خىتاينىڭ «نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا ئېلىش» ھۆججىتى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
2009-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻟﻪﻧﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىى تەستىقلىغان «نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر»نامىدىكى ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ، 2016-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇلتۇر ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا، خىتايدا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ نوپۇسسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن رايوندا نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم. دائىرىلەر 2016-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇلغان «نوپۇسسىزلارنى تىزىملاپ نوپۇسقا ئېلىش» ھۆججىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانداق ئىجرا قىلىنىشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئىلگىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلار ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ تۇغۇلغانلار، نىكاھسىز تۇغۇلغانلار، تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرمىگەنلەر، چەتئەللىكلەر بىلەن نىكاھسىز مۇناسىۋەتتە تۇغۇلغانلار، قانۇنىي رەسمىيەتلەرسىز بېقىۋېلىنغانلار، يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلەر، توي قىلىپ باشقا جايغا كەتكىنى ئۈچۈن يۇرتىدا نوپۇستىن ئۆچۈرۈلگەنلەر، باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كەتكىنى ئۈچۈن نوپۇستىن ئۆچۈرۈلۈپ كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتقىنىدا نوپۇسسىز قالغانلار قاتارلىق 8 خىل «قارا نوپۇس» لارنىڭ شەرتسىز نوپۇسقا ئېلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئىلگىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن نوپۇسسىز قالغۇچىلارنى قايتا نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشى خەلقئارادا ۋە خىتاي ئىچىدە دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلاردىن بىرىگە ئايلاندى.

خىتاي ئىچىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «سەيشىن» خەۋەر تورىنىڭ نوپۇس سەھىپىسىنىڭ يازگۇچىسى خۇاڭ ۋېنجىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ‹ قارا نوپۇسلارنى تىزىملاپ نوپۇسقا ئېلىش› ئۇقتۇرۇشى، ئىلگىرى يولغا قويۇلغان بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك نوپۇسسىز قالغانلار ئۈچۈن ياخشى خەۋەر دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسسەن ئاتالمىش ‹قارا نوپۇس› لار نوپۇسقا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇش، داۋالىنىش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پۇرسەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەمما يېڭى بەلگىلىمىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە» دېگەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى تەن جۇڭلېمۇ تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرۈپ، «قارا نوپۇسلارنى قايتا نوپۇسقا ئېلىش» بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا توسالغۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرمۇ يولغا قويۇلۇۋاتقان پىلانسىز تۇغۇلغان بالىلارنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا، «ئىجتىمائىي بېقىش پاراۋانلىقى» نامىدا كۆپلەپ جەرىمانە ئېلىش تۈزۈمى بار، ئىلگىرى بۇ خىل جەرىمانىلەرنى تۆلەش ئىمكانىيىتى بولمىغىنى ئۈچۈن «قارا نوپۇس» بولۇپ قالغانلارنىڭ يېڭى بەلگىلىمە بويىچە نوپۇسقا تىزىملىتىشىغا يەنىلا توسالغۇ بۆلىشى مۇمكىن. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ئېغىر جەرىمانىنى تۆلەپ بالىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن.

رادىئومىز بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، يەرلىكتە قاتتىق ئىجرا قىلىنغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبىدىن 90-يىللاردىن باشلاپ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن پىلاندىن سىرت ھامىلىدار بولغۇچىلارنىڭ بالىسىنى يوشۇرۇن تۇغۇش ۋە ئېغىر جەرىمانىدىن قېچىش سەۋەبلىك نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلارنىڭ كىملىكى بولمىغىنى ئۈچۈن ئوقۇش، داۋالىنىش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىيدىكى مەلۇم بىر ناھىيىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيىدە بۇ يىللاردا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنغىنى ئۈچۈن، مەيلى ناھىيە بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن، تۇغۇلغان بالىلارنى نوپۇسقا ئېلىشتا تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسى تەلەپ قىلىنغىنى ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللارنى دوختۇرخانىدا تۇغدۇرۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن بىر خانىم، ئۆزى كۆرگەن ئەمەلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى ئايلىق تۇغقان يوقلاش زىيارىتىدە ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى، رايوندا قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز تۇغۇلغىنى ئۈچۈن، نورمال ياشاش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆيدە يوشۇرۇن بېقىلىۋاتقان بالىلار ئىكەنلىكىنى، بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز، تەربىيىسىز قېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ پىلانسىز بالىلىق بولغىنى ئۈچۈن ئېغىر جەرىمانە تۆلەش ھەتتا جەرىمانىنى تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ تۈرمىلەردە يېتىش قىسمىتىگە يولۇققان ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ۋە ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا يىللاردىن بېرى خەۋەر قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما خىتايدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يەنىلا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلماسلىقى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبىدىن نوپۇسسىز قالغان خىتاي پۇقرالىرى مەسىلىسى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا ئېلىش» ئۇقتۇرۇشى ۋە بۇ بەلگىلىمىنىڭ جرا قىلىنىش ئەمەلىيىتىگە ئىجابىي قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، «خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ‹نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا ئېلىش› ئۇقتۇرۇشى گەرچە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدە قارا نوپۇس بولۇپ قالغان خىتاي پۇقرالىرىنى قايتا نوپۇسقا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بەلگىلىمە ئىلگىرى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن قېچىپ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ كۆپ پەرزەنتلىك بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قانۇنلۇق نوپۇسقا ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن» دەپ بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان يېڭى بەلگىلىمە ھەققىدە توختىلىپ ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇللا ئەپەندى يەنە، بۇلتۇر تايلاند، ۋىيېتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىگە پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن خىتاي چېگراسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى نەقىل ئېلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قېچىشىغا ئۇلارنىڭ خىتايدىكى مەزگىلىدە دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي دائىرىلىرى يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن قېچىشى سەۋەب بولغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت