تۆۋەندىكىچە شەرھلىدى: « ياق، ياق، مەن ئۇنداق دېمىدىم. مەن بىر جۈملىدە ئىككى نەرسىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. مەن بۇ يەردە شىنجاڭدىكى دىنىي رادىكالچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ زوراۋانلىققا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازدىم ھەمدە ئەخمەتجان ئوسماننىڭ خىتاينى تورونتودا تۇرۇپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەمەلىيەتتە ئەخمەتجان ئوسماننىڭ كانادادىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىدىن باشقا، ئۇنىڭ توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلمەيمەن.»

ئالان داۋسون، مۇخبىرىمىزنىڭ «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىلىرىنى ‹ئەخمىقانىلىك› دەپسىز، نېمىگە ئاساسەن بۇنداق بىر كەمسىتىش ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ قالدىڭىز؟» دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدىن ئايرىلىشنى ئىستەشنىڭ ھەقىقەتەن «ئەخمىقانىلىك» بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ۋە ياكى خىتايدىن ئايرىلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ بىر كۈلكىلىك ئىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مەسىلەن تىبەتنى ئالايلى، 2016-يىلىدا دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت تىبەتنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت بەرمەيدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت.

مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈش ساراڭلىق ۋە شۇنداقلا مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا ساراڭلىق. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى بارلىق مەزلۇم مىللەتلەرگە ئوخشاشلا يۈرەك-باغرى دەرد-ئەلەمگە تولۇپ تاشقان بىر خەلق، ئەمما بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.»

ئەمما، ئالان داۋسوننىڭ بۇ قاراشلىرى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلىيار شەمشىدىن ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئۇ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىنى «ئەخمىقانىلىك» دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئېلىيار شەمشىدىن مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق ھەرىكەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئەمما بىزنىڭ غايىمىز مۇستەقىللىق. مۇستەقىللىق غايىسى دېگەن ئەخمەقلەرچە غايە بولمايدۇ.»

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇتەخەسسىس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئوبزورچى ئالان داۋسون ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە يوللىغان جاۋابىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «تېررورلۇق ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلىمەن. ئوبزورۇمدا مەركەز قىلىنغان بۇ ئىككى كىشى ياخشى تەتقىق قىلىنغان. كۆپ تەرەپلەردىن ئېيتقاندا، بۇلار خىتاي-شىنجاڭ سىستېمىسىنىڭ قۇربانىدۇر. ئەمما ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى قاتىللاردۇر.»

ئالان داۋسوننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇھەررىرى كامىل تۇرسۇننىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ سۇبيېكتىپ قاراشلار بىلەن تولغانلىقى، تېخىچە جىنايىتى بېكىتىلمىگەن مەھبۇسلارنى «گۇماندار» دەپ ئاتاشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كامىل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېزىلگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بولۇشى كېرەك. بۇ ئەقەللىي بىر قانۇنىيەت، ئەقەللىي بىر ساۋات. خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ئاخبارات ھۆكۈمەتنىڭ يېنىدا، زوراۋاننىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. ‹باڭكوك پوچتىسى› مۇ خىتايغا ئوخشاپ قالدى. بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى ھەر قېتىم تەرجىمان مەسىلىسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇمۇ بىر سەتچىلىك ۋە رىزالەت. ‹باڭكوك پوچتىسى› تېخى سوت قارار چىقارماي تۇرۇپ بۇ ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنى ‹قاتىل› دەپ ئاتىغان. بۇنىڭ ئۆزى بۇ گېزىتنىڭ نەقەدەر خىتايغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.»

ئالان داۋسون كانادادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ياردەمچى تەھرىرى بولۇپ ئىشلەيدىكەن.

ئۇ، بىزگە يوللىغان جاۋابىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنى 40 يىلدىن بېرى تونۇشقا باشلىغانلىقى، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئەھۋاللارغا بەك قىزىقىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ياخشى ئۆگىنىشكە تىرىشقانلىقى، «باڭكوك پوچتىسى» گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەش جەرياندا بېيجىڭنىڭ بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئائىت ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا ھەسسە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت